بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
قېرىنداشلار!
قۇرئان كەرىم اللە تەئالانىڭ ئاخىرقى كىتابى بولۇپ، نازىل قىلىنغاندىن باشلاپ تا قىيامەت قايىم بولغۇچە پۈتكۈل ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەر زامان، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ئۇ، ھىدايەت رەھبىرى، سائادەت بۇلىقى ۋە ئادالەت دەستۇرىدۇر. «ئۇ، ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» (فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر). «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر» (تارىق 86/13، 14).
ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار دۇنيادا بەخت ۋە ھۆرلۈككە ، ئاخىرەتتە ئىززەت ۋە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار بولسا، دۇنيادا بەختسىزلىك ۋە خورلۇققا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىم نېمىلەرگە بۇيرۇيدۇ، نېمىلەردىن توسىدۇ، بۇلارنى بىلىۋېلىشىمىز شۇنداقلا ھاياتىمىزنى قۇرئان كەرىمگە ئۇيغۇن ئۆتكۈزىشىمىز لازىم. تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىرئاز توختىلىمەن:
1- قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئىبادەتلەر
1- ناماز
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بىر كېچە-كۈندۈزدە مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا، مۇئەييەن سۈپەتلەر بىلەن بەش ۋاقىت ناماز، ھەپتىدە بىر جۈمە نامىزى، يىلدا ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا ماھىيىتىدە بىر خىل ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/238؛ نىسا 4/103؛ تەۋبە 9/84؛ جۇمۇئە 62/9-11؛ ئەئلا 87/14، 15؛ كەۋسەر 108/2؛).
2- زاكات
قۇرئان كەرىم مال-مۈلكى مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەن دېھقان، چارۋىچى ۋە تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنى مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا بىر يىلدا بىر قېتىم زاكات بېرىشكە (ئۆز مەھسۇلات ۋە پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ تېگشلىك شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىشكە) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/267؛ ئەنئام 6/141؛ تەۋبە 9/103؛ مۇززەممىل 73/20).
3- روزا
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ھىجرىيە يىلىنىڭ 9- ئېيى بولغان رامىزان ئېي داۋامىدا ھەر كۈنى روزا تۇتۇشقا (سۈبھىدىن كۈن پاتقۇچە- پۈتۈن كۈن- يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇشقا) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/183- 185، 187).
4- ھەج
قۇرئان كەرىم ھەج قىلىش شارائىتىگە ئىگە بولغان مۇسۇلمانلارنى ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشقا (بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ ئەرەفاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفەدە قونۇش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، سافا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيە قىلىش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنداشقا) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/158، 189، 196، 197، 198؛ ئال ئىمران 3/97؛ ھەج 22/26- 37).
2- قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئەخلاقلار
1- سەۋرچان بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى دىن يولىدا يولۇققان ئېغىرچىلىقلارغا چىداشقا، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/45، 155- 157؛ ئال ئىمران 3/200؛ نەھل 16/127، 97؛ سەجدە 32/24؛ لوقمان 31/17).
2- تەۋەككۇل قىلىش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى اللەغا تەۋەككۇل قىلىشقا (بىر غايىگە يېتىش ئۈچۈن، اللە تەئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن ئىش قىلىش بىلەن بىرگە ئاقىۋەتنى اللەغا تاپشۇرۇشقا) بۇيرۇيدۇ. (ئال ئىمران 3/122؛ مائىدە 5/23؛ فۇرقان 25/58).
3- باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش
قۇئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئالدى بىلەن باشقىلارنى (مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ) ئويلاشقا، ئۆز مەنپەتىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (ھەشر 59- 9؛ مۇززەممىل /7320؛ فاتىر 35/29، 30).
4- ئادىل بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئېتىقادىدا ۋە پۈتكۈل سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ھەققانىيەتنى ئاساس قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (نىسا 4/58؛ ئەنئام 6/152؛ نەھل 16/90؛ ھۇجۇرات 49/9).
5- مەرھەمەت قىلىشىش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشىشقا (بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە) بۇيرۇيدۇ. (بەلەد 90/17،18).
6- ئېھسان قىلىش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، يېتىم-يېسىر، پېقىر-مىسكىن، قولۇم-قوشنا ۋە غېرىب-مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئىنسانلارغا ياخشى سۆز قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/83، 195؛ نىسا 4/36؛ نەھل 16/90).
7- راستچىل بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئېتىقاددا سەمىمىي، گەپ-سۆزدە راستچىل، تائەت-ئىبادەتتە ئەستايىدىل، مۇئامىلىدە دۇرۇس بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/177؛ تەۋبە 9/119؛ ئەھزاب 33/23، 35؛ زۇمەر 39/33).
8- سېخىي بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى سېخيلىققا يەنى ياخشى يوللاردىن ھېچ نەرسىسىنى ئايىماسلىققا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/272؛ ھەدىد 57/10؛ ھەشر 59/9؛ مۇنافىقۇن 63/10؛ مەئارىج 70/19- 25؛ لەيل 92/5- 11).
9- كەمتەر بولۇش
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە كەمتەر بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. (مائىدە 5/54؛ ئىسرا 17/37؛ شۇئەرا 26/215؛ قەسەس 28/83).
3- قۇرئان كەرىم چەكلىگەن ئىش-ھەرىكەتلەر
1- زۇلۇم
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى زۇلۇمدىن يەنى اللەغا شېرىك كەلتۈرۈش- چۈنكى اللەغا شېرىك كەلتۈرۈش بۈيۈك بىر زۇلۇمدۇر- (لوقمان 31/13)، گۇناھ-مەئسىيەت ۋە پىسىق-فۇجۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بۇلغاش ۋە باشقىلارغا ھەقسىزلىك قىلىش يەنى كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش، ئۇلارغا جىسمانىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك زۇلۇمدىن چەكلەيدۇ. (بەقەرە 28/279؛ نەھل 16/160؛ فۇرقان25/19؛ ھۇد 11/102).
2- ھەسەت
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ھەسەتخورلۇقتىن يەنى باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئويلاشتىن چەكلەيدۇ. (نىسا 4/54؛ زۇخرۇف 43/32؛ فەلەق 113/5).
3- سۇخەنچىلىك
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى سۇخەنچىلىك قىلىشتىن يەنى بىراۋنىڭ گېپىنى باشقىلارغا يامان غەرەزدە يەتكۈزۈشتىن چەكلەيدۇ. (ھۇمەزە 104/1).
4- ھۇرۇنلۇق
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى اللەنىڭ مەغپىرىتى ۋە جەننىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىشكە بۇيرۇيدۇ. (ھەدىد 57/21؛ مۇتەففىفىين 83/26). بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇسۇلمانلارنى بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىك ۋە ھۇرۇنلۇق قاتارلىق يامان ئەخلاقلاردىن چەكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بۇلاردىن باشقا بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىش، بىر-بىرىنى ئەيىبلەش، بىر-بىرىنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىش، گۇمانخورلۇق قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، بىر-بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. (ھۇجۇرات 49/11، 12).
قۇرئان كەرىم يەنە بېخىللىق قىلىش، ئىسراپ قىلىش، زىناغا يېقىنلىشىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئۆلچەمنى كەم تۇتۇش، بىلمىگەننى بىلىمەن دېيىش، گىدىيىپ مېڭىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ئەۋلاتقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك قاتارلىق قەبىھ ئىشلاردىن توسىدۇ. (ئىسرا 17/29-38).
شۇنىڭدەك، ئوغرىلىق قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش، مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش، مال-دۇنيانى بۇزۇپ چېچىش قاتارلىق ئىشلاردىن مەنئى قىلىدۇ. (مائىدە 5/38، 90 ۋە 91؛ بەقەرە 2/275- 278؛ ئال ئىمران 3/130؛ نىسا 4/161؛ رۇم 30/39؛ ئىسرا 17/26 ۋە 27).
خۇلاسە
اللە تەئالا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆزىدىن قورقۇشقا يەنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىدۇ. بۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلارنى يۇقارقى ئىبادەتلەرنى قىلىشقا، گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىشقا، يامان ئىش ۋە يامان ئەخلاقلاردىن ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرگەنلەرگە دۇنيادا ياخشى ھايات، ئاخرەتتە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلىدۇ. (نىسا 4/1؛ ھەج 22/1؛ لوقمان 31/33؛ نەھل 16/97؛ مائىدە 5/9؛ نىسا 4/162؛ فەتىھ 48/10، 29؛ فاتىر 35/7؛ ھەدىد 57/7؛ مۇلك 67/12؛ ئىسرا 17/9).
تارىختىن بۇيان قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئىبادەتلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىپ، قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈپ، قۇرئان كەرىم توسقان قەبىھ ئىشلاردىن ساقلىنىپ ناچار ئەخلاقلاردىن يىراق تۇرغانلار نىجاتلىققا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇنداق قىلمىغانلار ئازابقا يولۇقتى. چۈنكى اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم غالىب كېلىسىلەر» (ئال ئىمران 3/139)، «ئىززەت پەقەتلا اللەغا، اللەنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇب، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ» (مۇنافىقۇن 63/8). دېمەك، غالىب كېلىش ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن مۇئمىن بولۇش شەرت.