«قانداق بولساڭلار شۇنداق باشقۇرىلىسىلەر» دېگەن سۆز ھەدىسمۇ؟ ھەدىس بولسا سەھىھمۇ؟
جاۋاب:
«قانداق بولساڭلار شۇنداق باشقۇرىلىسىلەر (كَمَا تَكُونُوا يُوَلَّى عَلَيْكُمْ)» سۆزى ئاساسلىق (ئالتە) ھەدىس مەنبەلىرىدە، ھەمدە باشقا ھەدىس مەنبەلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن بۇ رىۋايەت مۇنۇ مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ: (ئەجلۇنىي، كەشفۇل خافا، 2 : 126-127 (1997)؛ مۇناۋىي، فەيزۇل قەدىر، 5 : 47 (6407)؛ ئەلبانىي، سىلسىلەتۇل ئەھادىسۇل دائىفە ۋەلمەۋدۇئ، 1 : 320، 491).
شەۋكانى «فەۋائىدۇل مۇئجەم» ئىسىملىك ئەسەرىدە بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى (رىۋايەت قىلغۇچىلار)نىڭ ئىچىدە يالغان ھەدىس ئويدۇرىدىغان بىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە يەنە رىۋايەت قىلغۇچىلار زەنجىرىدە ئۈزۈلۈپ قىلىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رىۋايەتنى زەئىپ (تۇتقىلى بولىدىغان دەرىجىدە ئىشەنچلىك ئەمەس)لىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. (قاراڭ: شەۋكانى، فەۋائىدۇل مۇئجەم، 210 ، ھەدىس نومۇرى:624).
ھازىرقى زامان ھەدىس ئالىملىرىدىن ناسىرۇددىن ئەلبانى بۇ ھەدىسىنىڭ سەنەد تەرەپتىن زەئىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن مۇنداق ئىزاھات بېرىدۇ:
«بۇ ھەدىسنى دەيلەمى مەرفۇئ (سەنەد زەنجىرى رەسۇلۇللاھقا ئۇلۇنىدىغان) ھەدىس دەيدۇ. ئىبنى جامىي «مۇئجەم» ناملىق ئەسىرىدە ۋە قەدائىي «مۇسنەد» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنىڭ مەرفۇئ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بەيھەقى بولسا بۇ ھەدىسنى «شۇئبۇل ئىيمان» ناملىق ئەسىرىدە مۇرسەل (تابىئىنلاردىن بىرىنىڭ ساھابىنى تىلغا ئالمايلا بىۋاستە رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس) ئىكەنلىكىنى دەيدۇ ۋە ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان يەھيا ئىبنى ھىشامنىڭ يالغان ھەدىس توقۇيدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىبنى تاھىر، بۇ ھەدىسنى مۇبارەك ئىبنى فۇدالەدىن رىۋايەت قىلغان كىشىنىڭ مەجھۇل (نامەلۇم) ئىكەنلىكىنى ۋە مۇناۋىنىڭمۇ ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئىبنى ھاجەرمۇ «تەھرىجۇل كەششاف» ناملىق ئەسەردە بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى مۇبارەككىچە بولغان راۋىلارنىڭ «مەجھۇل» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ».
ئەلبانى بۇ ئىزاھاتلاردىن كىيىن بۇ ھەدىسنىڭ مەنە تەرەپتىنمۇ سەھىھ (توغرا) ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ سۆز ئەمەلىيەتكىمۇ زىت، خەلق ئوخشاش بولسىمۇ يەنى ئىنسانلار ھېچ ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بەزىدە ياخشى باشقۇرغۇچىلار، بەزىدە ناچار باشقۇرغۇچىلار باشقا چىقىۋالىدۇ»-(قاراڭ: ئەلبانىي، سىلسىلەتۇل ئەھادىسىل دائىفە ۋەلمەۋدۇئ، 1 : 320، 491 – 492).
ئەلبانىنىڭ بۇ پىكرى بىزنىڭ قارىشىمىزدىمۇ ناھايىتى توغرا.
خۇلاسە شۇكى، مەزكۇر ھەدىسكە بۇ مەلۇماتلارنىڭ سايىسىدە قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ ھەم سەنەد، ھەم تېكىست تەرەپتىن زەئىپ (ئاجىز) ئىكەنلىكى كۆرەلەيمىز.