قۇرئان يولى
خۇراپاتلار كۆز تىگىشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ 1

خۇراپاتلار \ كۆز تىگىشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

     كۆز تەگمەيدىغانلىقىغا دائىر دەلىللەر

قۇرئان كەرىم ھەر ئىشتا ئىلىمنى، دەلىلنى ۋە تەپەككۇرنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىنساننىڭ كۈچىگە، ئىشلەش روھىغا ۋە ئاكتىپلىقىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق خىيالىي كۈچ ۋە سىرلىق نەرسىلەرگە ئىشىنىشكە قارشى تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن يوليورۇقلىرى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدە گۇماندىن، شۈبھىدىن ۋە شەكتىن يىراق ساغلام ئەقىللەرنى بىنا قىلىشقا قارىتىلغان. بۇنى ھەر مۇسۇلمان بىلىدۇ ۋە بىلىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَقۡفُ مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٌۚ إِنَّ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡبَصَرَ وَٱلۡفُؤَادَ كُلُّ أُوْلَٰٓئِكَ كَانَ عَنۡهُ مَسۡئُولٗا  ٣٦﴾

«ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان نەرسىگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىلنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە سوراققا تارتىلىدۇ»[1].

بۇ ئالەمدە بىزنىڭ ھاياتىمىزغا تەسىر قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئىنسان چۈشىنەلەيدىغان قانۇن ۋە سەۋەبلەرگە باغلىق قىلىنغان. ئاللاھ تائالا بىزنى مەخپىي ئالەمدىن كېلىدىغان ھەر قانداق يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرغان. مەسىلەن: شەيتاننىڭ ھىيلىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەيتاننىڭ ھىيلىسىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى شەيتاننىڭ تەسىرى ماددىي ئەمەس، بەلكىدە ۋەسۋەسە قىلىش، كۈشكۈرتۈش، قىزىقتۇرۇش ۋە قۇترىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن چەكلىك بولىدۇ.

«كۆز تېگىدۇ» دەپ قارايدىغانلار قارىغۇچىنىڭ قارالغۇچىغا پەقەت كۆزلىرى بىلەن قاراش ئارقىلىقلا زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار كۆز تېگىش بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆلۈپ قەبرىستانلىققا ئۇزىتىلغان دەيدۇ. ئۇلار بۇ سەپسەتىنى بىر ھەدىس سۈپىتىدە رىۋايەت قىلىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار كۆز تېگىپ ئەمەس، ھەسەتنىڭ نەتىجىسىدە باشقا بىر نەرسە تېگىپ ئۆلگەن. ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتكەن ھەر كىشى بۇنى شۇنداق بىلىدۇ. مەسىلەن:

مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ۋە سەۋەبچى بولۇۋاتقان جەڭلەر، ئۇرۇشلار ۋە جېدەل – ماجىرالارنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ھەسەتتۇر. جۈملىدىن ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلماسلىقى، يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمەسلىكى ھەسەتتىن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «كۆز»دىن مەقسەت ھەسەتتۇر. كۆز تېگىشتىن مەقسەت ھەسەت قىلىشتۇر. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزدىن (ھەسەتتىن) ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇنى ھالاك بولۇشنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى كۆز يەنى ھەسەت توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ، قانلىق ئۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇكى، كۆزنىڭ يەنى قاراشنىڭ قارالغۇچىغا ھېچقانداق تەسىرى يوق. ئەگەر كۆز بىلەن قاراشنىڭ ھەتتا غەزەپلىك ۋە نەپرەتلىك قاراشنىڭ يامان تەسىرى بولسا ئىدى، ھېچبىر ئادەمزاتتا ھېچبىر نېمەت داۋاملاشمىغان بولاتتى ۋە يەر يۈزىدە ئىنسانىيەت قالمىغان بولاتتى. چۈنكى يەر يۈزىدىكى ھەر كىشىنىڭ دۈشمىنى بار، يەنى ھەر كىشىگە يامان كۆز بىلەن قارىغان بىر قارىغۇچى، ھەتتا بىرقانچە قارىغۇچىلار بار. لېكىن يوللاردا كۆز تېگىپ يېتىپ كەتكەن ياكى مال – مۈلكى كۆز تېگىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن ۋە ياكى ئۆزى كۆز تېگىپ ئۆلۈپ كەتكەن بىرمۇ ئىنسان يوق. بەزى مۇسىبەتلەرنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەندەك كۆرۈنۈشى بىر تاسادىپىيلىق بولۇپ ئەسلىدە ئۇنىڭ باشقا سەۋەبلىرى بار.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ – ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن قېچىپ سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن﴾. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿إِذَا حَسَدَ – ھەسەت قىلغان چاغدىكى﴾ دېگەن سۆزى ئارتۇق سۆز بولماستىن، بەلكىدە ئۇ سۆز ھەسەتخورنىڭ قانداق چاغدىكى يامانلىقىدىن پاناھ تەلەپ قىلىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر. دېمەك، ھەسەتخورنىڭ قەلبىدىكى ھەسىتىنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا بىرەر يامانلىقى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن پاناھ تىلەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، لېكىن ئۇ ھەسەت ھەسەتخورنى ھەسەت قىلىنغۇچىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا ئېلىپ ماڭسا، ئۇنىڭ مانا مۇشۇ چاغدىكى يامانلىقى ھەسەت قىلىنغۇچىغا زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەسەت، ئۇنىڭ ئەلچىسى بولغان ھومىيىشلار ھەسەت قىلىنغۇچىغا بىر زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

ئەبى ئۇمامە مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس ئىبنى  مالىك بىلەن ئاھالىسى ھالاك قىلىنغان، ئۆزى خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بىر كەنتتىن ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇ مەندىن بۇ يۇرتلارنى تونۇمسەن؟ دەپ سورىدى. مەن تونۇمايمەن دەپ جاۋاب بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى:

بۇ زۇلۇم بىلەن ھەسەت ھالاك قىلىۋەتكەن بىر قەۋمنىڭ يۇرتلىرىدۇر. ھەسەت ياخشىلىقلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ . زۇلۇم ئۇنى تەستىقلايدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ…[2]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىدىنمۇ قەلبتىكى ھەسەتنىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا زىيىنىنىڭ بولمايدىغانلىقى، ھەسەت قەلبتىن چىقىپ پۇت – قول ئەزالاردا زىيانكەشلىك قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش، كۈشكۈرتۈش… قاتارلىق ھەرىكەتكە ئايلانسا، ئاندىن ئۇنىڭ زىيىنى بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 : 345 – 347.

[1] 17 – سۈرە ئىسرا، 36 – ئايەت.

[2] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 51.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر