ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
بۇ يىل قايسى كېچىسى رامىزان روزىسىنى تۇتىمىز؟ مەن ئاي كۆرۈشنى ئۇقمايتتىم. تەپسىلىيرەك جاۋاب بەرسەڭلار. ھۆرمەت بىلەن: يۈكسەل
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! بۈگۈن يەنى 2010- يىلى 8- ئاينىڭ 7- كۈنى شەنبە، ھىجرىيە 1431- يىلى 8- ئېيى شەئباننىڭ 26- كۈنىدۇر. بۇ شەئبان ئېيىنىڭ 29- كۈنى ئاخشام ئاي كۆرسەك، شۇ كېچىسى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ قوپىمىز. ناۋادا بۇ شەئبان ئېيىنىڭ 29- كۈنى ئاخشام ئاي كۆرەلمىسەك، بۇ ئاينى يەنى شەئبان ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تاماملاپ، ئاندىن 31- كۈن تاڭ ئاتىدىغان كېچىسى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ قوپىمىز.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«…سىلەردىن كىم بۇ ئايغا يېتىشسە، ئۇنى روزى بىلەن ئۆتكۈزسۇن…»- بەقەرە 2/185.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە توشقۇزۇڭلار»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
«رامىزان كىرىشتىن ئاۋۋال روزا تۇتماڭلار، ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولمىسا، شەئبان ئېيىنى 30 قىلىڭلار»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.