سوئال:
سەپەردىن قايتقاندا ئوقۇلىدىغان بىر ناماز بارمىش، راست بارمۇ؟ بار بولسا دەلىلى نېمە؟قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَاجِدَ اللّهِ مَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَأَقَامَ الصَّلاَةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَلَمْ يَخْشَ إِلاَّ اللّهَ فَعَسَى أُوْلَـئِكَ أَن يَكُونُواْ مِنَ الْمُهْتَدِينَ﴾
﴿ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى ئوقۇغان، زاكاتنى بەرگەن، ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن﴾[1].
«مەسجىدنى ئاۋات قىلىش» مەسجىدنى ماددىي جەھەتتىن رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش بىلەن، مەنىۋى جەھەتتىن مەسجىدتە ناماز ئۆتەش، زىكىر-تەسبىھ ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن مەسچىتنى مەنىۋى جەھەتتىن ئاۋات قىلىشتىن بىر مۇددەت توختاپ قالغان كىشىنىڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇقىملىقتىكى ئىشلىرىنى بۇ ئاۋات قىلىشتىن باشلىشى ياخشى ئىشتۇر.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىس:
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئانھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايتسا ئالدى بىلەن مەسچىتكە بېرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى[2].
[1] 9- سۈرە تەۋبە، 18- ئايەت.
[2]بۇخارى، سەھىھ، جۇمۇئە 4418، مەغازى 4156؛ مۇسلىم، سەھىھ، سالاتۇلمۇسافىرىن 74 (716)، تەۋبە 53 – ( 2769 )؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، جىھاد 2773، 2781؛ نەسەئى، سۇنەن، مەساجىد 731.