سوئال:
كىرپىنىڭ دىنىمىزدىكى ھالال ـ ھارام ھۆكمى قانداق بولىدىكىن؟
جاۋاب:
كىرپە توغرۇلۇق ئەبۇ داۋۇدنىڭ سۈنەن ۋە ئەھمەدنىڭ مۇسنەد ناملىق كىتابلىرىدا: «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ‹كىرپىنى يېگىلى بولامدۇ؟› دەپ سورالغانلىقى، ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 ـ ئايىتىنى ئوقۇغانلىقى (يەنى بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىلەن كىرپىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى)، بۇ ئەسنادا بىرىنىڭ: ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرپىنى ناپاكلاردىن بىر ناپاك› دېگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئۆمەرنىڭ ‹ئۇنداقتا كىرپە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەكتۇر› دېگەنلىكى» رىۋايەت قىلىنىدۇ.
لېكىن بەزى ھەدىس ئالىملىرى بۇ رىۋايەتنىڭ زىئىپلىقىنى (دەلىل بولالىغۇدەك كۈچتە ئەمەسلىكىنى)، شۇنىڭ ئۈچۈن كىرپىنىڭ ھالاللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى، «ھاراملىقىغا قەتئىي دەلىل بولمىغان نەرسە ھالالدۇر» دېگەن قائىدىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مۇجتەھىدلەر (ئەبۇ ھەنىفە ۋە مالىك رەھمەھۇماللاھ) كىرپىنى مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. بەزىلىرى (شافىئىي رەھىمەھۇللاھ) ھالال دەپ قارايدۇ. بەزىلىرى (ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ) بولسا، ھارام دەپ قارايدۇ.
خۇلاسە
قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ھالال، ھارام توغرىسىدا قويۇلغان قائىدىلەرگە ئاساسەن، ئەگەر كىرپىنىڭ زەھەرلىك ياكى زىيانلىك ئىكەنلىكى، تاپ ياكى نىجاسەت يەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا ھارامدۇر، يېگىلى بولمايدۇ. ئەكسى تەقدىردە ھالالدۇر، يېگىلى بولىدۇ.