شەنبە كۈنى چەكلىمىسى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ. فَجَعَلْنَاهَا نَكَالًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
«ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق. بىز ئۇ ۋەقەنى زامانداشلىرىغا ۋە كېيىنكىلەرگە بىر ئىبرەت، تەقۋادارلارغا بىر نەسىھەت قىلدۇق»-بەقەرە،2/65-66.
يەھۇدىلاردا شەنبە كۈنى ئوۋ ئوۋلاش چەكلەنگەن ئىدى. داۋۇد ئەلەيھىسالام زامانىسىدا ساھىل كەنتى بولغان (ئەيلە)دە يەھۇدىلار ياشايتتى. ھەر يىلنىڭ مەلۇم بىر ئايىدا ئۇ يەرگە ھەر تەرەپتىن بېلىقلار ئېقىپ كېلىپ، سۇ يۈزى كۆرۈنمەي قالاتتى. ئۇ ئايدىن باشقا ئايلاردا بولسا پەقەت شەنبە كۈنلىرىلا بېلىق كېلەتتى. ئۇلار مۇشۇ پەيتتە دېڭىز ساھىلىغا كۆلچەكلەر كولاپ، ئېرىق ئېچىپ قوياتتى-دە. شەنبە كۈنى كۆلچەكلەرنى بېلىقلار بىلەن توشقۇزۇپ، يەكشەنبە كۈنى تۇتاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق قىلساق چەكلىمىنى بۇزمىغان بولىمىز دەپ ئويلايتتى. ئۇلار جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن قورقۇپ تۇرۇپ يەنە بېلىق تۇتۇشقا چىقاتتى.
ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاتىلىرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ مېڭىپ باي بولدى. بۇ ئىشنى توغرا تاپمىغان بىر تۈركۈم ئىنسانلار ئۇلارنى قىلمىشلىرىدىن توسۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇلار ۋاز كەچمىدى. ئۇلار (بىز ئۇزۇندىن بېرى بۇنى قىلىۋاتىمىز، ئاللاھتىن بىر جازا كەلمىدى) دەيتتى. ئۇلارغا (ئالدانماڭلار، بەلكى بىر ئازاب كېلىپ، ھەممىڭلار يوق بولىسىلەر) دېيىلسىمۇ قۇلاق سالمىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەتىگەن خار مايمۇنغا ئۆزگىرىپ قالدى. ئۈچ كۈن مۇشۇنداق ياشىغاندىن كېيىن يوق بولۇپ كەتتى .
بىر قىسىملار يەنە داۋاملىق ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان ئىدى. يەنە بىر قىسىم ئىنسانلار مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھ يوق قىلىۋىتىدىغان ياكى قاتتىق ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان بىر خەلققە نېمىشقا نەسىھەت قىلىسىلەر؟». نەسىھەت قىلغۇچىلار بۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى: «بۇ ھېچبولمىسا رەببىمىزگە بىر ئۆزۈر بايان قىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، بەلكى ئۇلار ئاللاھقا قارشى چىقىشتىن يېنىپ قالا». ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛
فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ أَنْجَيْنَا الَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ السُّوءِ وَأَخَذْنَا الَّذِينَ ظَلَمُوا بِعَذَابٍ بَئِيسٍ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ. فَلَمَّا عَتَوْا عَنْ مَا نُهُوا عَنْهُ قُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ.
«ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز-نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز يامانلىقتىن توسىدىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، زالىملىق قىلغان كىشىلەرنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىققان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرى چەكلەنگەن ئىشنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقان چاغدا، ئۇلارغا: «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېدۇق»-ئەئراف،7/165-166.
-پروفېسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
-قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزۈتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار