قۇرئان يولى
دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى دىنىي مائارىپ 1

دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى \ دىنىي مائارىپ

 دىنىي مائارىپ
دىن ئەركىنلىكى، دىننى ئۆگىنىش ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىن مائارىپى ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە ئەخلاق تەربىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ .
ئا- ئېتىقاد تەربىيەسى
  دىنغا ئىشەنمەكچى بولغان كىشى ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋىيىسى قانداق ئەھۋالدا بولسا بولسۇن ئىشىنىدۇ ۋە ئىشەنگىنى بويىچە ياشاشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر ئۇ ئېتىقادىنى توغرا ئۆگەنمىسە بوشلۇقنى خۇراپاتلار تولدۇرىدۇ. زامانىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئالىم، ئەمەلدار، سانائەتچى ۋە تىجارەتچىلەر سەمىمىي ھالدا دىنى بويىچە ياشاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەقىدە توغرىسىدا يېتەرلىك بىلىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دىننى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرال قىلىۋالغان شەيتانى ئالىملار ئويدۇرغان خۇراپاتلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.
قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن بىر مۇسۇلمان ئالدى بىلەن خۇراپاتلاردىن خالىي ئېتىقادقا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يولى ئېتىقادنى قۇرئاندىن ئۆگىنىشتۇر. قۇرئان ئىنسانىيەتنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كىتابى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىقادىنى قۇرئاندىن ئۆگەنگەن ئىنسانلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنى باغرىغا باسالايدىغان ۋە ھەر تەبىقە كىشىلىرى بىلەن كېلىشەلەيدىغان ۋە نەزەر دائىرىسى كەڭ ئىنسانلارغا ئايلىنىدۇ. ئاللاھ  تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئېيتقىنكى: ‹بۇ ھەق رەببىڭلارنىڭ تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن›»- (18  – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت).
«كىم توغرا يولغا كەلسە پايدىسى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ، كىم ئېزىپ كەتسە زىيىنى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ھېچكىمنى ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز»-(17 – سۈرە ئىسرا، 15 – ئايەت).
ئىسلامنى توغرا ئۆگىتىش ئۈچۈن قۇرئان تەرجىمىلىرى مەكتەپلەردە دەرس قىلىنىشى كېرەك. بۇ، خۇراپاتلارغا قارشى بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر بولالايدۇ.
ب- ئىبادەت تەربىيەسى
 ناماز، روزا، ھەج ۋە زاكات قاتارلىق ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى توغرا بىلىش كېرەك. ناماز ئوقۇيدىغان ھەر ئادەم نامازدا ئوقۇلىدىغان ئايەت، زىكىر ۋە دۇئالارنى مەنىلىرى بىلىشى ۋە توغرا يادلىشى زۆرۈر. شۇنىڭدەك، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك مۇئامىلە ۋە نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ تۈردىكى ئايەتلەر ئاز بولۇپ، ئۇلارنى توغرا شەكىلدە ئوقۇشنى ئۆگىنىش تەس ئەمەس. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى تەجۋىد قائىدىلىرى بويىچە ئۆگىنىشى كېرەك. كۈنىمىزدە دىنى مەكتەپلەرنى ۋە قارىيخانىلارنى پۈتتۈرگەنلەردىن باشقىلارنىڭ  كەلىمە شاھادەتنى توغرا تەلەپپۇز قىلالايدىغانلىرى يوق دېيەرلىك. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە يۇقىرى سەۋىيەدە مەلۇماتلىق ۋە ئېتىبارلىق كىشىلەردە خىجىل بولۇش ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
 قۇرئان كەرىمنى توغرا ئۇسلۇبتا ئوقۇش ھەر مۇسۇلماننىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە بۇ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت تەييارلاپ بېرىش كېرەك. ئەكسى تەقدىردە ئۇلار خاتا يوللارغا كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاش كېرەك. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجىنى پەقەت قارىيخانىلار ۋە دىنى مەكتەپلەر قامدىيالمايۋاتىدۇ. مەسىلەن: تۈركىيەدە ئىمام-خاتىپ مەكتەپلىرىنىڭ تولۇقسىز قىسىملىرى تاقىۋېتىلىشتىن ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇغۇچى سانىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، بالىلىرىغا دىنىي تەلىم-تەربىيە بەرمەكچى بولغانلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرىنى باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىدۇر. باشقا مەكتەپلەردە دىنىنى ئۆگىنەلمىگەنلەرنىڭ پىسخولوگىيەسىنىڭ بۇزۇلۇشىمۇ خاتا پىلاننىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.
ج- ئەخلاق تەربىيەسى
 كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسى، جەمئىيىتى، دۆلىتى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت ۋە ۋەزىپىلىرى بار. مۇسۇلمان كىشى بۇ ۋەزىپىلىرىنى، پەرزلەرنى ۋە ھالال-ھاراملارنى توغرا ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا ئىنسانلارغا ئۈلگە بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىمۇ ياخشى مۇسۇلمان بولالمايدۇ.
د- دىنى مەكتەپلەر ۋە قارىيخانىلار
تۈركىيەدە 1340ھ/1924م- يىلى «تەۋھىدى تەدرىسات قانۇنى»غا ئاساسەن[1]، ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنى تۆۋەندىكى جۈملىلەردە كۆرەلەيمىز.
«شەرئىييە ۋە ئەۋقاپ نازىرلىقى»[2]غا باغلىق مەدرىسە ۋە مەكتەپلەر، خۇسۇسىي ۋەخپىلەرنىڭ مەدرىسە ۋە مەكتەپلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە باغلىق «ئەسكىرىي رۇشدىيە ۋە ئىئدادىيىلەر»[3]، سەھىيە مىنىستىرلىكىگە باغلىق دارۇلئەيتاملار مائارىپ مىنىستىرلىكىگە باغلاندى. ھەممىگە ئايانكى، قانۇنلار، جەمئىيەتتە پەيدا بولغان ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلىدۇ ۋە كېيىن يېڭىدىن پەيدا بولغان ئېھتىياجلار سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ياكى ئۆزگەرتىلىدۇ.
1341ھ/1925م- يىلى ھەربىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە باغلىنىشى بىلەن تەۋھىدى تەدرىسات قانۇنىغا تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. كېيىنچە تېببىي خادىملار يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ ئاپپاراتلىرى سەھىيە مىنىستىرلىكىگە، ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئالى مائارىپ ئىدارىسىگە باغلاندى. ۋەقفلەر (فوندى جەمئىيەتلەر)گە خۇسۇسىي مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلدى. بۈگۈن تەۋھىدى تەدرىسات قانۇنىغا ئاساسەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىردىنبىر ئورگان ئىمام-خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدۇر. بۇ قانۇننىڭ ئىمام-خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلىرى مۇنداق:
«مائارىپ مىنىستىرلىكى ئىمام-خاتىپدەك دىنىي خىزمەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئىگە بولىدۇ ۋە بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش  ئۈچۈن ئايرىم مەكتەپلەر قۇرىدۇ….»- (4-ماددا). 
 بۈگۈن تۈركىيەدە ئىمام-خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ پىروگراممىلىرى ئىماملىق ۋە خاتىپلىق ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىيالايدىغان خىزمەتچىلەر يېتىشتۈرۈشكە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇلار ئاساسىي قانۇننىڭ 24- ماددىسىغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ كونتروللىقىدا دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ نىشان بىلەن كېلىدۇ. دىنىي خادىم بولۇشنى مەقسەت قىلغانلار ئىمام- خاتىپ تولۇق ئوتتۇرىغا كىرىش بىلەن بىرگە قارىيخانىلارغا بارىدۇ. سەككىز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مېھرابقا چىقىپ ئىمام بولالايدىغان كىشىلەرنى تېپىش قىيىن بولىدۇ. چۈنكى تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىگە كېلىپ قالغان كىشىلەرنى قۇرئان كەرىمنى توغرا شەكىلدە ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەدە تەربىيەلەش تەس ئىش. شۇڭا بالىلارغا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇتۇشنى كىچىك ياشتىن باشلاش كېرەك.  
 قارىيخانىلار ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك قارىيخانىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىدۇ، ئۇلارغا بىر قىسىم سۈرە ۋە دۇئالارنى يادلىتىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك پىروگراممىلىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا، قارىيخانىلارغا ئېھتىياج قالمايتتى. بۇ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنى توغرا شەكىلدە ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر.
ئۇزۇن مۇددەتلىك قارىيخانىلار ئىمام-خاتىپ تولۇق ئوتتۇرىلىرىغا ياردەمچى بولماقتا. چۈنكى بۇ يەرلەردە شەرىئەت ئىلىملىرىگە پىششىق قارىيلار يېتىشىپ چىقىدۇ. تەۋھىدى تەدرىسات قانۇنىدىكى پىلانلارنى دۆلەت بۇ شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ. بولمىسا ئىمام-خاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدىغان دىنىي خادىملارنى تېپىش مۇمكىن بولمايتتى. يەنىلا ئىمام-خاتىپ مەكتەپلىرىنىڭ دەرس پىروگراممىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىسە بۇ قارىيخانىلارغا داۋاملىق ئېھتىياج چۈشىدۇ.
 ئىمام-خاتىپ مەكتەپلىرى بىر تەرەپتىن قارىيخانىلارنىڭ ياردىمى بىلەن دىنىي خىزمەتلەرنى جايىدا ئورۇندىيالايدىغان خىزمەتچىلەرنى يېتىشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىنى چۈشەنگەن ئىنسانلارنى جەمئىيەتكە قوشماقتا. بۇنداق ئىنسانلارنىڭ بولۇشى جەمئىيەتكە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىمام-خاتىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى خۇراپاتلارغا قارشى قالقان بولۇشتۇر. چۈنكى بىدئەتچى، خۇراپاتچىلار ئۆزىنىڭ نادانلىقى ئاشكارا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن دىننى ياخشى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنى تېپىپ ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرىدۇ. پۈتۈن مەكتەپلەردە بېرىلىۋاتقان دىن دەرسلىرى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلىشى ۋە ئىمام-خاتىپ مەكتەپلىرى تەۋھىدى تەدرىسات قانۇنى تەلەپ قىلغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. دىنىي مائارىپ دەرس پىروگراممىلىرى قۇرئان نۇرى ئاستىدا كۆزدىن كەچۈرۈلسە دۆلەتكە ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ ھاكىم بولۇشى يىراق ئەمەس.
 سەككىز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن مائارىپ ساھەلىرى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. دىنىي مائارىپ ساھەسىمۇ بۇنىڭدىن قۇتۇلالمىدى. بۇ ئىشنىڭ تەرەپدارى بولغانلاردىن بەزىلەر ئىنسانلارنى دىندىن چىقارماقچى، بەزىلەر دىنى ھاياتنى خالىغانچە شەكىللەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ دىنغا يۈزلىنىشىنى توسۇپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى دىنغا بولغان بېسىم قانچىلىك كۈچەيسە ئۇنىڭغا بولغان يۈزلىنىشمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان. دىنغا يۈزلەنگەن ئىنسانلارغا كەلسەك، ئۇلار دىنىي مەسىلىلەردە بىر يولغا كەلمەستىن، بەزىلىرى پىشۋالىرىنى تەقلىد قىلىدۇ، بەزىلىرى ئۆز موللىسىغىلا ئەگىشىدۇ.
خۇلاسە شۇكى، دىندىن قورقۇش بىھاجەتتۇر. قورقۇشقا تېگىشلىكى دىننىڭ كەم ۋە خاتا ئۆگىتىلىشىدۇر. ئەگەر دىنىي مائارىپ كېڭەيتىلمىسە ۋە بۇ ساھەگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈنمىسە جەمئىيەتتە ئۆزىنى ئۆلىما چاغلايدىغانلار كۆپىيىدۇ ۋە ئەقىدە بىلمىگەن ئىنسانلار ئۇلارنى ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ۋەسىلە (ۋاسىتە) قىلىۋالىدۇ. ئەسلى چاتاق بۇ ۋاقىتتا چىقىدۇ.

[1]«تەۋھىدى تەدرىسات قانۇنى» تۈركىيە پارلامېنتتا 1924- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى 430 نومۇر بىلەن ماقۇللانغان ۋە مەملىكەت بويىچە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۈتۈن مەكتەپ ۋە مۇئەسسەسەلەرنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈشىنى پىلانلىغان بىر قانۇندۇر.- ت.
[2]– ئوسمانلىدا قانۇنلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولۇپ بولمىغانلىقى تەكشۈرىدىغان نازىرلىق.
[3]– ئوسمانلىلاردا «ئەسكىرىي رۇشدىيە» ھەربىي تولۇقسىز ئوتتۇرا، «ئەسكىرىي ئىئدادىيە» ھەربىي تولۇق ئوتتۇرا دېمەكتۇر.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر