دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى
سېكولارىزم ۋە تېئوكراتىيە
كېرىش سۆز
ئىلكىمىزدىكى ھەر نەرسىنى بىزگە ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ھېچكىم ئۇنىڭ بەرگىنىدىن ئارتۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر» (بەقەرە 2/255). بۇنىڭغا ھەممە ئىنسان ئىشىنىدۇ ۋە بۇنى بىر شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ.
بۇتپەرەسلەرمۇ ئاللاھقا ئىشىنىدۇ. ئۇلار بۇتلارغا ئۆزلىرى ئاللاھقا يېقىن دەپ ئېتىقاد قىلغان بىر قىسىم روھانىي (راھىب كالان)لارنىڭ سىموۋۇلى دەپ ئىشىنىپ، ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ چوقۇنىدۇ. ئەمما بۇ ئېتىقاد قۇرۇق خىيال ۋە ئەپسانىلەرگە تايانغانلىقى ئۈچۈن ساغلام ئەقىلنىڭ ھۆكۈملىرىگە زىت كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ئېتىقادنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. دېمەك بۇ ئېتىقاد ئۇچۇق- ئاشكارا شېرىكتۇر.
كۈنىمىزدە «خۇداسىزلار» دەپ ئاتالغان ئاتېئىزمچىلارمۇ ئەسلىدە ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان ۋە كائىناتنىڭ يەككە-يېگانە ھاكىمى بولغان ئاللاھنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشى خۇددى ئاتىسىنى ئىنكار قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ كىشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاتىسىنى ئىزدىگەندەك، ئۇمۇ قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ھەممە نەرسىنى بېرىشىنى، لېكىن ھېچبىر ئەمىر-پەرمان بەرمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
بەزى ئىنسانلار بولسا ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا ئۇيغۇن كەلگەننى قوبۇل قىلىدۇ، كەلمىگەننى رەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھالى قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن قوغلاندى شەيتاننىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. شەيتاننىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىشى ئاللاھنىڭ بىر بۇيرۇقىنى خاھىشىغا ئۇيغۇن كۆرمەي باش تارتقانلىقى بىلەن باشلانغان. بولمىسا ئۇ ئاللاھقا، قىيامەت كۈنىگە ۋە ئىمان كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرەتتى.
ئېتىقاد شەخسىي بولسۇن، ئىجتىمائىي بولسۇن ئىنساننىڭ پۈتكۈل ھايات ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يەنى ئىنسان بىرلا ئېتىقادتا داۋام قىلالماسلىقى ۋە يېڭى ئېتىقادلارنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئېتىقادى ئۆزگەرگەنلىكتىن ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر جەمئىيەتكە چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق جەمئىيەت ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى ئىنسانلار بىلەن ياشاشنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشى كېرەك.
قاتناش ۋە ئالاقە-ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلغان ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن جەمئىيىتىنى تاشلاپ، باشقا يەرلەرگە كۆچۈۋاتقان زاماندا، بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادتا بولمىغان ئىنسانلار بىلەن بىر جەمئىيەتتە بىرلىكتە ياشاش قاچقىلى بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالدى، چۈنكى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ باشقا يەرلەرگە بارغانلار ئۇ يەرلەرگە ئۆز ئېتىقادلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىدۇ.
لوگىكىغا ئۇيغۇن تەپەككۇر قىلغان ھەر ئىنسان، ھېچكىمنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا مەجبۇرلىيالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، لېكىن كۆپىنچە ئىنسان ئۇنداق قىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن پەرقلىق ئېتىقادلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول ئاچىدۇ.
جەمئىيەتكە توغرا پىكىر ھاكىم بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە توغرا كۆز قاراش بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشىشىغا ئىمكان بېرىشتىن ئىبارەت. ئەپسۇسكى، نوپۇزلۇق ۋە ھوقۇقدار كىشىلەر توغرىلارنىڭ ئەمەس، كۈچنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ بولسا زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقلارغا يول ئاچىدۇ.
توغرىلارنىڭ ئورنىغا كۈچنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىنى خالىغانلار ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قۇل بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى بۇ توغرىدا ماددىي كۈچىنى، بەزىسى دۆلەت كۈچىنى، بەزىسى بولسا دىننى قوللىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئەركىنلىك مەسىلىسى تارىخ بويىچە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى بولۇپ كەلگەن. ئەركىنلىك كۈرىشىگە ئاتلانغان قانچىلىغان ئىنسانلارنىڭ نوپۇزلۇق بىر ئورۇنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزىدىن باشقىلارغا ئەركىنلىك بەرمىگەنلىكى كۆپ يۈز بەرگەن بىر رېئاللىقتۇر.
ئىلاھى دىنىمىز ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىغا بېسىم قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەرلەر ھەر زامان بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇلار ئىنساننى ئىنسانغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇل بولماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق نىشانى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقىدىن ئىبارەت. «ئىبادەت»، لۇغەتتە شەرتسىز بويسۇنۇش دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ، ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە شەرتسىز بويسۇنماسلىق دېمەكتۇر. ئەمما دىننى مەجبۇرىلاش ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلار، ئۇنى پەيغەمبەرلەر كۆرسەتكەن سىزىقتىن چىقىرىپ، تونىغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. ئۇلار دىننى خۇسۇسىيلىقتىن چىقىرىپ، كوللېكتىپلىققا ئايلاندۇرغان. ئىنسانلارنى دىنغا قوبۇل قىلىش ۋە دىندىن چىقىرىش ئىشلىرىنى مۇراسىمغا باغلاپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈۋالغان. ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قۇرۇلما سايىسىدە دۆلەتكە ھاكىم بولۇش ۋە دۆلەتنى ئاللاھ نامىدا ئىدارە قىلىش ئىمكانىغا ئېرىشكەن. ئۇلار دۆلەتنى باشقۇرۇشتا ئاللاھ نامىنى سېتىپ، دۆلەتنىڭ پۈتۈن نېمەتلىرىدىن ئۆزلىرى پايدىلىنىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى چىقارغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كرىزىسلاردىن، قىلغان بېسىم ۋە زۇلۇملاردىن ئاللاھنى جاۋابكار تۇتىدۇ. ھېچكىم ئاللاھتىن ھېساب سورىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى مەسئۇلىيەتتىن قۇتقۇزغان. مانا بۇ تېئوكراتىيە دېيىلىدۇ.[1]. بۇ خىل تەشكىللىنىش خىرىستىيانلاردا مەۋجۇتتۇر. تېئوكراتىيە، دۆلەتنى چېركاۋنىڭ ئەمرىگە كىرگۈزۈشنىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشىدۇر. بۇنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر تەرىپى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن تېئوكراتىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ھەقلىق كۈرەشتۇر. دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىيدىغان سېكولارىزم،[2] بۇ كۈرەشنىڭ ئىسمى بولغان.
تېئوكراتىيەگە قارشى ئىسيان قىلىشنىڭ سىموۋۇلى بولغان سېكولارىزم، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئېتىقادلارغا بېسىم قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلانغان. ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە قۇل قىلىش تەمەسىدە بولغانلار ھازىر يا دىننى يا سېكولارىزمنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئەركىنلىكنى يوق قىلىشقا تېرىشىۋاتىدۇ.
مۇسۇلمانلىقتا چېركاۋغا ئوخشاش بىر دىنى قۇرۇلمىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى قۇرئاننىڭ بارلىقى بۇنىڭغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىدۇ. قۇرئان، دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىدىيۋىي پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەقلى بىلەن ھەرىكەت قىلغان ھەر كىشى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
بىز بۇ ماقالىمىزدە قۇرئان نۇرى ئاستىدا دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەتقىق قىلدۇق. چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ ھېچ بۇزۇلماي ۋە ئۆزگەرمەي بىزگە يېتىپ كەلگەن ئاخىرقى كىتابىدۇر. بۇ كىتابتا تېئوكراتىيە ۋە سېكولارىزم تېمىسىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق ۋە ئۇ مەسىلىنى مۇقەددەس كىتابلارغا ۋە قۇرئانغا قارىتا چۈشەندۈرۈشكە تېرىشتۇق.
ئاساسلىق غايىمىز مەسىلىنى مۇبالىغە قىلماستىن ئېچىپ بېرىش ۋە ئىنسانلار ئۈستىگە ھۆكۈمران بولۇش ئۈچۈن دىننى ۋە سېكولارىزمنى سۇيىئىستېمال قىلغانلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئىخچام ۋە جانلىق شەكىلدە ئېچىپ تاشلاشتۇر.
بۇ يەردە توغرىلارنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلدۇق. ئەسلىدە ھەممەيلەن ئۇ توغرىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن بىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئىجرا قىلىش ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدۇ. بۇنى ھەمىمىز ياخشى بىلىمىز. ئەگەر بىز ئىنساب بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزەلىگەن بولساق ئۆزىمىزنى غەلىبە قىلغانلاردىن ھېسابلايمىز. ئەمما بۇنداق ئىنسانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ. تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.
داۋامى بار…