يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ أَيَّامٗا مَّعۡدُودَٰتٖۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۚ وَعَلَى ٱلَّذِينَ يُطِيقُونَهُۥ فِدۡيَةٞ طَعَامُ مِسۡكِينٖۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيۡرٗا فَهُوَ خَيۡرٞ لَّهُۥۚ وَأَن تَصُومُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ شَهۡرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلۡقُرۡءَانُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡفُرۡقَانِۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهۡرَ فَلۡيَصُمۡهُۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلۡيُسۡرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلۡعُسۡرَ وَلِتُكۡمِلُواْ ٱلۡعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
- ئى مۇئمىنلار! يەنى ئى ئۇممەتى مۇھەممەد! سىلەرگە روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى، روزا تۇتۇش سىلەردىن بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان ئىدى. روزىنىڭ سىلەرگە پەرز قىلىنىشى، روزىنى تۇتۇپ نەپسىڭلارنى پاكلىشىڭلار، روھىڭلارنى تەربىيىلىشىڭلار ۋە ئىمانىڭلارنى كۈچەيتىشىڭلار، شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا تەقۋالىق ئېڭىنى ئۆزلەشتۈرۈشىڭلار ئۈچۈندۇر.
- ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە روزىنى ساناقلىق بىرقانچە كۈندە تۇتۇشىڭلارنى پەرز قىلدى. روزىنى پەرز قىلىشتا سىلەرنى كۈچۈڭلار يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. سىلەردىن كىمكى روزا تۇتۇشى پەرز بولغان ئۇ ساناقلىق كۈنلەردە كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، ئۇنداق كىشىلەر ئۇ كۈنلەردە تۇتماي كېسەل كىشى ساقايغاندىن كېيىن، سەپەر ئۈستىدىكى كىشى سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسا بولىدۇ. روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ بىر مىسكىنگە تائام بېرىشى لازىم. كىمكى بىرەر ياخشى ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدىكەن، ئۇ ئىش ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
- ئى مۇئمىنلار! ئۇ «ساناقلىق بىرقانچە كۈن» رامىزان ئېيىدۇر، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى 9 – ئايدۇر. ئاللاھ ئۇ ئايدا ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە توغرا يولنىڭ روشەن دەلىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئاننى نازىل قىلغان. كىمكى بۇ ئايغا ئۆزى ياشاۋاتقان جايدا تېنى ساق ھالەتتە يېتىشسە، يەنى رامىزان ئېيىدا كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولمىغان ھالەتتە بولسا، ئۇ ئاينى روزرا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن. كىمكى ئۇ ئايدا ياكى ئۇ ئاينىڭ كۈنلىرىدىن بىرقانچە كۈندە كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولىدىكەن، ئۇنداق كىشىلەر تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ روزىسىنى كېيىن ئۆزرىسى تۈگىگەن كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە، بۇيرۇغان ئىشلىرىدا ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى (قىيىنچىلىق تارتىشىڭلارنى) ئىرادە قىلمايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە روزرا تۇتۇشڭلار پەرز بولغان ئاينى ۋە روزىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان قىلدى، ئەمدى سىلەر روزرا تۇتىدىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ سانىنى بىر ئاي قىلىپ تاماملاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەۋپىق – ھىدايەت نېسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلاڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار.
«روزا» – ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى، سۈبھى سادىقتىن كۈن پاتقۇچە يېمەك – ئىچمەكتىن ۋە ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن تۇتۇش شەكلىدە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئىسلامنىڭ بىر ئەركانىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئىبادەت ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە بارلىق ئۇممەتلەرگە پەرز قىلىنغان، چۈنكى «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر»[1]. بۇ يەردە بەش ئايەت ئەنە شۇ ئىبادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر: 183 – ئايەت روزىنىڭ ھۆكمى ۋە تارىخىنى، 184 -، 185 ۋە 186 – ئايەتلەر روزىنىڭ ئېيى ۋە پەزىلىتىنى، شۇنداقلا ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى بېرىلگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ.
«كىم ئۇ ئايدا ھازىر بولسا» – رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە ھايات بولسا، كېسەل بولمىسا، سەپەر ئۈستىدە بولمىسا دېمەكتۇر.
«ساننى تولۇقلىشىڭلار» – روزىنى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي بويىچە تولۇق تۇتۇشىڭلار، كېسەل ياكى يولۇچىلىق سەۋەبىدىن بىر ئاي رامىزاننىڭ قانچە كۈنىدە روزا تۇتالمىغان بولساڭلار، شۇ كۈنلەرنىڭ روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتۇپ بىر ئايلىق ساننى تولۇقلىشىڭلار دېمەكتۇر.
[1] قاراڭ: 3- سۈرە ئال ئىمران، 19- ئايەت.