ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! سىزگە ئالدى بىلەن شۇنى دەيكى: بىز بىر نەرسە توغرۇلۇق «بولىدۇ» ياكى «بولمايدۇ» دېيىشىمىز ئۈچۈن قۇرئان ـ ھەسىتىن دەلىلغا ئاساسلىنىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ياكى ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىنساننىڭ كۆزقارىشىغا ئاساسلانساق، مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىزگە يارىشىدىغان ئىش قىلمىغان بولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،
ئاللاھ تەئالا مائىدە سۈرىسىنىڭ (قۇرئان كەرىمنىڭ 5 ـ سۈرىسىنىڭ) 6 ـ ئايىتىدە تاھارەتنىڭ سۇنۇشىغا ئىككى ئىشنىڭ سەبەب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ؛ بىرى ھاجەتخانىدىن كېلىش يەنى تەرەت سۇندۇرۇش، يەنە بىرى جۇنۇپ بولۇش.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە يەنە بىرىنچى سەبەب بىلەن تاھارەت سۇنغانلارنى، ناماز ئوقۇماقچى بولغان چېغىدا، كىچىك تاھارەت ئېلىشقا (كىچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئۈچ ئەزانى يۇيۇش ۋە باشقا مەسىھ قىلىشقا) بۇيرۇيدۇ.
ئىككىنچى سەبەب (ئېھتىلام بولۇش ياكى ئەر ـ خوتۇن بىر يەردە بولۇش) بىلەن تاھارىتى سۇنغانلارنى، ناماز ئوقۇماقچى بولغان چېغىدا غۇسۇل قىلىشقا (چوڭ تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش نىيىتى بىلەن پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇشقا) بۇيرۇيدۇ.
دېمەك، تاھارەت ۋە تاھارەتنىڭ سۇنۇپ كېتىش سەبەبلىرى بايان قىلىنىدىغان بۇ ئايەتتە، تاھارەتنى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنىڭ سۇندۇرىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
بۇ ئايەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئالدى ۋە ئارقا تەرەت يوللىرىدىن چىققان ھەر قانداق نەرسە تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن ھەدىسى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ ئايەت بىلەن بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى، تەرەت يوللىرىدىن باشقا يەردىن چىققان قاننىڭ تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
يارىدار بولغان ساھابىلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تاھارەت ئالماستىن ياكى تەيەممۇم قىماستىن نامازلىرىنى ئوقۇۋېرىشى، ھەزرەتى ئۆمەرنىڭ نەيزە سانجىلغان يېرىدىن قان ئېقىپ تۇرسىمۇ نامىزىنى ئوقۇۋېرىشى، بۇنى تەكىتلەيدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ھەنەفىيە مەزھىپى ھەرقانداق يەردىن قان چىقسا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇلار دەلىل قىلغان بىر ھەدىس بار. بۇ ھەدىسنى بۇ مەزھەپنىڭ ئالىملىرىدىن زەيلەئى دېگەن كىشى نەسبۇررايە ناملىق كىتابىنىڭ «تاھارەت» بۆلۈمىدە «زەئىپ (دەلىل بولالىغۇدەك كۈچتەئەمەس)» دەپ يازىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا «قان چىقسا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ» دېگەن كۆزقاراش يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئوچۇقتىن ـ ئوچۇق خىلاپتۇر.