قۇرئان يولى
قۇرئاندا بەش ۋاقىت ناماز 1

قۇرئاندا بەش ۋاقىت ناماز

ئىسلام، مۇسۇلمان ۋە بەش ۋاخ ناماز

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

كىرىش سۆز

ئى ئاللاھ! سەن بىزگە بىر كېچە – كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئۆتەشنى پەرز قىلىپ، ھەر كۈن بەش قېتىم ئۆزۈڭگە تەزىم قىلىشىمىزنىڭ، مۇناجات ئېيتىشىمىزنىڭ ۋە سەندىن ياردەم تىلىشىمىزنىڭ، شۇنداقلا نەپسىمىزنى تەربىيىلىشىمىزنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەردىڭ، سېنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان رەھمىتىڭ نېمىدېگەن چەكسىز، بىز ئۈچۈن بېكىتكەن تۈزۈمىڭ نېمىدېگەن مۇكەممەل، ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن يا رەب! ئى ئاللاھ! سېنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىڭدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان تەقۋادار بەندىلىرىڭنى ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرگىن. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئاخىرقى پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەدكە رەھمەت ياغدۇرغىن، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن ۋە ماقامىنى ئالىي قىلغىن، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئەگەشكۈچىلىرىگە رەھمەت، مەغپىرەت، نۇسرەت، مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاتا قىلغىن!

ئىسلام – ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا تەلىم بەرگەن ئىلاھىي نىزام بولۇپ، ئۇ ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئاللاھقا بەندە بولۇپ ياشاشنى ئاساس قىلىدۇ. تارىخ بويىچە نازىل قىلىنغان كىتابلار شۇ نىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر ئەنە شۇ نىزامغا دەۋەت قىلغان[1]. ئۇ نىزامغا بويسۇنغانلار نىجاتلىققا ئېرىشكەن، بويۇنتاۋلىق قىلغانلار ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولغان[2].

بىر كىشىنىڭ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى، ئۇنىڭ ئۇ نىزامنى توغرا ئەقىدە، ياخشى ئەمەل، گۈزەل ئەخلاق ۋە دۇرۇس مۇئامىلىدىن تەركىپ تاپقان بىر پۈتۈن ھالىتى بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە ھاياتىنى شۇنىڭغا قارىتا ياشايدىغانلىقى ھەققىدە ئاللاھ تائالاغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسلامنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتلاردا، مۇئەييەن شەرتلەر بىلەن ۋە مۇئەييەن شەكىللەردە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتلىرى، ھاياتنى ئىسلام نىزامىغا قارىتا ياشايدىغانلىقىنى سىمۋول قىلىدىغان بەندىچىلىك بولۇپ، ئىسلام ھەرگىزمۇ ئۇلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس، ئەكسىچە ئىسلام ئۇ سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر ئىپادىلىگەن بويىچە ئائىلىۋى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي… ھايات ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەزكۇر نىزامغا بويسۇنۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسلامنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ئادا قىلىنىدىغان ۋە ھەر ۋاقىت ئادا قىلىنىدىغان ئەمىر – پەرمانلىرىغا، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن بويسۇنۇش ئارقىلق ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن:

بەش ۋاخ ناماز، جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرى، قۇربانلىق، رامىزان روزىسى، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ھەر بىرىنى، بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ۋاقتىدا ئادا قىلىش پەرزدۇر. ئەقىدىنىڭ توغرا بولۇشى، ھارام قىلىنغان نەرسە ۋە ئىشلاردىن ساقلىنىش ھەر دائىم پەرزدۇر. شۇنىڭدەك، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش، سەۋرچانلىق، ئۆزىگە تايىنىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئۆز ھەققىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈش، ئادىللىق، مەرھەمەت، ھايا، بىراۋغا ياخشىلىق قىلىش، ئېغىر – بېسىقلىق، راستچىللىق، سېخيلىق، كەمتەرلىك، مەردلىك قاتارلىق ياخشى ئەخلاقلار ھەر مىنۇت ھەر سېكۇنت پەرزدۇر. زۇلۇم، ھەسەت، غەيۋەت، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، رىياكارلىق، كۆرەڭلىك، مەغرۇرلۇق، بوشاڭلىق ۋە ھۇرۇنلۇق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر ھەر مىنۇت ھەر سېكۇنت ھارامدۇر.

ئىسلام نىزامىنى ئەنە شۇ بىر پۈتۈن ھالىتى بىلەن نەزەرىيە جەھەتتىن قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلغان كىشى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىلىدۇ. «نىيىتىم ياخشى، كۆڭلۈم تۈز، ئىچىم پاك»، «باشقىلارنى ئالدىمايمەن، ھارام يېمىسەم بولدى»،… دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئىسلامغا بىر پۈتۈن بويسۇنمىغانلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ، شەيتاننى خۇش قىلىدۇ، ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ، خالاس. شۇنىڭدەك، ئۇ نىزامنىڭ شەرتلىرىدىن، ئەركانلىرىدىن، پىرىنسىپلىرىدىن ياكى ئەھكاملىرىدىن بىرەر – يېرىمىنى ئىنكار قىلغان كىشى، «مۇسۇلمان» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىشقا لايىق بولمايدۇ، چۈنكى «مۇسۇلمان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئاللاھقا بويسۇنغۇچى دېگەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ بىرەر ھۆكمىنى ئىنكار قىلغان كىشى ئاللاھقا بويسۇنمىغۇچى بولىدۇ.

بىرقانچە يىلدىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەر ئىسلامنىڭ بەزى ئوچۇق ھۆكۈملىرىنى، تارىخ بويىچە ھېچ ئىختىلاپ قىلىنمىغان بەزى ئەركانلىرىنى ئىنكار قىلىش جاسارىتىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇ ھاياسىزلىقىنى قۇرئانغا ئېسىلىش دەۋاسى بىلەن بازارغا سېلىۋاتىدۇ. سۇفى ئاللاھيار: «چىراغنىكى ھەق ياندۇردى قويدى، ئۇنى كىم ‹پۈھ› دېدى ساقالى كۆيدى» دەپ ئېيتقاندەك، ئىسلام ئاللاھ تائالا ياندۇرغان چىراغ بولۇپ، ئۇنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ، ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار ئۆزلىرىنى ئىلاھىي ئازابقا تەييارلايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بۇ چىراغنى ئەبۇ جەھىللەر ئۆچۈرەلمىگەن، بۈگۈن ۋە قىيامەتكە قەدەر ئەبۇجەھىللەرنىڭ مەنىۋى نەۋرىلىرىمۇ ئۆچۈرەلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ كاپىر ۋە مۇناپىقلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۆز نۇرىنى قوغداشنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان.

ھەر ئادەمنىڭ دۇنيادا دوزاخ يولىنى تاللاش ئەركىنلىكى بار. ئىنسانلارغا بۇ ئەركىنلىكنى ئاللاھ تائالا بەرگەن[3]. شۇڭلاشقا ئۇنداق كىشىلەرگە ئىبرەت بىلەن قاراش ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كۇپايە قىلىدۇ، لېكىن ئەھلى ئىلىملەرنىڭ، ئۇنداق كىشىلەرنى ئەھلى ئىلىم ۋە ئۇلارغا ئالدىنىپ ئىسلامىي تەۋەررۈكنى تەرك ئېتىشنى دىندارلىق ھېسابلاۋاتقان نادانلارنى سىلكىشلەش ۋە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىش، شۇنداقلا ئۇلارغا ھەقىقەتنى كۆرسىتىش مەقسىتى بىلەن ئۇ كىشىلەرگە رەددىيە بېرىشى ۋە كەڭ مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىشى لازىم، شۇڭلاشقا بۇ توغرىدا بەزى ئۆلىمالىرىمىز يېتەكچىلەرگە رەددىيە، ئەگەشكۈچىلەرگە نەسىھەت ماھىيىتىدە سۆزلىدى ۋە يازدى (ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولغاي). مەن ئۇ ئۆلىما قېرىنداشلىرىمنىڭ رەددىيە ۋە جاۋابلىرىنىڭ مەزكۇر تەرسالارنىڭ ئېغىزلىرىنى تۇۋاقلاش ۋە تەقلىدچىلەرنى سىلكىشلەش ئۈچۈن كۇپايە قىلىدىغانلىقى قانائىتىدە بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ ئىلمىي مەسئۇلىيىتىمنى ۋە مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن،  مەنمۇ بۇ ھەقتە ئايرىم بىر يازما يېزىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. تۆۋەندە بەش ۋاخ نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن. بەش ۋاخ نامازغا سەل قارىغان، ئىنكار قىلغان، تەرك ئەتكەن، ۋاقتى ۋە سانى ھەققىدە قالايمىقان گەپ قىلغانلارغا ئۆزىنى كۆرۈش ئەينىكى سۇنىمەن.

تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

1 – نامازنىڭ مەنىسى

ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سالات – صلاة» كەلىمىسى لۇغەتتە ئوت ياقماق، ئوتتا ئىسسىنماق، ئوتتا قىزارماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «سەليى – صَلْي» سۆز تومۇرىدىن (مەسدىرىدىن) تۈرلەنگەن بولۇپ دۇئا قىلماق، ئىبادەت قىلماق، باشقىسى ئۈچۈن بەرىكەت تىلىمەك، ئۇلۇغلىماق، مەغپىرەت تىلىمەك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[4]. بۇ كەلىمە پارسچىدا تەزىم ئۈچۈن ئېگىلمەك، قۇللۇق بىلدۈرمەك، ئىبادەت قىلماق دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان «ناماز» سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن ۋە بۇ «ناماز» دېگەن سۆز تۈركچىگە كىرگەن. «سالات – صلاة (ناماز)» دېگەن سۆزنىڭ ئىستىلاھىي (شەرئىي ئاتالغۇ) مەنىسى بولسا، «تەكبىر بىلەن باشلىنىپ سالام بىلەن ئاخىرلىشىدىغان، مۇئەييەن ھەرىكەت، مەلۇم زىكىر – تەسبىھ ۋە دۇئالاردىن تەركىب تاپقان بەدەنىي ئىبادەت»دىن ئىبارەتتۇر[5].

قۇرئان كەرىمدە پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە 120 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلانغان «سالات – صلاة» كەلىمىسى دۇئا، دۇئا قىلماق[6]، پاكلىماق[7] دېگەن مەنىلەر بىلەن بىرلىكتە ئومۇمەن «ناماز» مەنىسىدە كېلىدۇ، خۇسۇسەن ئەلىف لام بىلەن ئېنىق ئىسىم بولۇپ «ئىقامە» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر بىلەن بىرلىكتە ﴿أَقِيمُوا الصَّلاةَ﴾، ﴿يُقِيمُونَ الصَّلاةَ﴾، ﴿الْمُقِيمِينَ الصَّلاةَ﴾ دېگەندەك شەكىللەردە كەلگەن «ئەسسالات – الصلاة»، بىر كېچە – كۈندۈزدە بەش قېتىم ئۆتىلىدىغان بەش ۋاخ نامازنى ئىپادىلەيدۇ.

2 – بەش ۋاخ نامازنىڭ تارىخى

بەش ۋاخ نامازنىڭ تارىخى يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدىن بەش ۋاخ نامازنىڭ تۇنجى بولۇپ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەرز قىلىنغان بىر ئىبادەت ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بەش ۋاخ نامازنىڭ تا ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغانلىقى چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ…﴾

«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار»[8].

بۇ ئايەت دىننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە بەندىنىڭ رەببى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس سىمۋولى بولغان نامازنىڭ پۈتۈن شەرىئەتلەردە بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

﴿إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ﴾

﴿ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەئبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر﴾.[9]

كەئبە ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھتۇر. بۇ ئايەتتىكى «ئىنسانلار» تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىبادەتگاھتا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە نامازنىڭمۇ بارلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

﴿وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ﴾

«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن»[10].

﴿وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَذَا الْبَلَدَ آمِنًا وَاجْنُبْنِي وَبَنِيَّ أَنْ نَعْبُدَ الْأَصْنَامَ { رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ فَمَنْ تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي وَمَنْ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَحِيمٌ { رَبَّنَا إِنِّي أَسْكَنْتُ مِنْ ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِنْدَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُمْ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ { رَبَّنَا إِنَّكَ تَعْلَمُ مَا نُخْفِي وَمَا نُعْلِنُ وَمَا يَخْفَى عَلَى اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ { الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى الْكِبَرِ إِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ الدُّعَاءِ { رَبِّ اجْعَلْنِي مُقِيمَ الصَّلَاةِ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَاءِ﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم مۇنداق دېدى: رەببىم! بۇ شەھەرنى بىخەتەر قىلغىن، مېنى ۋە بالىلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ساقلىغىن! رەببىم! ھەقىقەتەن ئۇ بۇتلار نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىم ماڭا ئەگەشسە مەندىندۇر، كىم ماڭا ئاسىيلىق قىلسا سەن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مەرھەمەت قىلغۇچىسەن. رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى زىرائەتسىز ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم. رەببىمىز! ئۇلارنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم. شۇڭا بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارغا ھەر خىل مېۋە ۋە مەھسۇلاتلاردىن رىزىق ئاتا قىلغىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئۇلار شۈكۈر ئېيتقاي. رەببىمىز! بىز مەيلى يوشۇرۇن قىلايلى، مەيلى ئاشكارا قىلايلى، سەن بىزنىڭ ھەممە قىلمىشىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن. زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي بولۇپ قالمايدۇ. ياشىنىپ قالغان چېغىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىىسزكى، مېنىڭ رەببىم دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر. رەببىم! مېنى نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى قىلغىن، نەسلىمدىنمۇ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەر چىقارغىن. رەببىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن»[11].

﴿أُولَئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا إِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا { فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا﴾

«ئەنە شۇلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بەزىسى بىز نۇھ بىلەن بىللە قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسىلىدىندۇر، بەزىسى ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھىدايەت قىلغان ۋە تاللىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا رەھماننىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، يىغلىشىپ سەجدىگە باش قويىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن، نامازنى زايە قىلغان ۋە نەپسىگە ئەگەشكەن ئەسكى بىر نەسىل كەلدى. ئۇلار ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى يېقىندا تارتىدۇ»[12].

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم، لۇت، ئىسھاق ۋە يەقۇب ئەلەيھىمۇسسالامنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِمْ فِعْلَ الْخَيْرَاتِ وَإِقَامَ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءَ الزَّكَاةِ وَكَانُوا لَنَا عَابِدِينَ﴾

«بىز ئۇلارنى ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يولباشچىلار قىلدۇق، ئۇلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇشنى، زاكاتنى بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىدى»[13].

شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۆز ئەھلىنى (ئائىلە-تاۋابىئاتىنى) نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيدىغان بەندە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا. وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا﴾

«ئى مۇھەممەد! بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىرى ئىدى، ئەلچى ئىدى، پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ئائىلىسىنى ناماز ئۆتەشكە ۋە زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى. ئۇ رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بىرى ئىدى»[14].

ئاللاھ تائالانىڭ بەنى ئىسرائىلغا قىلغان ﴿وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ – نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار﴾[15] دېگەن بۇيرۇقى بىزگە پەرز قىلىنغان نامازنىڭ ئەينى شەكىلدە يەھۇدىيلارغىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە يەھۇدىيلاردىن ئالغان ئەھدىنىڭ ئىچىدە ناماز ۋە زاكاتنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ﴾

«ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: ‹ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا-ئاناڭلارغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار. نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار. زاكاتنى بېرىڭلار!› دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق[16]. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر»[17].

ئاللاھ تائالا بۇ بۇيرۇقىنى مۇسا ۋە قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىماسسالامغا قىلغان خۇسۇسىي بىر بۇيرۇقىنىڭ ئىچىدىمۇ تەكرارلايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ﴾

«بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن».[18]

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي﴾

«شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنداقتا سەن ماڭا ئىبادەت قىلغىن ۋە مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن!» [19].

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش بىلەن ياردەم تەلەپ قىلىش» توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ھەم مۇسۇلمانلارغا ھەم بەنى ئىسرائىلغا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ﴾

«ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش بىلەن ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»[20].

﴿وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى الْخَاشِعِينَ﴾

«ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش بىلەن ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز ھەقىقەتەن ئېغىر بىر ۋەزىپىدۇر. لېكىن ئۇ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس»[21].

ئەھلى كىتابقا قەتئىي شەكىلدە قىلىنغان ئەمىرلەرنىڭ ئىچىدە نامازنىڭمۇ بارلىقى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن ئېنىق بىلىنىدۇ. ئۇ ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:

﴿وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ. وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ﴾

«كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن پىرقىلەرگە ئايرىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىشقا، ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر[22].

لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن بىرىنىڭ ناماز ئىكەنلىكىنى مۇنۇ ئايەت ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

﴿يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَى مَا أَصَابَكَ إِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ﴾

«ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئادا قىلغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر»[23].

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغانلىقىنى سۆزلىگەنلىكى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنىدۇ:

﴿…وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا﴾

«ئاللاھ مېنى ھاياتلا بولسام نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇدى»[24].

بۇ ئايەتلەر ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ناماز تۇنجى ئىنسان ۋە تۇنجى پەيغەمبەر بولغان ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئېتىبارەن پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇممەتلىرىگە پەرز قىلىنغان. ناماز ۋاقىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر «جىبرىئىل ھەدىسى»دە بايان قىلىنغاندەك، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلغان، بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئۆتەش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئۆتەش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر»[25].

3- ئاخىرقى ئۈممەتتە بەش ۋاخ ناماز

ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى ئۈممەتكە (يەنى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە) ناماز توغرۇلۇق قىلغان بۇيرۇقى ﴿أَقِيمُوا الصَّلَاةَ – نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار﴾ [26]دېگەن شەكىلدىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلىرىدە «نامازنى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز بولغان «الصَّلَاةَ»، ئېنىق ئىسىم (مەئرىفە) بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالانىڭ ﴿أَقِيمُوا الصَّلَاةَ – نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «ئى ئۈممەتى مۇھەممەد! مەن تارىختىن بۇيان پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىگە پەرز قىلغان، شۇنداقلا ئۇلار ئادا قىلغان بەش ۋاخ نامازنى سىلەرگىمۇ پەرز قىلدىم، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلەرمۇ ئۇ بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلىڭلار». بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا 2 – سۈرە (بەقەرە) 238، 11 – سۈرە (ھۇد) 114 – ۋە 17- سۈرە (ئىسرا) 78 – ئايەتلەرنى نازىل قىلىش ئارقىلىق  بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

4 – بەش ۋاخ نامازنىڭ ئەھمىيىتى

بەش ۋاخ ناماز ئىنساننىڭ ئاللاھقا ھۆرمەت قىلغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ۋە جانلىق تۇتىدىغان بىر ئىبادىتى بولۇپ، ئۇ ئىبادەت ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئەركانىدىن بىرىدۇر[27].

قۇرئان كەرىمدە، كامىل ئادا قىلىنغان بەش ۋاخ نامازنىڭ يامانلىقلارغا توسالغۇ بولىدىغانلىقى[28]، ئاللاھتىن ياردەم تىلەشنىڭ ئىككى شەرتىدىن بىرىنىڭ بەش ۋاخ نامازنى ئۆتەش ئىكەنلىكى[29]، بەش ۋاخ نامازنىڭ پەقەت ئاللاھقا چىن قەلبىدىن ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلارغىلا ئېغىر كەلمەيدىغانلىقى، قەلبىدە مەنىۋى كېسەللىك بولغانلارنىڭ ۋە ئاللاھقا سەمىمىي بولمىغانلارنىڭ بەش ۋاخ نامازغا ھۇرۇنلۇق بىلەن تۇرىدىغانلىقى، بەش ۋاخ نامازنىڭ بۇنداقلارغا ئېغىر بىر جاپا تۇيۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە[30].  

ئاللاھ تائالا بەش ۋاخ نامازغا شۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرگەنكى، ھېچبىر شارائىتتا ئۇلارنى تەرك قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان، ھەتتا ئۇرۇش ئەسناسىدىمۇ مۇسۇلمانلارنى جامائەتنى ئىككىگە ئايرىپ بولسىمۇ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتەشكە بۇيرۇغان[31]. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەپەر ئۈستىدە نامازنى قىسقارتىپ ئۆتەشكە بولىدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىپ، بۇ ئىبادەتنىڭ داۋاملىق قىلىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم ئاسانلىقلارنى يولغا قويۇپ بەرگەن. جۈملىدىن قادىر بولالمىغانلارنىڭ ئولتۇرۇپ، يېتىپ، مېڭىپ تۇرۇپ، ئۇلاغ ياكى قاتناش ۋاسىتىسى ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئىشارەت بىلەن بولسىمۇ نامازلىرىنى ئۆتەشكە بۇيرۇغان[32]. شۇنىڭدەك، بەزى شارائىتلار ئاستىدا پېشىن بىلەن ناماز دىگەرنى، ناماز شام بىلەن ناماز خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتەشكە رۇخسەت قىلغان[33]. بۇلار كۆرسىتىدۇكى، مۇسۇلماننىڭ ھاياتى نامازسىز ئۆتمەيدۇ ۋە ئۆتمەسلىكى لازىم.

5- بەش ۋاخ نامازنىڭ ھېكمىتى ۋە پەزىلىتى

بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئىنساننى قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇپ، ئۇنىڭ روھىنى پاكلاپ، ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿اُتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ ﴾

«ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ناماز ھاياسىزلىقتىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ»[34].

دەرۋەقە بەش ۋاخ نامازنى لايىق رەۋىشتە ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن مۇئمىننىڭ دىلى يورۇيدۇ، نەپسى پاكلىنىدۇ، ئىمانى كۈچىيىدۇ، كۆڭلى ياخشى ئىشلارغا قىزىقىدۇ ۋە يامان ئىشلاردىن سوۋۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇئمىن قەبىھ سۆز – ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان بولىدۇ[35].  ئاللاھنى بۇ شەكىلدە زىكىر قىلىش ئەڭ بۈيۈك ئىبادەتتۇر، چۈنكى نامازدا ئۇ مۇئمىن بىر تەرەپتىن ئاللاھقا تىلى، دىلى ۋە پۇت – قول ئەزالىرى بىلەن زىكىر ئېيتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ[36].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى يېنىدىكى ساھابىلىرىگە: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇ كۈنىگە بەش قېتىم شۇ ئۆستەڭگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ تۇرسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «ياق، ئۇنىڭ كىرلىرىدىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مانا بۇ بەش ۋاخ نامازنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ بەش ۋاخ ناماز بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېدى[37].

6  – بەش ۋاخ ناماز ئۆتەشنىڭ ھۆكمى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿…إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا﴾

«…شۇبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»[38].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى مۇئمىنلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ناماز ئۆتەشلىرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر بولسا، بۇ پەرزلىكنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇ نامازنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ ۋاقىتلارنى بايان قىلىدۇ:

﴿حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَى…﴾

«نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار…»[39].

بۇ ئايەتتە «نامازلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە سەلەۋات «الصَّلَوَاتِ»دۇر. بۇ كەلىمە «سەلات  – الصَّلَاة»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك شەكىل (جەمئ) ئەڭ ئاز ئۈچ نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداقتا ئايەتتىكى سەلەۋات «الصَّلَوَاتِ»نىڭ مەنىسى ئەڭ ئاز «ئۈچ ناماز» بولىدۇ.

بۇ ئايەتتە «نامازلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سەلەۋات – الصَّلَوَات» «سەلات – الصَّلاَة»نىڭ كۆپلۈك شەكلى (جەمئىسى)دۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك شەكىل (جەمئى) ئۈچ نەرسىنى ۋە ئۈچتىن ئارتۇق نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر بۇ «سەلەۋات – الصَّلَوَاتِ» دېگەن كەلىمە كۆپلۈكنىڭ ئەڭ ئاز تەرىپى بولغان ئۈچنى ئىپادىلىسە، بۇ تەقدىردە ئۇ «الصَّلَوَاتِ (نامازلار)»، «الصَّلاَةِ الْوُسْطَى (ئوتتۇرا ناماز)» بىلەن بىرلىكتە تۆت ۋاقىت ناماز بولىدۇ. تۆتنىڭ ئوتتۇرىسى يوقتۇر. بۇ تەقدىردە «الصَّلاَةِ الْوُسْطَى (ئوتتۇرا ناماز)»، «الصَّلَوَاتِ (نامازلار)»غا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا»لىق ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «سەلەۋات – الصَّلَوَاتِ (نامازلار)» دېگەن كۆپلۈك كەلىمە ئۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى بولغان تۆتنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمىنىڭ ئۆز مەنىلىرىدىن بولغان باشقا مەنىلارنى (مەسىلەن: 5، 6، 7 لەرنى) ئىپادىلىشىگە، بەش ۋاقىت ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر توسالغۇ بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق بولغاندا يەنى سەلەۋات «الصَّلَوَات (نامازلار)» دېگەن كۆپلۈك كەلىمە تۆتنى ئىپادىلىگەندە، «سالاتىل ۋۇستا – الصَّلاَةِ الْوُسْطَى (ئوتتۇرا ناماز)»، ئۇ «نامازلار»غا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا»لىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ تەقدىردە بۇ نامازلار توپلام «بەش ناماز» بولىدۇ. بەشنىڭ ئوتتۇرىسى بولىدۇ: (11111). ئايەتتىكى «حَافِظُوا (مۇھاپىزەت قىلىڭلار)» دېگەن بۇيرۇق بولسا، ئۇ «بەش ناماز»نى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

﴿وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ …﴾

«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن…»[40].

بۇ ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى «تەرەفەيىنناھار – طَرَفَيِ النَّهَارِ»دۇر. «تەرەفەيىنناھار – طَرَفَيِ النَّهَارِ» ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىدە مۇزافۇن ئىلەيھ «تەرەف  – طَرَف» كەلىمىسىنىڭ ئىككىلىك شەكلى بولغان «تەرەفەي – طَرَفَي»دۇر. «تەرەپ – طَرَف» دېگەن سۆز ئەرەبچىدە بىر تەرەپ، بىر توپ، بىر تۈركۈم، چېگرا، يان، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[41]. بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە مۇزاف (ئېنىقلانغۇچى) بولۇپ كەلگەندە مۇزافۇن ئىلەيھ (ئېنىقلىغۇچى)نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىدۇ[42]. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتتە ئۆتكەن «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» كۈندۈزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلاردىن ئىككى بۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى «زۇلەفەن مىنەللەيل – زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ»دۇر. «زۇلەف – زُلَف»، «زۇلفە – زُلْفَة»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك كۆپلۈك ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسى «يېقىنلىق» دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا «زۇلەفەن مىنەللەيل – زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ»نىڭ مەنىسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ. ئايەتتىكى «ئەقىم – أقم (تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن)» دېگەن بۇيرۇق، كۈندۈزگە تەۋە ئىككى ۋاقىتتا ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ بۆلۈمىدە يەنى بەش ۋاقىتتا نامازنى داۋاملىق ئادا قىلىش بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ 2 – سۈرە (بەقەرە)نىڭ 238 – ئايىتىدىكى «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىمۇ پەقەت بۇ شەكىلدىلا ئورۇندىلىدۇ. چۈنكى ئۇ نامازلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئادا قىلىنمىسا مۇھاپىزەت قىلىنغان بولمايدۇ.

﴿أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ…﴾

«نامازنى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقانغا قەدەر ئۆتىگىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئۆتىگىن…»[43].

بۇ ئايەت، 11- سۈرە (ھۇد)نىڭ 114- ئايىتىدە ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان بەش ۋاخ نامازنىڭ بەش ۋاقتىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَى﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن. قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇلارنى رازىلىققا ئېرىشەرمەن دەپ قىلغىن»[44].

بۇ ئايەت بەش ۋاخ نامازنىڭ ئالدى-كەينىدىكى نەپلە (سۈننەت) نامازلارنىڭ، چاشگاھ ۋە تەھەججۇد نامازلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا، بامداتنىڭ ۋە ناماز دىگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىغا، بەش ۋاخ نامازنىڭ، تەھەججۇد ۋە چاشگاھ نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىغا دالالەت قىلىدۇ.

﴿فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ﴾

«ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىلماقتىدۇر. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان چاغلىرىڭلاردىمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار»[45].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، 11- سۈرە (ھۇد)نىڭ  114- ئايىتىدە ئۆتكەن «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ ۋاقىت»نىڭ ئىككىسىنى «مەسائـ – مساء» ۋاقتى، بىرىنى سەباھ «صباح» ۋاقتى دەپ، ئەسلىدە ئۇ ئۈچ ۋاقىتنىڭ ئىككى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى «ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان»دا ئىككى قېتىم ناماز ئوقۇلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى ناماز شام، يەنە بىرى خۇپتەندۇر. بۇ ئىككى نامازنىڭ ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ۋاقىت بولسىمۇ ئەسلىدە ھەر ئىككى ۋاقىت «ئاخشام (مساء)» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان»دا ئوقۇلىدىغان ناماز بامدات نامىزىدۇر. «كۈندۈزنىڭ ئاخىرى»دا ئوقۇلىدىغان ناماز نامازدىگەردۇر. «چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان»دا ئوقۇلىدىغان ناماز پېشىن نامىزىدۇر.

 ﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ﴾

«ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد ئېيتىپ تەسبىھ ئېيتقىن»[46].

بۇ ئايەت بامدات بىلەن نامازدىگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ.

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلىپ كۆرسىتىپ قويغان ناماز ۋاقىتلىرى يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن ۋاقىتلارنىڭ ئۆز ئەينىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىئىل كەئبىنىڭ يېنىدا ماڭا ئىككى قېتىم ئىمام بولدى. بىرىنچى قېتىمدا، پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئاياغنىڭ بوغقۇچىسىدەك بولغاندا ئۆتىدى، ناماز دىگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزى بىلەن تەڭ بولغاندا ئۆتىدى، ناماز شامنى كۈن پاتقان ۋە روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلغان چاغدا ئۆتىدى، خۇپتەننى شەپەق يوق بولغاندا ئۆتىدى، بامداتنى تاڭ يورۇپ روزا تۇتقۇچىغا يېمەك-ئىچمەك ھارام بولغان چاغدا ئۆتىدى. ئىككىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويىغا تەڭ كېلىدىغان بولغاندا يەنى بىرىنچى قېتىمدا ناماز دىگەرنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ئۆتىدى، ناماز دىگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوخشىشىغا تەڭ بولغاندا ئۆتىدى. ناماز شامنى يەنە بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان ۋاقىتتا ئۆتىدى، خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەندە ئۆتىدى، بامداتنى ئەتراپ ئاقارغاندا ئۆتىدى. ئاندىن كېيىن ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى: ‹ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر›»[47].

7 – بەش ۋاخ نامازنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر»[48]، بەش ۋاخ ناماز ئەنە شۇ ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئەركانىدۇر، بەش ۋاخ نامازنى ئۆتەش مۇئمىنلىقنىڭ ئالامىتىدۇر[49]. بەش ۋاخ نامازنى ئىنكار قىلىش بولسا، ئەڭ ئاز دېگەندە يۈز دانە ئايەتنى، يېزىلغان ھالەتتىكى سۈننەتنى ۋە ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن سۈننەتنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر، ئىسلام ئۇممىتىنى ئەخمەق ھېسابلىغانلىقتۇر، ئۆزىنىڭ ئىمانسىزلىقىنى، ئىلىمسىزلىكىنى ۋە ھاياسىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتۇر. چۈنكى بەش ۋاخ نامازنىڭ ئەھمىيىتى، ھۆكمى، ھېكمىتى ۋە ۋاقىتلىرى… قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە ناھايىتى ئېنىق بايان قىلغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ مەسىلىلەرنى يەتكۈزگەن ۋە ئىجرا قىلغان، ئىسلامىي ھايات بەش ۋاخ ناماز بىلەن شەكىللەنگەن، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ تارىخىدا بەش ۋاخ ناماز بىر كۈنمۇ تەرك ئېتىلمىگەن. مەسىلە بەك ئېىنىق، ناھايىتى ئوچۇق ۋە غايەت ئاشكارا بولغانلىقى ئۈچۈن مەزھەپلەر بۇ ھەقتە ئەسلا ئىختىلاپ قىلىشمىغان. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىم نازىل بولغىلى ۋە ئىجرا قىلىنىش شەكلى قۇرئاننى يەتكۈزگەن پەيغەمبەر مۇھەممە ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن كۆرسىتپ بېرىلگىلى 14 ئەسىردىن ئارتۇق زامان ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈنلەردە، بىر ئادەمنىڭ: «بەش ۋاخ يوق، ناماز بەش ۋاخ ئەمەس …» دېگەندەك بىلجىرلاشلىرىنىڭ مەنىسى، «مەن ئىمانسىز، مەن ئىلىمسىز، مەن ھاياسىز، مەن مۇئمىن ئەمەس، مەن ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئەمەس، مېنىڭ ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقۇم جايىدا ئەمەس» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇنداق ئادەملەرنىڭ پەرقى شۇكى:

مۇناپىقلار مەئىشەتكە مەغرۇرلىنۇر،

مۇسۇلمانلار ئىسلام بىلەن ھۇزۇرلىنۇر.

يازغۇچى: ئەنەس ئالىم 

«ئاخىرقى سۆزىمىز: ‹ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن›دۇر».

[1] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 36 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 25 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 22- سۈرە ھەج، 45 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 40 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان. 3 – ئايەت؛ 90 – سۈرە بەلەد، 10 – ئايەت.

[4] ئەبۇلھۈسەيىن ئەھمەد ئىبنى فارىس ئىبنى زەكەرىييا، «صلي»، مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغە، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇسسەلام مۇھەممەد ھارۇن (بېيرۇت: دارۇلفىكر،  1399 ھ / 1979 م)، 3: 300؛ راغىب ئىسفەھانى، «صلي»، ئەلمۇفرەداتۇ فى غەرىبىلقۇرئان، تەھقىلىغۇچى: سەفۋان ئەدنان داۋۇدى (دەمەشق- بېيرۇت: دارۇلقەلەم – دارۇششامىييە، 1412 ھ)،  490 – 491؛ مۇھەممەد ئىبنى مۇكەررەم ئىبنى مەنزۇر، «صلي»،  لىسانۇل ئەرەب (بېيرۇت: دارۇ سادار، ، 1414 ھ)، 14: 464 – 468.

[5] م. كامىل ياشار ئوغلۇ «ناماز»، تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى  ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى نەشرىياتى، 2006 م)، 32: 350.

[6] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە،  99- ۋە 103- ئايەتلەر.

[7] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 157- ئايەت.

[8] قاراڭ: 42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت.

[9] قارڭ: 3-  سۈرە ئال ئىمران، 96 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 26 – ئايەت.

[11] قاراڭ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 35 ~ 40 – ئايەتلەر.

[12] قاراڭ 19 – سۈرە مەريەم، 58 ~ 59 – ئايەتلەر.

[13] قاراڭ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 73 – ئايەت.

[14] قاراڭ 19 – سۈرە مەريەم، 54 ~ 55 – ئايەتلەر.

[15] قاراڭ 2 – سۈرە بەقەرە، 43 – ئايەت.

[16] قاراڭ 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 12-  ئايىتىمۇ بۇ ئەھدىنى بايان قىلىدۇ.

[17] قاراڭ 2 – سۈرە بەقەرە، 83 – ئايەت.

[18] قاراڭ 10 – سۈرە يۇنۇس، 87 – ئايەت.

[19] قاراڭ 20 – سۈرە تاھا، 14 – ئايەت.

[20] قاراڭ 2 – سۈرە بەقەرە، 153 – ئايەت.

[21] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 45 – ئايەت.

[22] قاراڭ: 98- سۈرە بەييىنە، 4 ~ 5 – ئايەتلەر.

[23] قاراڭ: 31- سۈرە لۇقمان، 17- ئايەت.

[24] قاراڭ: 19 – سۈرە مەريەم، 31- ئايەت.

[25] بۇخارى، «مەۋاقىت» 2؛ مۇسلىم، «مەساجىد»، 166-167؛ تىرمىزى، «سالات»، 1؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 2.

[26] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 110 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 103 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 72 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 78 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 56  – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 31 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 13 – ئايەت؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت.

[27]  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى ‹ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىككىنچىسى نامازنى ئۆتەش، ئۈچىنچىسى زاكاتنى بېرىش، تۆتىنچىسى قادىر بولالىغان كىشىنىڭ ھەجنى ئادا قىلىشى، بەشىنچىسى رامىزان روزىسىنى تۇتۇشتۇر» – بۇخارى، «ئىمان»، 2؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 19-22.

[28]  قاراڭ: 29- سۈرە ئەنكەبۇت، 45- ئايەت.

[29] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 45- ئايەت.

[30]  قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە 45- ئايەت؛ 4- سۈرە نىسا 142- ئايەت؛ 9- سۈرە تەۋبە، 54- ئايەت.

[31]  قاراڭ: 4 – سۈرە  نىسا، 102- ئايەت.

[32] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 103- ئايەت.

[33]  قۇرئان كەرىمدە پېشىننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى، نامازشامنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى  زىكىر قىلىنمايدۇ. بۇ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس كىتابلىرىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ نامازلارنى مۇشۇنداق بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.

[34] قاراڭ: 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 45- ئايەت.

[35] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە 45- ئايەت.

[36] قاراڭ: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 1 -، 2 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.

[37]  بۇخارى، «مەۋاقىت»، 6؛ مۇسلىم، «مەساجىد»، 282؛ تىرمىزى، «ئەمسال»، 5؛ نەسەئى، «سالات»، 7.

[38] قارااڭ: 4 – سۈرە نىسا، 103- ئايەت.

[39] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 238- ئايەت.

[40] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 114- ئايەت.

[41] ئىبنى فارىس، «طرف»، 3: 447؛ راغىب ئىسفەھانى، «طرف»، 517.

[42] قاراڭ: 3-  سۈرە ئال ئىمران، 127 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 41 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 130 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 44 – ئايەت.

[43] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 78- ئايەت.

[44] قاراڭ: 20- سۈرە تاھا، 130- ئايەت.

[45] قاراڭ: 30- سۈرە رۇم، 17~18- ئايەتلەر.

[46] قاراڭ: 50- سۈرە قاف، 39- ئايەت.

[47] بۇخارى، «مەۋاقىت»، 2؛ مۇسلىم، «مەساجىد»، 166-167؛ تىرمىزى، «سالات»، 1؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 2.

[48] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 19 – ئايەت.

[49]  قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 103 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر