سورۇنداشنىڭ ياخشى سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشنىڭ لازىملىقى، ئالىم ۋە تەبلىغ قىلغۇچىنىڭ سۆزلىگەندە باشقىلارنىڭ سۆزىنى توختىتىپ قويۇشى توغرىسىدا
جابىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ھەججەتۇلۋىدادا مۇنداق دېگەن: «سەن كىشىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا دەۋەت قىلغىن» ئاندىن يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر مەندىن كېيىن، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىڭلارنى قىرىدىغان كۇففار بولماڭلار»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەسەت قىلىشىپ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغان ياكى ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئىشلاردىن چەكلەش.