ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
ئۇستاز! سىزدىن خېزىر ئەلەيھىسسالام توغىرسىدا مەلۇمات ئالاي دېگەنتىم، خېزىر ئەلەيھىسسالام ھازىرمۇ مەۋجۇتمۇ؟ ياكى مۇھەممەد س ئە ۋ سەللەمدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، دېگەن ھۆكۈمگە ئاساسلىنىپ ئۇنى ئىنكار قلىمىزمۇ؟ تەلىم بەرسىڭىز. ھۆرمەت بىلەن: يولغۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! قۇرئان كەرىمدە «ئاللاھ رەھمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلغان بىر بەندە» زىكىر قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە بۇ «بەندە» نىڭ خىزىر ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەت ئايەتلەر مۇنداق:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆزىنىڭ ياش ئادەمىگە: «مەن ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىگە يېتىپ بارمىغىچە ياكى بۇ يولدا ئۇزۇن بىر زامان ئۆتكۈزمىگىچە ھېچ توختىماستىن ماڭىمەن» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مېڭىپ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسى بىرلەشكەن جايغا يېتىپ بارغاندا بېلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بېلىق بولسا، دېڭىزغا چۈشۈپ ماڭغان يولىنى تۆشۈك ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇسا ياش ئادەمىگە: «تامىقىمىزنى كەلتۈرگىن، بۇ سەپىرىمىزدە بەك چارچاپ كەتتۇق» دېدى.
ياش ئادەم: «ئاپلا، بىز ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئالغان چېغىمىزدا بېلىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن- دە. ئۇنىڭ ۋەقەسىنى دېيىشنى ماڭا چوقۇم شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. ئۇ، دېڭىزدىكى يولىنى ئەجەبلىنەرلىك بىر شەكىلدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى» دېدى.
مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ئەنە شۇ ئىدى!» دېدى- دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزلىرى بويىچە كەينىگە يېنىپ ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىغا كەلدى.
ئۇلار ئۇ يەردە، بىز ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلغان بىر بەندىمىزنى ئۇچراتتى.
مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئەگەشسەم، ئۆگەنگەن ئىلىملىرىڭدىن ئۆگىتىپ مېنى يېتىشتۈرەمسەن؟» دېدى.
ئۇ بەندىمىز مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن.
سەن ئىلمىڭ يەتمىگەن ئىشلارغا قانداقمۇ سەۋر قىلىسەن؟».
مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنى سەۋرچان كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچبىر ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.
ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «ئۇنداقتا ماڭا ئەگەشسەڭ، مەن ساڭا ئېيتىپ بەرمىگىچە ھېچبىر نەرسە توغرىسىدا مەندىن سوئال سورىما!» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چۈشۈپ، ئاخىرى بىر كېمىگە چىقىشتى. ئۇ بەندىمىز بۇ كېمىنى تېشىۋەتتى. مۇسا ئۇنىڭغا: «بۇ كېمىنى، ئىچىدىكى يولۇچىلارنى غەرق قىلىش ئۈچۈن تېشىۋەتتىڭمۇ؟ سەن ئاجايىپ بىر ئىش قىلدىڭ!» دېدى.
ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمە. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىش ئىشىمنى قىيىنلاشتۇرما!» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە يولغا چۈشۈپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىشتى. ئۇ بەندىمىز ئۇ بالىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟ سەن ھەقىقەتەن يامان بىر ئىش قىلدىڭ» دېدى.
ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
مۇسا: «ئەگەر سەندىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەرسە سورىسام، مېنى يېنىڭدا ئېلىپ ماڭما. بۇ مېنىڭ ساڭا ئېيتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆزرەم!» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە يولغا چۈشتى ۋە بىر مۇددەت ماڭغاندىن كېيىن بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلاردىن تاماق سوراشتى. لېكىن كەنت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ مېھمان بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسى ئۇ كەنتتە ئۆرۈلۈپ كەتكىلى قوپقان بىر تام ئۇچراتتى. ئۇ بەندە دەرھال ئۇتامنى تۈزۈپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «خالىساڭ بۇنىڭغا بىر ھەق ئالالايتتىڭ» دېدى.
ئۇ بەندىمىز مۇنداق دېدى: «مانا بۇ، ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىشىدۇر. مەن ھازىر ساڭا، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بېرىمەن:
ئۇ كېمە بارغۇ! ئۇ، دېڭىزدە ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ ئىدى. ئۇنى ئەيىبلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشنى خالىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىدە ھەر ساغلام كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.
ئۇ ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئۇ بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. ئۇ بالىنىڭ، كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ۋە نان كورلۇققا زورلىشىدىن قورقتۇق- دە،
رەببىنىڭ ئۇلارغا، ئۇنىڭدىن ياخشى ۋە كۆيۈملۈك بىر بالا ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق.
ئۇ تام بولسا، شەھەردە ياشايدىغان ئىككى يېتىم ئوغۇلنىڭ بولۇپ، ئاستىدا ئۇلارنىڭ بىر خەزىنىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ دادىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ، ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يېتىپ خەزىنىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن چىقىرىشىنى ئىرادە قىلدى. بۇ، رەببىڭدىن بىر رەھمەت ئىدى. مەن بۇلارنى ئۆزۈم چاغلاپ قىلمىدىم. ئەنە شۇلار، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىدۇر»- كەھف 18/60-82.
بۇ ئايەتلەردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئېنىق بىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرەرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بايان قىلىنمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىزىر ئەلەيھىسسالام ئەگەر ئىنسان بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان بىر ئىلىم ئەھلى كىشىدۇر.