[1]– ئاللاھ تەئالا سۈرە بەقەرەنىڭ 238- «حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَى… (نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار…)» دەيدۇ. بۇ ئايەتتە «نامازلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە سەلەۋات «الصَّلَوَات» دۇر. بۇ كەلىمە سەلات «الصَّلَاة» نىڭ كۆپلۈكىدۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك (جەمى) ئەڭ ئاز ئۈچ نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداقتا ئايەتتىكى سەلەۋات «الصَّلَوَات» نىڭ مەنىسى ئەڭ ئاز «ئۈچ ناماز» بولىدۇ. ئايەتتە بۇ «نامازلار» بىلەن بىرلىكتە «ئوتتۇرا ناماز» دەپ ئاتىلىدىغان ئايرىم بىر ناماز ئەمر قىلىنماقتىدۇر. ئۈچتىن كېيىن ئوتتۇرىسى بولغان تۇنجى سان بەشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت ئەڭ ئاز بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. دېمەككى، بۇ ئايەت سەپەردە بولسۇن، مۇقىملىقتا بولسۇن ھەر مۇسۇلماننى بىرى «ئوتتۇرا ناماز» بولۇش شەرتى بىلەن كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. مۇقىملىقتا ئوقۇغان چېغىدا پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى تۆت رەكئەتتىن ئوغانلىقى ئۈچۈن ئىككى تۆتنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈچ رەكئەتلىك نامازشام «ئوتتۇرا ناماز» بولغان بولىدۇ. سەپەر ئۈستىدە ئوقۇغان چېغىدا پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئىككىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈچ رەكئەتلىك نامازشام يەنە ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا ناماز» لىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، بەش ۋاقىت نامازنىڭ بىرىنچىسى پېشىندۇر، ئاخىرقىسى بولسا بامدات نامازدۇر. بۇنى سۈرە ئىسرانىڭ 78- ئايىتى، سۈرە ھۇدنىڭ 114- ئايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئىككى كۈن ئىماملىق قىلغاندىمۇ ھەر كۈنى بەش ۋاقىت نامازنى پېشىندىن باشلىغان.- بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167؛ تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2.