روزا تۇتىلىدىغان ۋاقىت
روزىنىڭ ۋاقتى تاڭ سۈزۈلگەندىن باشلاپ يەنى بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىتتۇر. ماھىيىتى بۇ ۋاقىت ئىچىدە يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇشتۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿… وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ ٱلۡخَيۡطُ ٱلۡأَبۡيَضُ مِنَ ٱلۡخَيۡطِ ٱلۡأَسۡوَدِ مِنَ ٱلۡفَجۡرِۖ ثُمَّ أَتِمُّواْ ٱلصِّيَامَ إِلَى ٱلَّيۡلِۚ … ١٨٧﴾
«… تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن سىلەرگە ئېنىق ئايرىلغانغا قەدەر يەپ – ئىچىڭلار. ئاندىن كېيىن روزىنى كېچىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار»[1].
[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 187 – ئايەت.