قۇرئان يولى
خۇراپاتلارمەۋلۇت ئۆتكۈزۈش 1

خۇراپاتلار\مەۋلۇت ئۆتكۈزۈش

          مەۋلۇت ئوقۇش

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «مەۋلۇت ئوقۇش» دېيىلىدىغان، قۇرئان ۋە سۈننەتتە ھېچ ئاساسى بولمىغان، ھىچبىر ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ھاياتىدىمۇ بولۇپ باقمىغان، تامامەن ئۇيدۇرما بىر پائالىيەت بار. بۇ پائالىيەت رەبىئۇلئەۋۋەل (ھىجرىيىنىڭ 3 – ئېيى)دە كۆپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىمۇ رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا بولغان[1]. ئەسلىدە بۇ ئىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا باشقا دىنلاردىن كىرگەن. تۆۋەندە مەۋلۇتنىڭ مەنىسى، مەۋلۇت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ تارىخى ۋە ھۆكمى قاتارلىقلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز. 

1.     «مەۋلۇت»نىڭ لۇغەت مەنىسى

«تۇغماق، تۇغقان ۋە تۇغۇلغان ۋاقىت، تۇغقان ۋە تۇغۇلغان ئورۇن» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان مەۋلۇت (مەۋلىد) كەلىمىسى دەسلەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى، سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان نەزملەرگە «مەۋلۇت» دېيىلگەن[2].

2.     مەۋلۇت ئوقۇش ئادىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردە فاتىمىيلاردا باشلانغان[3]. فاتىمىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرلىكتە ئەلى، فاتىمە، ھەسەن، ھۈسەين ۋە خەلىپىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەۋلۇت ئوقۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزەتتى.

3.     مەۋلۇت ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇشنىڭ شەرئىي ھۆكمى

مەۋلۇت ئوقۇش بىدئەتتۇر. ئوقۇغۇچى بىدئەت ئىش قىلغان بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى بىدئەتكە ياردەملەشكەن بولىدۇ. چۈنكى مەۋلۇت ئوقۇش ۋە مەلۇت ئوقۇتۇشنىڭ قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىسلەردە ئاساسى يوقتۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى، كېيىن پەيدا قىلىنغان ئىشتۇر»[4]، «كېيىن پەيدا قىلىنغان ھەر ئىش بىدئەتتۇر»[5]، «ھەر بىدئەت زالالەتتۇر، ھەر زالالەت دوزاختىدۇر»[6].

ئۇنىڭ ئۈستىگە مەۋلۇتنىڭ ئىچىدە شېرىك ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن سۆزلەر بار. بۇ سۆزلەرنى ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلاپ تەستىقلىغۇچى مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان مەۋلۇتلاردا تۆۋەندىكى سۆزلەر بار:

«ئى خۇدانىڭ ئەلچىسى! پەيغەمبەرلەر ياخشىسى!

تارتقىن بىزنى دوزاختىن، ئى ھەبىبىم، ئى رەسۇل!».

بىزنى دوزاختىن پەيغەمبەر ئەمەس، ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ قۇتقۇزۇشى، بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇشىمىزغا باغلىقتۇر[7].

شۇنىڭدەك، مەۋلۇت ئوقۇش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا «مەھەللى قىيام» دەپ بىر يەر بار. مەۋلۇت بۇ يەرگە كەلگەندە شۇ سورۇندا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرىدۇ. چۈنكى مەۋلۇت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سورۇنغا، شۇ چاغدا كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا بۇ چاغدا «مەرھابا يا مەرھەبا، مەرھەبا جەددەلھۈسەينى مەرھەبا» دېگەن نەزملەر ئوقۇلىدۇ. مانا بۇمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. چۈنكى قىيام پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر[8].

[1] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىل ۋەقەسى بولغان يىلى، رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 9 – كۈنى، دۈشەنبە ئەتىگەن (بۇ مىلادىيە 571 – يىلى، 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 11 – يىلى، رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12 – كۈنى دۈشەنبە چاشگاھ ۋاقتىدا (بۇ مىلادىيە 632 – يىلى، 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) ۋاپات بولغان. بۇ ھەقتە سىيەر ۋە تارىخ كىتابلىرىدا ئىختىلاپ يوق.

[2] قاراڭ: ئۆمەر تەللى ئوغلۇ، «مەۋلىد»، شامىل ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيىسى (ئىستانبۇل: شامىل يايىن ئەۋى، 2000)، 5: 228.

[3] فاتىمىيىلار مىلادى 909 ~ 1171 – يىللىرى (ھىجرىيە 297~ـ567) ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئەرەب خەلىپىلىرى بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادى دەپ ھېسابلايدۇ. بۇلار دەسلەپتە شىمالىي ئافرىقىدا، كېيىن مىسىردا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مەۋلۇت ئوقۇش ئادىتى فاتىمىيىلاردىن مەغرىب رايونلىرىغا، ئەرەبىستانغا ۋە ئوسمانلى دۆلىتىگە كىرگەن. ئاندىن كېيىن پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا تارقالدى. فاتىمىيلار ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: ئەيمەن فۇئاد سەييىد، «فاتىمىيلار»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1995)، 12: 228 – 237.

[4] مۇسلىم، «جۈمە»، 43.

[5] نەسەئى، «ئەلئىيدەين»، 22؛ ئىبنى ماجە، «مۇقەددىمە»، 7.

[6] مۇسلىم، «جۈمە»، 43؛ ئەبۇ داۋۇد، «سۈننەت»، 6.

[7] 19 – سۈرە مەريەم، 72؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 101 – 102.

[8] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 238 – ئايەت. قىيام – ئورنىدىن تۇرۇپ تەزىم قىلىش دېمەكتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر