سۇلەيمانىيە ۋەخپى، دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى.
«فىترەت» نىڭ مەنىسى «تەبىئەت قانۇنلىرى» دېگەن بولۇپ، تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشى ۋە يوق بولۇشى ئۇ قانۇنلار بويىچە بولىدۇ.
دىن، ئەقىل ئىگىلىرىنى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلاردىكى ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىدىغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، بىر-بىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە باشقا مەخلۇقاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدىغان ئىلاھى قانۇندۇر.
قۇرئان كەرىمدە ئۇ قانۇنلارنىڭ ھەر بىرى ۋە ئۇ قانۇنلار بويىچە يارىتىلغان مەخلۇقاتلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر ئايەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئايەتلەر بىلەن، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئارىسىدا تولۇق بىر پۈتۈنلۈك بار. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ
«سەن بۇ توغرا دىنغا- ئاللاھنىڭ فىترىتىگە يۈزلەنگىن. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇ فىترەت بويىچە ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ، توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- رۇم 30/30.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن دىن بىلەن فىترەت بىردۇر، يەنى دىننىڭ قانۇنلىرى بىلەن تەبىئەتنىڭ قانۇنلىرى ئوخشاشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە فىترەت تولا تەكىتلەنگەن ۋە قۇرئان كەرىمدىكى مىساللارنىڭ تامامى شۇ فىترەت بويىچە يارىتىلغان نەرسىلەردىن ئېلىنغان.
تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىنىڭ، ئۆز ئىچىدە ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بىر سىستېما بار. بۇنى ھەر ئىنسان ئۆز بىلىمى ۋە تەجرىبىسى بىلەن بىلىدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇرئان كەرىمدىكى ھەر بىر ھۆكۈمنىڭ، ئۆز ئىچىدىمۇ ۋە باشقا ھۆكۈملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ بىر سىستېما بار. قۇرئان كەرىمدىكى سىستېما بىلەن تەبىئەتتىكى سىستېما بىر-بىرى بىلەن تولۇق ماسلىشىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، قۇرئان كەرىمدىكى مىساللار تەبىئەتتىن ئېلىنمىغان بولاتتى.
بىزچە زامانىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى دىن-بىلىم مۇناسىۋىتىدىدۇر. ھالبۇكى دىننىڭ مەنبەسى قۇرئان كەرىمدۇر، بىلىمنىڭ مەنبەسى تەبىئەتتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلغۇچىسى بىلەن تەبىئەت قانۇنلىرىنىڭ بېكىتكۈچىسى بىر زاتتۇر، يەنى ئاللاھدۇر.
ئۇنداقتا دىن بىلەن بىلىم ئوتتۇرىسىدا بىر زىتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن دىن بىلەن بىلىم ئارىسىدا تولۇق بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىلىپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلسا، ئىنسانىيەتكە ناھايىتى چوڭ خىزمەت قىلىنغان بولىدۇ.
بىز ۋەخپىمىزنىڭ، ئۆز خىزمەتلىرى بىلەن بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز. تەتقىقاتلىرىمىزنى «دىن ۋە فىترەت تەتقىقاتلىرى مەركىزى» نامى بىلەن يۈرگۈزىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.