خەتەرلىك ئەھۋاللاردا ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ؟
﴿وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَن يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُّبِينًا١٠١ وَإِذَا كُنتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِّنْهُم مَّعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِن وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَى لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُم مَّيْلَةً وَاحِدَةً وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن كَانَ بِكُمْ أَذًى مِّن مَّطَرٍ أَوْ كُنتُم مَّرْضَى أَن تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُّهِينًا١٠٢﴾
«ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى، كافىرلار سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ نامازنى تولۇق ئۆتىگەن چېغىڭدا، ئۇلاردىن بىر جامائە سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن. ئۇلار قورال – ياراغلىرىنى تۇتسۇن. ئۇلار سەجدە قىلىپ بولغاندا ئارقاڭلاردا قوغدىغۇچى بولۇپ تۇرسۇن. ناماز ئۆتىمىگەن يەنە بىر جامائە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئۆتىسۇن. بۇلارمۇ ھوشيار تۇرسۇن ۋە قورال – ياراغلىرىنى تۇتسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قورال – ياراغلىرىڭلاردىن ۋە نەرسە – كېرەكلىرىڭلاردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇردىن بىرەر ئەزىيەت بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، قورال – ياراغلىرىڭلارنى قويۇپ قويۇشۇڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كافىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى» – (4 – سۈرە نىسا، 101 ~ 102 – ئايەتلەر).
بۇ ئايەتلەردە ئۆتكەن ۋە ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئېنىق ئىسىم بولغان «ئەسسەلات - الصَّلَاة» بولۇپ، سەپەرگە چىققان مۇئمىنلار بىلىدىغان ۋە ئۆتەپ كەلگەن نامازنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭلاشقا بىرىنچى ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئادەتتە سەپەر ئۈستىدە ئۆتەيدىغان ئىككى رەكەتلىك نامازنى، سەپەر ئۈستىدە بولۇۋاتقان چېغىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا بىرەر زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، قىسقارتىپ بىر رەكەتكە چۈشۈرۈپ ئۆتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. دېمەككى، مۇئمىنلارنىڭ «سەپەر ئۈستىدە بولۇش»ىغا «كافىرلارنىڭ زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش»ى قوشۇلسا، ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە ئۆتەپ كەلگەن ئىككى رەكەتلىك نامازلىرىنى قىسقارتىپ بىر رەكەت قىلىپ ئۆتىشى جائىز بولىدۇ. 101 – ئايەت بۇ ھۆكۈمنى، 102 – ئايەت بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن جانغا خەتەر يېتىدىغان پەيتتە ئوقۇلىدىغان نامازنى، ئىمام ئىككى رەكەت، ئىككىگە ئايرىلغان جامائەتنىڭ ھەر بىرى بىرەر رەكەتتىن ئۆتەيدۇ. ئەسلىدە سەپەردە نامازنى قىسقارتىش بۇ شەكىلدە بولىدۇ، يەنى سەپەردە نامازشامدىن باشقا نامازلار ئىككى رەكەتتىن ئۆتىلىدۇ. بۇ قەسىر ئەمەس، سەپەردىكى تولۇق نامازدۇر، قىسقارتىش دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قورققاندا بۇ ئىككى رەكەتنى بىر رەكەتكە چۈشۈرۈپ ئۆتىمەكتۇر. بۇ ناماز تۆۋەندىكىچە ئۆتىلىدۇ: ئەسكەرلەر ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ئىمام سەپەردە ئۆتىلىدىغان ئىككى رەكەتلىك نامازنى تولۇق (ئىككى رەكەت) ئۆتەيدۇ، جامائەتنىڭ ھەر بىرى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا نۆۋەتلىشىپ بىر رەكەتتىن ناماز ئۆتەيدۇ، ناماز ئۆتىمىگەن جامائە دۈشمەننى ھۇجۇمىغا قارشى كۆزەتچىلىك قىلىدۇ، ناماز ئۆتەۋاتقان جامەئە قورال – ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ناماز ئۆتەيدۇ. ناۋادا خەۋپ بەك قاتتىق بولسا، جامائەت شەكىللەندۈرمەستىن ھەر ئەسكەر نامىزىنى مۇمكىن بولغان شەكىلدە، يالغۇز ئۆز ئالدىغا مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (تانكا، ئەسكەرىي ماشىنا ۋە ھاكازالار) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، قىبلىگە ياكى ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ئۆتەيدۇ (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 239 – ئايەت).