قۇرئان يولى
كۆز تېگىش يوق، ھەسەت بار 1

كۆز تېگىش يوق، ھەسەت بار

         كۆز تېگىش ۋە ھەسەت

تۈرك مۇسۇلمانلاردا جۈملىدىن بىزگە ئوخشاش نەچچە خىل دىن ۋە ئېتىقادلارغا ئىشىنىپ باققان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردا ئىسلامغا كەلگەندىن كىيىنمۇ تاشلىيالمىغان ۋە ۋاز كېچەلمىگەن كونا دىننىڭ ئادەتلىرى تەلتۆكۈس تۈگىگەن ئەمەس. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا؛ كۆز تىگىش مەسىلىسى دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئەمەس، كونا باتىل دىنى ئېتىقادلىرىمىزدىكى «رۇھ ۋە ئىنسان مۇناسىۋەتلىرى»دىن تەرەققى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان بىر ئېتىقاددۇر. چۈنكى كۆز تېگىشكە ئىشىنىش پىرىنسىپى دەلىل، ئىسپات، پاكىت ۋە ھۆججەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىلىمگە، تەپەككۇرغا ۋە چۈشىنىشكە چاقىرىدىغان ئىسلامنىڭ مەنتىقى بىلەن قارىمۇقارشى كېلىدۇ.

كۆز تېگىش ئەسلىدە ھەسەتتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى كۆز قەلبنىڭ ئەلچىسى ۋە قورالىدۇر. ھەسەت، بىراۋدىكى نېمەتنى تونۇغاندىن كېيىن قەلبتە ھاسىل بولىدىغان چىدىماسلىق تۇيغۇسىدۇر. كۆز بۇ تونۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ۋاسىتىسىدۇر. ھەسەتنىڭ تەسىرى كۆزدە ئاشكارا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا ھەسەت قىلىش،  كۆز تېگىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دەرۋەقە كۆز تېگىش ھەققىدە كەلگەن رىۋايەتلەرگە قارىساقمۇ كۆزنىڭ ھەسەتتىكى رولىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار.  مەسىلەن: ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەردە بىر نېمەتنى كۆرگەن شەخسنىڭ قەلبى ئۇلارغا ھەسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شەخسنىڭ قاراشلىرى نەپرەتكە ئۆزگىرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆزلىرى قەلبىدە يوشۇرۇلغان ھەسەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ھەسەت بەزەن ھەسەت قىلىنغۇچىغا يامانلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

ئەقىل بىلەن قارىغان ۋاقتىمىزدا پەقەت بۇ جىسمانى كۆزىمىز بىلەنلا بىرىگە قاراپ زىيان سېلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئىش ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. ئۇنداق ئىش مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ھەممە ئادەم ئۆزى ياقتۇرمايدىغان، ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى كۆزى بىلەنلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا قان تۆكىشىگە كېرەك قالمىغان بولاتتى. بۇنداق ئىشنى «راست بولىدۇ» دەپ داۋراڭ سالىدىغانلار بىرەسىنى شۇنداق قاراپلا، كۆزىدىن نۇر چاقنىپ  بىر تەرەپ قىلىپ باقسۇن قىنى. شۇڭلاشقا بىز كۆز تىگىشنىڭ ئىسلامدا ھېچقانداق ئاساسى يوق، خۇراپاتتۇر دەيمىز. چۈنكى بىز كائىناتتا ئاللاھتىن باشقا تەسىر قىلغۇچىنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنىمىز، يەنى پايدا – زىيان ئاللاھتىن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ بېكىتىپ قويغان قانۇن ۋە بەلگىلەپ قويغان يول بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا زىيان كېلىش ئۈچۈن بېكىتىپ قويغان قانۇنلارنىڭ ۋە بەلگىلەپ قويغان يوللارنىڭ ئىچىدە ئەمەلى بىر زىيان سالىدىغان ھەرىكەت بولماي تۇرۇپ، يامان كۆز بىلەن قاراش يوق.

شۇنداق بولسىمۇ بىز بۇ ماقالىمىزدا ئاۋۋال «غەزەپلىك قاراش قارالغان كىشىگە تەسىر قىلىدۇ (يەنى كۆز تېگىدۇ، كۆز تېگىش بار)» دەپ قارايدىغان ئۆلىمالارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، ئاندىن بۇ كۆز قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلايمىز:

1.     كۆز تېگىشكە دەلىل قىلىنغان ئايەتلەر

﴿وَإِن يَكَادُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَيُزۡلِقُونَكَ بِأَبۡصَٰرِهِمۡ لَمَّا سَمِعُواْ ٱلذِّكۡرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُۥ لَمَجۡنُونٞ  ٥١﴾

«كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە: ‹ئۇ ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر› دەيدۇ»[1].

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: كاپىرلار رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق غەزەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەپرەت كۆزلىرى بىلەن قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتلىرىنى تېيىلدۇرۇپ يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. لېكىن يېقىتىۋېتەلمەيدۇ. 

بۇ ئايەت كۆز تېگىشكە دالالەت قىلمايدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك ئۆلىمالار دېگەندەك كۆز تېگىش دەيدىغان ئىش مەۋجۇت بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھقا ئۇ كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى تېگىپ يېقىلغان، ھەتتا كېسەل بولۇپ يېتىپ كەتكەن بولاتتى. ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، بۇ ئايەت رەسۇلۇللاھقا كاپىرلارنىڭ يامان كۆزلىرىنىڭ تەگمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى كۆز تېگىدىغانلىققا دەلىل قىلىدۇ.

 ئەسلىدە بۇ ئايەتتە كاپىرلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ھەسەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۇ ھەسەتنىڭ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇنى مۇنۇ ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ:

﴿وَإِن كَادُواْ لَيَفۡتِنُونَكَ عَنِ ٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ لِتَفۡتَرِيَ عَلَيۡنَا غَيۡرَهُۥۖ وَإِذٗا لَّٱتَّخَذُوكَ خَلِيلٗا  ٧٣ وَلَوۡلَآ أَن ثَبَّتۡنَٰكَ لَقَدۡ كِدتَّ تَرۡكَنُ إِلَيۡهِمۡ شَيۡئًا قَلِيلًا  ٧٤﴾

«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار، بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاندىن غەيرىينى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىشىڭ ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالدى. ئۇلار ئۇ تەقدىردىلا سېنى دوست تۇتاتتى. ئەگەر بىز سېنى ئىرادىلىك ۋە چىداملىق قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ»[2].

بۇ ئىككى ئايەتنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلساق ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ – سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز. ئەرەبچىدە بۇ سۆز ئىشلىتىلسە قاراشنىڭ سەلبىي تەسىرى ئەمەس، بەلكىدە قاراشنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە قارىغان كىشىنىڭ پەسكەشلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئادەتتە نەپرەتلىك قاراشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا «كۆزى بىلەن يەپ كەتكىلى تاس قالدى» دېگەن سۆزمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

﴿وَقَالَ يَٰبَنِيَّ لَا تَدۡخُلُواْ مِنۢ بَابٖ وَٰحِدٖ وَٱدۡخُلُواْ مِنۡ أَبۡوَٰبٖ مُّتَفَرِّقَةٖۖ وَمَآ أُغۡنِي عَنكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍۖ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُۖ وَعَلَيۡهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ  ٦٧﴾

«يەئقۇب يەنە مۇنداق دېدى: ئى ئوغۇللىرىم! شەھەرگە ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا – باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. مەن ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن»[3].

كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى كۆز تېگىشكە دەلىل قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بالىلىرىغا كۆز تېگىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى شەھەرگە بىر دەرۋازىدىن كىرىشتىن توسۇپ، باشقا – باشقا دەرۋازىلەردىن كىرىشكە بۇيرۇغان[4].

بىزنىڭچە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرىنى باشقا – باشقا دەرۋازىلەردىن كىرىشىگە بۇيرۇشى ئۇلارغا كۆز تېگىپ كېتىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىدە ئۇلارغا مىسىر پادىشاھىنىڭ ياكى باشقا بىر دۈشمەننىڭ تەرىپىدىن بىرەر مۇسىبەت كېلىپ، بۇ مۇسىبەتتىن ھەممەيلەننىڭ زىيان تارتىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى. بۇنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:

﴿وَلَمَّا دَخَلُواْ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَهُمۡ أَبُوهُم مَّا كَانَ يُغۡنِي عَنۡهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍ إِلَّا حَاجَةٗ فِي نَفۡسِ يَعۡقُوبَ قَضَىٰهَاۚ وَإِنَّهُۥ لَذُو عِلۡمٖ لِّمَا عَلَّمۡنَٰهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ  ٦٨﴾

«ئۇلار شەھەرگە ئاتىىسى بۇيرۇغان يەردىن كىرگەندە، بۇ ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى ئۇلاردىن دەپئى قىلالمايتتى. لېكىن يەئقۇب، ئىچىدىكى بىر ئارزۇنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم ئىگىسى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بىز ئۆگەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»[5].

بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، مىسىردا ئۇ بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگىنى كۆز  تېگىش ئەمەس، مۇسىبەت بولدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەندىشە قىلغىنىمۇ بۇ ئىدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بۇ مۇسىبەتنىڭ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ھەرقانچە ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇسىبەتكە توسالغۇ بولالمىدى. لېكىن يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بالىلىرى يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا كۆڭلىدىكى بىر ئارزۇسىنى ئۇلارغا ئېيتقان بولدى، خالاس.

2.     كۆز تېگىشكە دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەر

كۆز تېگىش ھەققىدە بىرقانچە ھەدىس بار. ئۇ ھەدىسلەردىكى «كۆز»نى ھەسەت دەپ چۈشىنىش توغرا بولىدۇ. مەسىلەن:

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ «كۆز ھەقتۇر» دېگەن سۆزىدىكى «كۆز»نى ھەسەت دەپ چۈشىنىش كېرەك. بۇ ھەدىستە ھەسەت دېمەي كۆز دېيىلدى. چۈنكى كۆز قەلبنىڭ ئەلچىسىدۇر. باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك قەلبتىكى ھەسەت كۆز بىلەن كۆرگەندىن كېيىن باشلىنىدۇ ۋە كۆزدە ئەكس ئېتىدۇ. كۆز ئۆز ئىگىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدۇ. دەرۋەقە، ھەسەت قىلغۇچى، غەمكىن بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى، ياخشى كۆرگۈچى، يامان كۆرگۈچى، قورققۇچى، يالغان ئېيتقۇچى، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى… بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزلىرىدىن تونۇلىدۇ. دېمەككى، «كۆز ھەقتۇر»، ئەسلا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر ھەدىستە كۆز تېگىشكە دەلىل يوق. ئەكسىچە ئۇ ھەدىستە غەزەپلىك قاراش بىلەن قارىغۇچىنىڭ قەلبىدە ھەسەت بارلىقىغا ۋە بۇ ھەسەتنىڭ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئېتىدىغانلىقىغا دەلىل بار.

3.     كۆز تەگمەيدىغانلىقىغا دائىر دەلىللەر

  • قۇرئان كەرىم ھەر ئىشتا ئىلىمنى، دەلىلنى ۋە تەپەككۇرنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىنساننىڭ كۈچىگە، ئىشلەش روھىغا ۋە ئاكتىپلىقىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق خىيالىي كۈچ ۋە سىرلىق نەرسىلەرگە ئىشىنىشكە قارشى تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن يوليورۇقلىرى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدە گۇماندىن، شۈبھىدىن ۋە شەكتىن يىراق ساغلام ئەقىللەرنى بىنا قىلىشقا قارىتىلغان. بۇنى ھەر مۇسۇلمان بىلىدۇ ۋە بىلىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَقۡفُ مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٌۚ إِنَّ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡبَصَرَ وَٱلۡفُؤَادَ كُلُّ أُوْلَٰٓئِكَ كَانَ عَنۡهُ مَسۡئُولٗا  ٣٦﴾

«ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان نەرسىگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىلنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە سوراققا تارتىلىدۇ»[6].

بۇ ئالەمدە بىزنىڭ ھاياتىمىزغا تەسىر قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئىنسان چۈشىنەلەيدىغان قانۇن ۋە سەۋەبلەرگە باغلىق قىلىنغان. ئاللاھ تائالا بىزنى مەخپىي ئالەمدىن كېلىدىغان ھەر قانداق يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرغان. مەسىلەن: شەيتاننىڭ ھىيلىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەيتاننىڭ ھىيلىسىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى شەيتاننىڭ تەسىرى ماددىي ئەمەس، بەلكىدە ۋەسۋەسە قىلىش، كۈشكۈرتۈش، قىزىقتۇرۇش ۋە قۇترىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن چەكلىك بولىدۇ.

«كۆز تېگىدۇ» دەپ قارايدىغانلار قارىغۇچىنىڭ قارالغۇچىغا پەقەت كۆزلىرى بىلەن قاراش ئارقىلىقلا زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار كۆز تېگىش بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆلۈپ قەبرىستانلىققا ئۇزىتىلغان دەيدۇ. ئۇلار بۇ سەپسەتىنى بىر ھەدىس سۈپىتىدە رىۋايەت قىلىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار كۆز تېگىپ ئەمەس، ھەسەتنىڭ نەتىجىسىدە باشقا بىر نەرسە تېگىپ ئۆلگەن. ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتكەن ھەر كىشى بۇنى شۇنداق بىلىدۇ. مەسىلەن:

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ۋە سەۋەبچى بولۇۋاتقان جەڭلەر، ئۇرۇشلار ۋە جېدەل – ماجىرالارنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ھەسەتتۇر. جۈملىدىن ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلماسلىقى، يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمەسلىكى ھەسەتتىن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «كۆز»دىن مەقسەت ھەسەتتۇر. كۆز تېگىشتىن مەقسەت ھەسەت قىلىشتۇر. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزدىن (ھەسەتتىن) ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇنى ھالاك بولۇشنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى كۆز يەنى ھەسەت توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ، قانلىق ئۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  • ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇكى، كۆزنىڭ يەنى قاراشنىڭ قارالغۇچىغا ھېچقانداق تەسىرى يوق. ئەگەر كۆز بىلەن قاراشنىڭ ھەتتا غەزەپلىك ۋە نەپرەتلىك قاراشنىڭ يامان تەسىرى بولسا ئىدى، ھېچبىر ئادەمزاتتا ھېچبىر نېمەت داۋاملاشمىغان بولاتتى ۋە يەر يۈزىدە ئىنسانىيەت قالمىغان بولاتتى. چۈنكى يەر يۈزىدىكى ھەر كىشىنىڭ دۈشمىنى بار، يەنى ھەر كىشىگە يامان كۆز بىلەن قارىغان بىر قارىغۇچى، ھەتتا بىرقانچە قارىغۇچىلار بار. لېكىن يوللاردا كۆز تېگىپ يېتىپ كەتكەن ياكى مال – مۈلكى كۆز تېگىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن ۋە ياكى ئۆزى كۆز تېگىپ ئۆلۈپ كەتكەن بىرمۇ ئىنسان يوق. بەزى مۇسىبەتلەرنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەندەك كۆرۈنۈشى بىر تاسادىپىيلىق بولۇپ ئەسلىدە ئۇنىڭ باشقا سەۋەبلىرى بار.
  • ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ – ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن قېچىپ سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن﴾. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿إِذَا حَسَدَ – ھەسەت قىلغان چاغدىكى﴾ دېگەن سۆزى ئارتۇق سۆز بولماستىن، بەلكىدە ئۇ سۆز ھەسەتخورنىڭ قانداق چاغدىكى يامانلىقىدىن پاناھ تەلەپ قىلىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر. دېمەك، ھەسەتخورنىڭ قەلبىدىكى ھەسىتىنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا بىرەر يامانلىقى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن پاناھ تىلەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، لېكىن ئۇ ھەسەت ھەسەتخورنى ھەسەت قىلىنغۇچىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا ئېلىپ ماڭسا، ئۇنىڭ مانا مۇشۇ چاغدىكى يامانلىقى ھەسەت قىلىنغۇچىغا زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەسەت، ئۇنىڭ ئەلچىسى بولغان ھومىيىشلار ھەسەت قىلىنغۇچىغا بىر زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

ئەبى ئۇمامە مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس ئىبنى  مالىك بىلەن ئاھالىسى ھالاك قىلىنغان، ئۆزى خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بىر كەنتتىن ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇ مەندىن بۇ يۇرتلارنى تونۇمسەن؟ دەپ سورىدى. مەن تونۇمايمەن دەپ جاۋاب بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى:

بۇ زۇلۇم بىلەن ھەسەت ھالاك قىلىۋەتكەن بىر قەۋمنىڭ يۇرتلىرىدۇر. ھەسەت ياخشىلىقلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ . زۇلۇم ئۇنى تەستىقلايدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ…[7]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىدىنمۇ قەلبتىكى ھەسەتنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا زىيىنىنىڭ بولمايدىغانلىقى، ھەسەت قەلبتىن چىقىپ پۇت – قول ئەزالاردا زىيانكەشلىك قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش، كۈشكۈرتۈش… قاتارلىق ھەرىكەتكە ئايلانسا، ئاندىن ئۇنىڭ زىيىنى بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ.

[1] 68 – سۈرە قەلەم، 51 – ئايەت.

[2] 17 – سۈرە ئىسرا، 73 – ۋە 74 – ئايەتلەر.

[3] 12 – سۈرە يۇسۇف، 67 – ئايەت.

[4] تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىل قۇرئان، 16: 165؛ فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 6: 481.

[5] 12 – سۈرە يۇسۇف، 68 – ئايەت.

[6] 17 – سۈرە ئىسرا، 36 – ئايەت.

[7] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 51.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر