ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ياق، «ئېمىدىغان كىچىك بالا(ئۆمىلىگەن ياكى ماڭغان )ھالەتتىكى بالا ناماز ئۇقىۋاتقان ئانىسىنى تارتسا ياكى جەينامازغا چىقىپ كەتسە» ھەرگىزمۇ ناماز بۇزۇلمايدۇ. «مۈشۈك تېگىپ كەتسە» تاھارەت سۇنمايدۇ. «مۈشۈك تېگىپ كەتكەن كىيىمنى» نامازدا كىيسە ھېچنېمە بولمايدۇ. ھەيزدار ئايال مەسچىتكە (تازىلىغىلى) كىرسە بولىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى چاغلاردا نەۋرىلىرىنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغانلىقى، رۇكۇ ۋە سەجدىدە ئۇلارنى يەردە قويۇپ قويۇپ ئاندىن يەنە قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەتلەر بار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بالا دىنىمىزنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك بالا ئۇنداق قىلمىشى بىلەن گۇناھكارمۇ بولمايدۇ. نامازنىڭ سىرتىدىكى بىرىنىڭ بىر قىلمىشى بىلەن نامازغا دەخلىمۇ يەتمەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلىرىدە مۈشۈكلەرنىڭ بارلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشۈكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇلارنى سىلايدىغانلىقى، مۈشۈكلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيىدە ئۇخلايدىغانلىقى…. قاتارلىقلارنىمۇ ھەر مۇسۇلمان بىلىدۇ.
ھەيزدار ئايالنىڭ مەسچىتكە تازىلاش ئۈچۈن كىرىشىگە كەلسەك، دىنىمىزدا ھەيزدار ئايالنىڭ ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ. چۈنكى ھەيزدار ئايال تاھارەتسىز ھېسابلىنىدۇ. نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى تاھارەتتۇر. ھەيزدار ئايالنىڭ تاھارەتسىزلىكى ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەيزدار ئايال ھەيز مەزگىلىدە ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ.
مەسچىتنى تازىلاش ئۈچۈن تاھارەت شەرت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن تاھارەتسىز ھېسابلىنىدىغان ھەيزدار ئايال مەسچىتكە كىرىپ، مەسچىتنى تازىلىسا بولىۋېرىدۇ. بۇنى مەنئى قىلىدىغان دەلىل يوق. ئەكسىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن بىرى بولغان ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى مەسچىتتىن بىر نەرسە ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغاندا ئائىشە ئانىمىز: «يا رەسۇلەللاھ! مەن ھەيزدار» دېگەن؛ شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا: «سېنىڭ ھەيزىڭ قولۇڭدا ئەمەس» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىستىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، بىرەر ئىش ئۈچۈن ھەيزدار ئايالنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.