روھ، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىمدۇر ياكى مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىدۇر
ئەرەپ تېلىدا، روھ (الروح)؛ دەم ئېلىش، ئىستىراھەت قىلىش، باياشاتچىلىق، راھەت-پاراغەت …قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان رەۋھ (روح) سۆز تومۇرىدىن كەلگەندۇر.[1]
قۇرئاندا بولسا «روھ» ئىككى خىل مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:
بىرىنچىسى، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم. ئىككىنچىسى، ئىنسانلار بىلەن جىنلارغا يارىتىلىشىدىلا بېرىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ، ئېرىشكەن بىلىملىرىنى تەھلىل قىلىپ، يەكۈن چىقىرىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا مەسئۇلىيەت يۈكلەيدىغان بىر ئىقتىداردۇر.
مەسىلەن: تۆۋەندىكى ئايەتتە «روھ» ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوحِ قُلِ الرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّي وَمَا أُوتِيتُم مِّن الْعِلْمِ إِلاَّ قَلِيلاً
«ئۇلار سەندىن روھ توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «روھنى پەقەت رەببىملا بىلىدۇ. سىلەرگە بۇ ھەقتە بەك ئاز ئىلىم بېرىلگەن»-(17-سۈرە ئىسرا، 85- ئايەت).
ئاللاھنىڭ ئىلمى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە چوڭ بولۇپ، ئىنسان ۋە جىنلارغا كېرەكلىك ئىلىملەر، ئۇنىڭ ئىلمىدىن ئېھتىياجلارغا قارىتا چەكلىك مىقداردا بېرىلىدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە:
قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًا
«ئېيتقىنكى: «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دېڭىزلار سىياھ بولسا ئىدى، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەستىن دېڭىزلار تۈگەپ كەتكەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنچىلىك سىياھ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ»-(18-سۈرە كەھف، 109- ئايەت).
وَلَوْ أَنَّمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ شَجَرَةٍ أَقْلَامٌ وَالْبَحْرُ يَمُدُّهُ مِنْ بَعْدِهِ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَا نَفِدَتْ كَلِمَاتُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
«زېمىندىكى دەرەخلەر قەلەم بولسا، دېڭىزلار سىياھ بولسا، بۇنىڭغا باشقا يەتتە دېڭىز سىياھ بولۇپ قوشۇلسا، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى يەنىلا تۈگىمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-(31-سۈرە لوقمان، 27- ئايەت).
تۆۋەندىكى ئايەت ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ ئىنسانلارغا ئېتىياجلىرىغا قارىتا بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
لَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ كِتَابًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
«بىز سىلەرگە كىتاب نازىل قىلدۇق. ئۇ كىتابتا زىكىرىڭلار (سىلەر مۇھتاج بولغان ئىلىملەر) باردۇر.[2] ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»-(21-سۈرە ئەنبىيا، 10- ئايەت).
«مۇھتاج بولغان ئىلىم» دەپ مەنە بېرىلگەن زىكىر، ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئۆگەنگەن ۋە ئەقىلدىن چىقارسا قەتئىي بولمايدىغان توغرا ئىلىم دېگەن بولىدۇ.[3]
ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا بېرىلگەن روھ بولسا، ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە كىرىپ، چىقالايدىغان ئىككىنچى تەنگە ئوخشاشتۇر. بۇ ئۇلارنى، باشقا بارلىق مەۋجۇداتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىردىنبىر خۇسۇسىيەتتۇر. ئۇ روھ ئىنسانغا بەدىنى تولۇق يارىتىلىپ بولغاندىن كېيىن بېرىلگەندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنسَانِ مِن طِينٍ. ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِنْ سُلَالَةٍ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ. ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
«ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى. ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»-(32-سۈرە سەجدە، 7- 9- ئايەتلەر).
روھ ئىنساننى ئىمتىھانغا، ھېساب ئېلىنىشقا لايىق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئىنسانغا ئېرىشكەن ئىلىملىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە يەكۈنلەش، يېڭى ئىلىملەرگە ئېرىشىش ۋە ھايات يولىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى بېرىدۇ.
بۇ كىرىش سۆزدىن كېيىن روھقا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ:
«روھ، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم ياكى ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ، يەكۈن چىقىرىشقا ۋە ھايات يولىنى ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيەت بېرىدىغان قابىلىيەتتۇر».
بۇ ماقالىدە «روھ»نىڭ ئىلىم ۋە ئىقتىدار مەنىسىدە كېلىدىغانلىقى ئايرىم-ئايرىم ئىككى تېمىدا چۈشەندۈرىلىدۇ.
1- روھ، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىمدۇر
ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلار ۋە ئۇلارنى ئېلىپ كەلگەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام «روھ» دېيىلىدۇ. قەدر كېچىسى پەرىشتىلەرگە بېرىلگەن ۋەزىپىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھلاردىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ ئاسمانلارغا، يەر شارىغا، جانلىق-جانسىز ھەممە مەخلۇقلارغا ئىلىم بەرگەندۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، غەيرەتلىك ۋە سەمىمى ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان «روھ» باردۇر.
1) نەبىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن روھ
ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر نەبىيگە كىتاب بەرگەندۇر. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
قُولُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَٰعِيلَ وَإِسْحَٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطِ وَمَآ أُوتِىَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَآ أُوتِىَ ٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ
«ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى باشقىسىدىن پەرقلىق دەپ قارىمايمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز»-(2-سۈرە بەقەرە، 136- ئايەت).
تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ كىتابلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم ئىكەنلىكىنى يەنى ھەر بىرىنىڭ بىرەر «روھ» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:
يُنَزِّلُ الْمَلَائِكَةَ بِالرُّوحِ مِنْ أَمْرِهِ عَلَى مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ أَنْ أَنْذِرُوا أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاتَّقُونِ
«ئاللاھ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھ (ئىلىم)نى پەرىشتىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن خالىغان بەندىلىرىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا: «‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار› دېگەن ھۆكمىم بىلەن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار» دەيدۇ»- (16-سۈرە نەھل، 2- ئايەت).
وَكَذَلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحًا مِنْ أَمْرِنَا مَا كُنْتَ تَدْرِي مَا الْكِتَابُ وَلَا الْإِيمَانُ وَلَكِنْ جَعَلْنَاهُ نُورًا نَهْدِي بِهِ مَنْ نَشَاءُ مِنْ عِبَادِنَا وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ . صِرَاطِ اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ أَلَا إِلَى اللَّهِ تَصِيرُ الْأُمُورُ
«شۇنىڭدەك، بىز ساڭا ئەمرىمىزدىن بىر روھ (ئىلىم) ۋەھىي قىلدۇق. سەن كىتابنىڭ نېمىلىكىنى ۋە ئىماننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىڭ. لېكىن بىز ئۇنى نۇر قىلدۇق. بىز ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىمىز. سەن توغرا يولغا باشلايسەن، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايسەن. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ»- (42-سۈرە شۇرا، 52-53- ئايەتلەر).
2) جەبرائىل ئەلەيھىسسالام
ئاللاھتىن ئالغان ئىلىملەرنى، نەبىيلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بېرىلگەن جەبرائىل، ئىشەنچىلىك روھ= روھۇل ئەمىين دېيىلىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
وَإِنَّهُ لَتَنْزِيلُ رَبِّ الْعَالَمِينَ. نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ
«شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان. ئۇنى ئىشەنچلىك روھ ئېلىپ چۈشتى»-(26-سۈرە شۇئەرا، 192-193- ئايەتلەر).
جەبرائىل ئەلەيھىسسالام جىنلەردىن يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان مەخلۇقلاردىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ روھىمۇ بىزنىڭكىگە ئوخشاشتۇر. جەبرائىل، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى ئاللاھنىڭ نەبىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئەلچى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئىمتىھاننى مۇۋەپپىققىيەتلىك بېرىدىغانلىقى ۋە روھىنى كىرلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن «ئىشەنچىلىك روھ = روھۇل ئەمىن» دېيىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
جەبرائىل ئەلەيھىسسالام «روھۇل قۇدۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىرى مۇنداق:
قُلْ نَزَّلَهُ رُوحُ الْقُدُسِ مِن رَّبِّكَ بِالْحَقِّ لِيُثَبِّتَ الَّذِينَ آمَنُواْ وَهُدًى وَبُشْرَى لِلْمُسْلِمِينَ .وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّهُمْ يَقُولُونَ إِنَّمَا يُعَلِّمُهُ بَشَرٌ لِّسَانُ الَّذِي يُلْحِدُونَ إِلَيْهِ أَعْجَمِيٌّ وَهَـذَا لِسَانٌ عَرَبِيٌّ مُّبِينٌ
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئۇنى رەببىڭ تەرىپىدىن روھۇلقۇدۇسنىڭ ھەق بىلەن نازىل قىلغانلىقىنى، مەقسەتنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى» ئېيتقىن»-(16-سۈرە نەھل، 102- ئايەت).
ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنىڭ بىرى «قۇددۇس»تۇر. بۇ پاكىز، پاك، ھەرقانداق ئەيب-نۇقساندىن خالى دېمەكتۇر.[4] «قۇدۇس» سۆزىمۇ ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.[5] ئۇنداقتا «روھۇل قۇدۇس»نى، قۇدۇسنىڭ روھى يەنى ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتىمۇ جەبرائىل ئۈچۈن «بىزنىڭ روھىمىز/ روحنا» ئىپادىسى قوللىنىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انْتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا . فَاتَّخَذَتْ مِنْ دُونِهِمْ حِجَابًا فَأَرْسَلْنَا إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًا سَوِيًّا
«بۇ كىتابتا مەريەمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتە بىر يەرگە كۆچتى.ئۇلار بىلەن ئۆز ئارىسىغا پەردە تارتتى. ئۇ ئەسنادا بىز ئۇنىڭغا روھىمىزنى ئەۋەتتۇق. روھىمىز ئۇنىڭغا نورمال ئەر كىشى سۈرىتىدە كۆرۈندى»- (19-سۈرە مەريەم، 16- 17- ئايەتلەر).
بۇنداق بولغاندا «روھۇل قۇدۇس» ئاللاھنىڭ ئىلمىنى ئېلىپ كەلگەن پەرىشتە دېگەن بولىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى بۆشۈكتە چېغىدا گەپ قىلدۇرغان، ئۇنىڭغا كىتاب ۋە ھېكمەتنى يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ۋە ئۇنىڭغا دائىم ياردەم بەرگەنمۇ جەبرائىل ئەلەيھىسالام ئېلىپ كەلگەن ئۇ ئىلىمدۇر. بۇنى ئاللاھ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَى وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدْتُكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ
«ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم»-(5-سۈرە مائىدە، 110- ئايەت).
ئاللاھ ئىنسان بىلەن پەقەت ۋەھىي (ئىلھام) ياكى پەردە ئارقىسىدىن ياكى ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىقلار سۆزلىشىدۇ.[6] شۇڭلاشقا، بۇ يەردە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى گەپ قىلدۇرغان، تەۋراتنى، ئىنجىلنى، كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۆگەتكەن زاتنىڭ «روھۇل قۇدۇس»تىن يەنى جەبرائىلدىن باشقا بىرىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى جەبرائىلنىڭ ۋەزىپىسى نەبىلەرگە ۋەھى يەتكۈزۈشتۇر. ئۇ ھەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
وَالنَّجْمِ إِذَا هَوَى. مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَى. وَمَا يَنطِقُ عَنِ الْهَوَى. إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى. عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَى
«سارقىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەمكى، قېرىندىشىڭلار گۇمراھ بولمىدى ۋە ئازمىدى. ئۇ، نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىگىنى ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ۋەھىيدىنلا ئىبارەتتۇر. ۋەھىينى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك بىرى ئۆگەتتى»- (53-سۈرە نەجم، 1- 5- ئايەت).
[1] ئەھمەد ئىبن فارىس ئىبن زەكەرىيا، مۇئجەمۇ مەقايىسىل لۇغەت، بېيرۇت، تارىخسىز.
[2] سىلەرگە لازىم بولىدىغان ئالەمشۇمۇل ئىلىم. 7- ئايەت بىلەن بۇ ئايەتتە «زىكىر» دېگەن سۆز ئۆتىدۇ. «زىكىر» دېگەن سۆزنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مەنىسى ئىلاھى كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىملەر، بۇ ئىلىملەرنى ئەستە ساقلاش، ۋاقتى كەلگەندە ئىشلىتىش، ھەر سۆز، ھەر ھەرىكىتىنى شۇ ئىلىملەرگە توغرىلاش دېگەنلەردىن ئىبارەت.
[3] راغىب ئىسفاھانى، مۇفرەدات، (سەفۋان ئەدنان داۋۇدىنىڭ تەھىقىقى)، دىمەشق ۋە بەيرۇت، 1412/1992، زكر (زىكر) ۋە عرف (ئەرەفە) ماددىلىرى.
[4] ئىبن مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، بەيرۇت 1410/1990، «قدس» ماددىسى.
[5] ھىلال ئىبن ئەھمەد (100-175 ھ)، ئەلئەين، تەھقىقلىغۇچىلار: مەھدى مەھزۇمى- ئىبراھىم سامارانى، ئىران 1409، «قدس» ماددىسى.
[6] قاراڭ: 42- سۈرە شۇرا، 51- ئايەت.