زالىم پادىشاھ ۋە مەزلۇم مۇسۇلمان
بىرەر زالىمنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ۋە جىھادنىڭ قورال – ياراغ بىلەن قىلىنىدىغان قىسمىنى قىلىشقا شەرتى توشمايدىغان يەنى تەلەپكە لايىق قۇۋۋىتى ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسكىرىي كۈچى بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمغا قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز زامانىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى فىرئەۋنگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى مىسال بولىدۇ.
فىرئەۋن ئۆز ۋاقتىدا كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ دىكتاتور ۋە زومىگەر پادىشاھى بولۇپ، ھاكىمىيىتى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان خەلق بار ئىدى، ئۇ خەلقلەرنى ئالداپ ئۆزىگە بويسۇندۇرغان ئىدى. ئاللاھ تائالا فىرئەۋننىڭ ئەمرىنى، ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِئَايَٰتِنَا وَسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ ٩٦ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَٱتَّبَعُوٓاْ أَمۡرَ فِرۡعَوۡنَۖ وَمَآ أَمۡرُ فِرۡعَوۡنَ بِرَشِيدٖ ٩٧﴾
«شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانىمۇ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە ئوچۇق دەلىل بىلەن فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئادەملەر فىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، فىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى»[1].
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىشقا، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ بىلەن پاكىت قويۇشقا ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿ٱذۡهَبۡ أَنتَ وَأَخُوكَ بِئَايَٰتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكۡرِي ٤٢ ٱذۡهَبَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ ٤٣ فَقُولَا لَهُۥ قَوۡلٗا لَّيِّنٗا لَّعَلَّهُۥ يَتَذَكَّرُ أَوۡ يَخۡشَىٰ ٤٤﴾
«سەن ۋە قېرىندىشىڭ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنى زىكىر قىلىشتا بوشاڭلىق قىلماڭلار. ئىككىڭلار بىرلىكتە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئەيمىنىشى مۇمكىن»[2].
ئاللاھ تائالا فىرئەۋننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَنَادَىٰ فِرۡعَوۡنُ فِي قَوۡمِهِۦ قَالَ يَٰقَوۡمِ أَلَيۡسَ لِي مُلۡكُ مِصۡرَ وَهَٰذِهِ ٱلۡأَنۡهَٰرُ تَجۡرِي مِن تَحۡتِيٓۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ ٥١ أَمۡ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ مَهِينٞ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ ٥٢ فَلَوۡلَآ أُلۡقِيَ عَلَيۡهِ أَسۡوِرَةٞ مِّن ذَهَبٍ أَوۡ جَآءَ مَعَهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ مُقۡتَرِنِينَ ٥٣﴾
«فىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ ياكى مەن ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟›»[3].
ئەنە شۇنداق بىر زالىمنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان مۇسۇلماننىڭ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلار:
1. ھوشيار بولۇش ۋە دىققەت قىلىش
فىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقاتماقچى بولغان، لېكىن فىرئەۋن ئۇلاردىن بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھېچقانداق باھانە تاپالمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خۇدىنى يوقىتىپ، مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىدىن ئۆزىگە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ بىر دىكتاتور ئىدى، شۇنداقلا خالىغىنىنى ھېچكىمدىن سورىمايلا قىلالايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ ذَرُونِيٓ أَقۡتُلۡ مُوسَىٰ وَلۡيَدۡعُ رَبَّهُۥٓۖ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمۡ أَوۡ أَن يُظۡهِرَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡفَسَادَ ٢٦﴾
«فىرئەۋن مۇنداق دېدى: مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن»[4].
فىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە تاپالماي ئاخىرى ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنىڭ شەرىپىنى ساقلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ۋە بۇ باھانە بىلەن ئۇلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋنگە، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بەرمىگەن، فىرئەۋننىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىرەر ھەرىكەت قىلمىغان، بەلكىدە ئۇ ئۆز قەۋمىنى سەۋر قىلىشقا، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا، نامازنى ئۆيلىرىدە ئۆتەشكە، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىغا نىشان قىلىپ بەرمەسلىككە بۇيرۇغان. مۇشۇنداق بولغاندا فىرئەۋن ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشقا سەۋەب تاپالمايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَن تَبَوَّءَا لِقَوۡمِكُمَا بِمِصۡرَ بُيُوتٗا وَٱجۡعَلُواْ بُيُوتَكُمۡ قِبۡلَةٗ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٨٧﴾
«بىز مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[5].
پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغان ۋە تەتقىق قىلغان ھەر كىشى تونۇپ يېتىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز زامانىسىدىكى مۇستەبىتلەرگە قارشى، مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇتقان يولنىڭ ئوخشىشىنى تۇتقان.
نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم ۋە باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، تارىختا ئۆتكەن ھېچبىر پەيغەمبەر زالىم ھۆكۈمرانغا مۇئمىن جامائەتنى يوق قىلىۋېتىش پۇرسىتىنى بەرمىگەن، ئۇنىڭغا باھانە بولىدىغان ھېچبىر ئىش قىلمىغان ۋە ھېچبىر يولغا كىرمىگەن.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ توغرىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردەك يول تۇتقان. مەككىدە تۇرغان ئون ئۈچ يىللىق ئۇزۇن زامان ئىچىدە مۇئمىنلارغا قوراللىق جىھاد قىلىش رۇخسىتى بەرمىگەن. ئەگەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان بولسا ئىدى، دۈشمەنلەرگە مۇئمىنلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەن بولاتتى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىشىغا باھانە تېپىپ بەرگەن بولاتتى.
دېمەككى، مۇسۇلمان ھەر جايدا ۋە ھەر چاغدا ھەقنى كۆزلەيدۇ ۋە ھەقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن بەزى شارائىتلاردا ھېسسىياتچانلىق قىلىپ ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە يېقىنلىرىنى خەتەرگە ئاتمايدۇ، ھەتتا مەجبۇر بولۇپ قالغان چاغلىرىدا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇسا ئوقۇيدۇكى، زالىمغا باھانە تېپىپ بېرىشتىن ساقلىنىدۇ.
2. ئاللاھقا دۇئا قىلىش
ئاللاھ تائالا باشقىلارغا يامانلىق تىلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن مەزلۇمنىڭ زالىمغا يامانلىق تىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿لَّا يُحِبُّ ٱللَّهُ ٱلۡجَهۡرَ بِٱلسُّوٓءِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ إِلَّا مَن ظُلِمَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا ١٤٨﴾
«ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىدىن باشقىسىنىڭ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ[6]. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[7].
يەنى ئاللاھ بىر كىشىنىڭ باشقا بىر كىشىگە يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى زۇلۇم قىلغۇچىغا يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلسا بولىدۇ[8].
مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانىغا يامانلىق تىلەپ ئاشۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَآ إِنَّكَ ءَاتَيۡتَ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَأَهُۥ زِينَةٗ وَأَمۡوَٰلٗا فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّواْ عَن سَبِيلِكَۖ رَبَّنَا ٱطۡمِسۡ عَلَىٰٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ وَٱشۡدُدۡ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُواْ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ ٨٨﴾
«مۇسا ئېيتتى: رەببىمىز! سەن فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال – مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتۇۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمىسۇن»[9].
نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ نُوحٞ رَّبِّ لَا تَذَرۡ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ دَيَّارًا ٢٦ إِنَّكَ إِن تَذَرۡهُمۡ يُضِلُّواْ عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوٓاْ إِلَّا فَاجِرٗا كَفَّارٗا ٢٧ رَّبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيۡتِيَ مُؤۡمِنٗا وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا تَبَارَۢا ٢٨﴾
«نۇھ ئېيتتى: ‹رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن! چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇز كورلاردىن باشقىنى تۇغمايدۇ. رەببىم! ماڭا، ئاتا – ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!»[10].
3. زۆرۈر تېپىلسا مۇسۇلمانلىقنى يوشۇرۇش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَهُوَ ٱلَّذِي كَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ عَنۡهُم بِبَطۡنِ مَكَّةَ مِنۢ بَعۡدِ أَنۡ أَظۡفَرَكُمۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا ٢٤ هُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡهَدۡيَ مَعۡكُوفًا أَن يَبۡلُغَ مَحِلَّهُۥۚ وَلَوۡلَا رِجَالٞ مُّؤۡمِنُونَ وَنِسَآءٞ مُّؤۡمِنَٰتٞ لَّمۡ تَعۡلَمُوهُمۡ أَن تَطَئُوهُمۡ فَتُصِيبَكُم مِّنۡهُم مَّعَرَّةُۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ لِّيُدۡخِلَ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ لَوۡ تَزَيَّلُواْ لَعَذَّبۡنَا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا ٢٥﴾
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار كافىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر – بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كافىرلارنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»[11].
بۇ ئايەتنىڭ «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر – بىرىڭلاردىن توسمايتتى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى چارىسىز قالغان مۇئمىنلارنىڭ، كافىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلمىغۇدەك شەكىلدە ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئايەتلەر مۇسۇلماننىڭ ھاياتتا قېلىشىنىڭ مەككىنىڭ فەتھىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
كۇپۇر سۆزنى قىلمىسا ھاياتىغا دەخلى يېتىش خەۋپى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا كۇپۇر سۆزنى ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويۇپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿مَن كَفَرَ بِٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ إِيمَٰنِهِۦٓ إِلَّا مَنۡ أُكۡرِهَ وَقَلۡبُهُۥ مُطۡمَئِنُّۢ بِٱلۡإِيمَٰنِ وَلَٰكِن مَّن شَرَحَ بِٱلۡكُفۡرِ صَدۡرٗا فَعَلَيۡهِمۡ غَضَبٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ ١٠٦﴾
«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كافىر بولۇپ – قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ مەجبۇرلانغانلار مۇستەسنا – كۆڭلىنى كۇفرىلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ»[12].
قۇرئان كەرىمدە «مۇئمىن سۈرىسى» دەپ بىر سۈرە بار (بۇ سۈرە غافىر سۈرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇ سۈرىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىكى فىرئەۋننىڭ خانىدانىدا بىر مەخپىي مۇئمىننىڭ بارلىقى، فىرئەۋن مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دېگەن چاغدا ئۇ مۇئمىننىڭ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە نەسىھەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. خالىغانلار ئۇ سۈرىنىڭ 23 – ئايىتىدىن باشلاپ 45 – ئايىتىگىچە بولغان قىسمىنى (تەرجىمىسىنى) ئوقۇپ چۈشەنچە ھاسىل قىلغاي.
ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَقَالَ رَجُلٞ مُّؤۡمِنٞ مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَكۡتُمُ إِيمَٰنَهُۥٓ … ٢٨﴾
«فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى:…»[13].
دېمەككى، ئىمان فىرئەۋندەك بىر زومىگەر پادىشاھنىڭ خانىدانىنىڭ ئارىسىدا يوشۇرغىلى بولىدىغان نەرسىدۇر.
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 :243 – 250.
[1] 11 – سۈرە ھۇد، 96 – ۋە 97 – ئايەتلەر.
[2] 20 – سۈرە تاھا، 42 ~ 44 – ئايەتلەر.
[3] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 51 ~ 53 – ئايەتلەر.
[4] 40 – سۈرە غافىر، 26 – ئايەت.
[5] 10 – سۈرە يۇنۇس،87 – ئايەت.
[6] زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى بۇ قائىدىنىڭ تېشىدا. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى پەرياد قىلالايدۇ؛ زالىمنىڭ زىيىنىغا، توۋلاپ دۇئايىبەت قىلالايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن زۇلۇم كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ يامانلىقلىرىنى سۆزلىيەلەيدۇ؛ ھەتتا يامان سۆزلىرىگە، ئوخشاش يامان سۆزلەر بىلەن قارشىلىقمۇ بېرەلەيدۇ.
[7] 4 – سۈرە نىسا، 148 – ئايەت.
[8] مۇھەممەد ئىبنى جەرىير ئىبن يەزىد ئىبن كەسىر ئىبن غالىب ئامىلى ئەبۇ جەئفەر تەبەرى، تەفسىرۇت تەبەرى= جامىئۇل بايان فى تەئۋىيلىل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: ئەھمەد شاكىر (بېيرۇت: مۇئەسسەتۇر رىسالە، 1420/2000)، 9: 343.
[9] 10 – سۈرە يۇنۇس، 88 – ئايەت.
[10] 71 – سۈرە نۇھ، 26 ~ 28 – ئايەتلەر.
[11] 48 – سۈرە فەتىھ، 24 – ۋە 25 – ئايەتلەر.
[12] 16 ـ سۈرە نەھل، 106 – ئايەت.
[13] 40 – سۈرە غافىر، 28 – ئايەت.