ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال:
مېنىڭ ھازىرقى مۇقىم تۇرۇۋاتقان ئورنۇم يۇرتۇمدىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتا. بەزىدە ئايدا بىر قېتىم، بەزىدە ھەپتىدە بىر قېتىم قايتىپ، ئاتا-ئانامنى يوقلايمەن. زادى قانچىلىك يىراق سەپەرگە چىققاندا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش كىرەك؟ (قانچە كىلومېتىر؟) ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا قىلسۇن، ئامىن. ھۆرمەت بىلەن: ئابدىقاھار
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قۇرئان كەرىمنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئايىتىدە (نىسا سۈرىسىنىڭ 101- ئايىتىدە) نامازنىڭ قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلۇشى ئۈچۈن «سەپەرگە چىقىش» شەرت قىلىنىدۇ. لېكىن ھېچبىر ئايەتتە بۇ سەپەرنىڭ مۇساپىسى توغرۇلۇق بىر بەلگىلىمە يوق.
بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەر ۋە ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى مۇنداق:
شۇئبە يەھيا ئىبنى يەزىد ئەلھۇنائىيدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: يەھيا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نامازنى قەسىر قىلىش توغرۇلۇق سورىغان ئىدىم. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ مىل ياكى ئۈچ فەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ، تۆت رەكئەتلىك نامازنى ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى.
شۇئبە يەھيانىڭ بۇ ئىككىنىڭ (ئۈچ مىل ياكى ئۈچ فەرسەخنىڭ) قايسىسىنى دېگەنلىكىنى ئېنىق ئەسلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق «ئۈچ مىل ياكى ئۈچ فەرسەخ» دەيدۇ. بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىككى مۇساپىنىڭ بىرىگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى ئېنىق.- (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلىدۇ. ھافىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى فەتھۇلبارى ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى مۇشۇ توغرىدىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس دەپ يازىدۇ).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىققانلىقىنى ئاساس قىلساق، ئۈچ مىل 5 كىلومېتر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتر ئارىسىدا بىر مۇساپىدۇر. چۈنكى مىل جايلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن: بىر مىل بەزى جايلاردا 1609 مېتىرغا تەڭ كەلسە، بەزى جايلاردا 1848 مېتىرغا تەڭ كېلىدۇ. بۇنى ئۈچكە كۆپەيتسەك ئۈچ مىلنىڭ يۇقىرىدىكى «5 كىلومېتر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتر ئارىسىدا بىر مۇساپە» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ فەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىققانلىقىنى ئاساس قىلساق، ئۈچ فەرسەخ ئون بەش كىلومېتر بىلەن ئون ئالتە يېرىم كىلومېتر ئارىسىدا بىر مۇساپىدۇر. چۈنكى بىر فەرسەخ ئۈچ مىلغا تەڭ كېلىدۇ. ئۈچ مىل 5 كىلومېتر بىلەن بەش يېرىم كىلومېتر ئارىسىدا بىر مۇساپە بولسا، بۇنى ئۈچكە كۆپەيتسەك، ئۈچ فەرسەخنىڭ «ئون بەش كىلومېتر بىلەن ئون ئالتە يېرىم كىلومېتر ئارىسىدا بىر مۇساپە» ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.- (ئەلبانىي، ئىرۋائۇلغەلىل 2/18؛ ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھەتۇ 1/310).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبۇكتا 20 كۈن تۇرغانلىقى ۋە بۇ مۇددەت ئىچىدە نامىزى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ- (بۇخارى ئەلئىلەلۇ كەبىر 95).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتىھ بولغان يىلى مەككىدە 15 كۈن تۇرغان ۋە بۇ مۇددەت ئىچىدە نامىزى قەسىر قىلىپ ئوقۇغان- (ئەبۇداۋۇد 1231).
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شامدا ئىككى ئاي تۇرغانلىقى ۋە بۇ زامان ئىچىدە نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى، بەزى ساھابىلەرنىڭ ئەزەربەيجاندا 6 ئاي قالغانلىقى ۋە بۇ زامان ئىچىدە نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇـ (ئىبنۇلمۇلەققىن، شەرھۇلبۇخارى 8/432).
يۇقاردا ئۈچ مىل كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىقسا، نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ئبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ 16 فەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە چىقسا نامازنى قەسىر ئوقۇيدىغانلىقى ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتمايدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.- (سەھىھۇلبۇخارى1/368).
يىغىپ ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمدە ناماز قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلىدىغان سەپەرنىڭ مۇساپىسى توغرۇلۇق بىر بەلگىلىمە يوق. بۇ توغرىدىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ مىل ياكى ئۈچ فەرسەخ كېلىدىغان بىر مۇساپىگە سەپەرگە چىقسا نامازنى قەسىر قىلىپ تۆت رەكئەتلىك نامازنى ئىككى رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە بىر بەلگىلىمە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى بەلگىلىمە ماھىيىتىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلەرنىڭ بۇ توغرىدىكى تەتبىقاتى پەرقلىقتۇر. بۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىندى.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مەزھەپ ئالىملىرى سەپەر مۇساپىسىنى تۆگە مېڭىشىدا ئۈچ كېچە- كۈندۈزلۈك يول دەپ بەلگىلەيدۇ. بەزى ئالىملار بۇ مۇساپىنى 85 كىلومېتىر دېسە، بەزىلىرى 88، بەزىلىرى 90، بەزىلىرى 96 كىلومېتىر دەپ بەلگىلەيدۇ. بۇلار بۇ بەلگىلەشتە نە ئايەتكە، نە ھەدىسكە ئاساسلانمايدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە ئېنىق بەلگىلىمە قويۇلمىغان بىر مەسلىدە بەلگىلىمە قويۇش، ئاللاھنىڭ كەڭ يولىنى تارلاشتۇرغانلىق بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار مەزھەپكە ئەمەس قۇرئانغا بويسۇنۇشقا، مەزھەپ ئالىملىرىغا ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىكە بۇيرۇلغانلىقى ئۈچۈن مەسىلىنى بىۋاسىتە قۇرئان-ھەدىستىن چۈشىنىشى، شۇنداقلا قۇرئان-ھەدىستىن چۈشەنگىنى بويىچە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
خۇلاسە
ناماز قەسىر قىلىنىپ ئوقۇلىدىغان سەپەر مۇساپىسى ۋە بىر جايدا قانچە كۈن تۇرسا مۇساپىر ھېسابلىنىپ قانچە كۈن تۇرسا مۇساپىر ھېسابلانماسلىقى، ئۆرپ-ئادەتكە قويۇلغان. يەنى ئادەتتە بىر كىشى قانچىلىق يىراقلىقتىكى بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ يولغا چىقسا مۇساپىر (يولۇچى) ھېسابلىنىدۇ، قانچىلىك يولغا چىقسا مۇساپىر ھېسابلانمايدۇ، بىر جايدا قانچىلىق تۇرسا مۇساپىرلىقى داۋام قىلىدۇ، قانچىلىك تۇرسا مۇساپىرلىقى مۇقىملىققا ئۆزگىرىدۇ، بۇنى شۇ كىشى ياشاۋاتقان جاينىڭ ئادىتى بەلگىلەيدۇ.
كۈنىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر كىشى ھازىرقى قاتناش ۋاسىتىلىدىن بىرى بىلەن 5 كىلومېتىرلىق يولنى بىرقانچە مىنۇتتا مېڭىپ بولىدۇ ۋە ھەرگىزمۇ سەپەرگە چىقتىم دەپ ئويلىمايدۇ. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بەزى چوڭ شەھەرلەردە سائەتىگە 150، 200 كىلومېتىر يول ماڭدىغان شەھەر پويىزلىرى بار.
ئىنسانلار ئەتىگىنى ئۇ پويىزلارغا ئولتۇرۇپ،40، 50، ھەتتا 100، 150 كىلومېتىرلىق يىراقلىتىكى بىر فابرىكىغا بېرىپ ئىشلەپ، يەنە ئاخشىمى ئىشتىن چۈشۈپ 1 سائەتكە يەتمىگەن بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۆيىگە كېلىپ بولىدۇ. بۇ ئىشچىلار ئەتىگىنى بولسۇن ئاخشىمى بولسۇن سەپەرگە چىقتۇق دەپ ئويلاشمايدۇ. بۇ، ئۇ شەھەرنىڭ ئادىتىدىمۇ يولۇچىلىق (سەپەر) ھېسابلانمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلمان، نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش كېرەك بولغان سەپەرنىڭ قانچىلىق يىرالىقتا بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى ۋە بىر جايدا قانچىلىك تۇرسا مۇساپىرلىقى مۇقىملىققا ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆزى ياشاۋاتقان رايوننىڭ ئادىتىگە قاراپ بەلگىلىۋالسا بولىدۇ.