كاپىرغا ھەق بېرىپ ئىشلىتىش
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر جەھەتتىن پەرقلىق قىلىپ ياراتقان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك – ئاجىز، باي – نامرات، ئالىم – جاھىل، ھۈنەرلىك – ھۈنەرسىز… دېگەن سىنىپلار مەۋجۇت بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. ھەر كىشىنىڭ پۈتۈن ھۈنەرلەرنى بىلمەسلىكى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ ياسىيالمايدىغانلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرالمايدىغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئىشىغا، ھۈنىرىگە ۋە كەسپىگە موھتاج بولىدۇ.
دىنىمىزدا باشقىلارغا ھەق بېرىپ ئىشقا سېلىشتا لاياقەت ۋە ئىشەنچ ئاساس قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قَالَ ٱجۡعَلۡنِي عَلَىٰ خَزَآئِنِ ٱلۡأَرۡضِۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٞ ٥٥﴾
«يۇسۇف: ‹مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن› دېدى»[1].
﴿قَالَتۡ إِحۡدَىٰهُمَا يَٰٓأَبَتِ ٱسۡتَئْجِرۡهُۖ إِنَّ خَيۡرَ مَنِ ٱسۡتَئْجَرۡتَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡأَمِينُ ٢٦﴾
«ئىككى ئايالنىڭ بىرى: ‹ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن. سەن ھەق بېرىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغان بۇ كىشىدۇر› دېدى»[2].
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش ئەسناسىدا يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن پۈتۈشكەن يېتەكچىسى مۇشرىك بولۇپ، ئۇ يول باشلاشنى ئوبدان بىلىدىغان ۋە لەۋزىدە تۇرىدىغان بىرى ئىدى. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:… رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر مەككىدىكى چېغىدا ئابدۇ ئىبنى ئەدى قەبىلىسىدىن ماھىر بىر يېتەكچىنى (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىتنى) يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ھەق بېرىپ پۈتۈشكەن ئىدى. بۇ كىشى قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ دىنىدا ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر ئۇ كىشىگە ئىشىنىپ تۆگىلىرىنى تاپشۇرغان ۋە ئۈچ كېچىدىن كېيىن تۆگىلەرنى ئېلىپ سەۋر غارىغا كېلىشكە ۋەدىلەشكەن ئىدى. بۇ كىشى ۋەدىلەشكەن بويىچە تۆگىلەرنى ئېلىپ ئۈچىنچى كېچىنىڭ ئەتىگىنى سەۋر غارىغا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر بىلەن بىرلىكتە ئامىر ئىبنى فۇھەيرەمۇ ماڭدى. ھېلىقى يېتەكچى بۇلارنى ساھىللار يولىدىن ئېلىپ ماڭدى[3].
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشىنى باشقىسىغا ھەق بېرىپ قىلدۇرماقچى بولغان بىر مۇسۇلماننىڭ، ئىشچىدا لاياقەت، ئىشەنچ ۋە ئادالەتنى ئاساس قىلىشى لازىم، يەنى ئىشچى شۇ ئىشنى ئوبدان قىلالايدىغان، باشقىسىنىڭ مال – مۈلكىدە ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتىدا كۆزى بولمىغان، مۇۋاپىق ھەق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئۇستا بولسا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ئىش ۋە مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمان ئىشچىلارنىڭ ھۇرۇنلۇقتىن، بوشاڭلىقتىن ۋە تەييارتاپلىقتىن ساقلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىلىم – بىلىمدە، ھۈنەر – سەنئەتتە ۋە ئىش – خىزمەتتە ئىلگىرىلەپ، ھەر تۈرلۈك رىقابەتتە ئالدىدا ماڭالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
ئەگەر بىر ئىشنى قىلىدىغان ئىككى ئىشچىنىڭ بىرى مۇسۇلمان، يەنە بىرى كاپىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ لاياقىتى، ئىشەنچىلىكلىكى ۋە تەلەپ قىلىدىغان ئىش ھەققى ئوخشاش بولسا، ئىشنى مۇسۇلمان ئىشچىغا بېرىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا ئىسلامىي قېرىنداشلىققا ئىككى تەرەپ ھېچقانداق زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىماستىن رىئايە قىلىنغان بولىدۇ.
[1] 12 – سۈرە يۇسۇف، 55 – ئايەتلەر.
[2] 28 – سۈرە قەسەس، 26 – ئايەت.
[3] بۇخارى، «مەناقىبۇل ئەنسار»، 45.