بىرىنچى بۆلۈم دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى
دۆلەتنىڭ دىنى
1- دۆلەت بىر قۇرۇلمىدۇر، قۇرۇلمىنىڭ دىنى بولمايدۇ. شۇڭا دۆلەت ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ۋە ئاخىرەت ھەققىدە بىر ئەندىشە قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، باشقا قۇرۇلما ۋە ئورگانلارنىڭمۇ دىنى بولمايدۇ. ئەمما ئىنسانغا كەلسەك، ئۇنىڭ دىنى بولىدۇ.
دۆلەتنى ياكى بىر ئورگاننى ئىدارە قىلىۋاتقانلارنىڭ ئېتىقادى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە سىستېمىسىدا ئەكس ئېتىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ھۆكۈمران بولغان دۆلەت ئىسلام دۆلىتى، خىرىستىئانلار ھۆكۈمران بولغان دۆلەت خىرىستىئان دۆلىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ خەلقنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىشى نورمالسىزلىق، ھەم ئادالەتسىزلىكتۇر. بىر ئېتىقادنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق ئەللەردە ئىچكى نىزا، بېسىم ۋە زۇلۇم تۈگىمەيدۇ.
2- دىننىڭ جەۋھىرى ئىمان، ئىماننىڭ ئاساسى قەلب بىلەن تەستىقلاش. قەلب بولسا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان بۇ يەردە چەكسىز ئەركىن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىنسان قەلبى رازى بولمىغان ھېچقانداق ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي تاڭغىلى بولمايدۇ، ھەم بۇنداق قىلىش بىر زۇلۇم بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىغا ھېچكىمنى مەجبۇرلاشنى خالىمايدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
﴿لاَ إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىَ لاَ انفِصَامَ لَهَا وَاللّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾
«دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرا بىلەن خاتا ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- بەقەرە2/256.
بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار ھېچكىمنى مۇسۇلمان بولۇشقا ياكى مۇسۇلمانچە ياشاشقا مەجبۇر قىلالمايدۇ، ئەكسىچە ھەر ئىنسانغا ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشقا ئىمكان بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتى، تېئوكراتىيىلىك (دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى تۇتىدىغان) دۆلەت بولمايدۇ.
مۇسۇلمانلار ئىشەنگەن ئىسلام دىننىڭ بىر پەيغەمبىرى، بىر كىتابى بار. مۇسۇلمان بولماقچى بولغانلار، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇ كىتاب ئۆگەتكەندەك ئىشىنىپ ياشايدۇ. يەنى قۇرئانغا بويسۇنىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قۇرئاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارمۇ بار. بۇلار ھەم ئارزۇ قىلغانلىرىدەك ياشاشنى، ھەم مۇسۇلمان دەپ ئېتىراپ قىلىنىشنى مەقسەت قىلىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسمىنى قەدىمكى زامانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھازىر كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ قارايدۇ. بىر قىسمىنى بولسا ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، پەرقلىق شەكىلدە ئىزاھلايدۇ، شۇنداقلا ھايات بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈپ، دىننى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ ئىزاھلىدۇق دەپ ئويلايدۇ.
ئۇلار قۇرئاننى ئۆز خاھىشىغا بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى بىلگەچكە ئىچىنى راھەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈلپەت ئىزدەيدۇ. ئۆزلىرىگە يېقىن دەپ بىلگەن ئادەملەرنى يېنىغا تارتىپ، باشقىلارنى چەتكە قاقىدۇ. دۆلەت ياكى بىرەر قۇرۇلما ۋە ياكى بىرەر ئورگاننىڭ نامىدا گەپ قىلغانلىقىنى پۇرىتىپ، ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ بىر خاتا يولدۇر. چۈنكى ھەر مۇسۇلماننىڭ دىنى ۋەزىپىسى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە چىڭ ئېسىلىشتۇر.
3-دىنى ئەركىنلىكنىڭ كاپالىتى قۇرئاندۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَوْ شَاء رَبُّكَ لآمَنَ مَن فِي الأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعًا أَفَأَنتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّى يَكُونُواْ مُؤْمِنِينَ﴾
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا سەن زورلامسەن؟»-يۇنۇس10/99.
ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسىمۇ ئىچكى دۇنياسىدەك ھۆر بولۇشى كېرەك. ئۇ مۇشۇنداق بولغاندىلا ھەقىقىي شەخسىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
4- دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دىنى ياكى ئىدېئولوگىيەلىك دائىرىدە ئەمەس، ئادالەت دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئىچكى ۋە تاشقى ئامانلىقنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت.
دۆلەت قۇياش مىسالى بولۇشى كېرەك. قۇياش خۇددى مۇسۇلمان، خىرىستىئان، يەھۇدىي، باي، نامرات ۋە ئىرق پەرقى قىلماستىن ھەممىسىگە ئوخشاش مۇساپىدە تۇرغاندەك، دۆلەتمۇ پۇقرالىرى ئالدىدا ھەر دائىم ھەممىسىگە ئوخشاش مۇساپىدە تۇرۇشى كېرەك.
بولۇپمۇ دۆلەت ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىغا بىسىم قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى دۆلەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئىشەنگەندەك كۆرۈنگەن كىشىلەر بەدەنگە كىرىۋالغان مىكروبقا ئوخشاش، كۈچلەنگەن زامان كېسەل پەيدا قىلىدۇ.
ئېتىقادلىرىغا بېسىم قىلىنماي ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىشەنگەن كىشىلەر بەدەنگە ئۇرۇلغان ۋاكسىنىدەك دۆلەتنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: ئوسمانلى دۆلىتىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاز سانلىق ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ شەرەپلىك پۇقرالىرى ھېسابلىشى بۇنىڭغا ياخشى ئۆرنەك بولالايدۇ.
داۋامىي بار…