قۇرئان يولى
خالادىكى ئەدەپ - قائىدىلەر 1

خالادىكى ئەدەپ – قائىدىلەر

5§. تەرەت سۇندۇرۇشنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى

بۇ توغرىدا، ھەدىس كىتابلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەزى رىۋايەتلەرنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرگەندە «مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دەپ نەقىش ئويۇلغان تامغا ئۈزۈكىنى چىقىرىۋېتەتتى[1].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەرەت سۇندۇرىدىغان چېغىدا كىشىلەردىن يىراقلىشاتتى[2]. يەنە بىر رىۋايەتتە تەرەت سۇندۇرماقچى بولسا ھېچكىم كۆرمەيدىغان يىراق جايلارغا كېتەتتى[3].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولغاندا «بىسمىللاھ ئاللاھۇممە ئىننى ئەئۇزۇبىكە مىنەلخۇبسى ۋەلخەبائىس» دەيتتى[4].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەرەت سۇندۇرۇۋاتقان چېغىدا سالام قىلغان كىشىنىڭ سالامىنى ئىلىك ئالمايتتى[5].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەرەت سۇندۇرىدىغان چېغىڭلاردا قىبلىگە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، ئارقاڭلارنىمۇ قىلماڭلار. لېكىن شەرق ياكى غەرب تەرەپكە[6] قاراپ ئولتۇرۇڭلار»[7].

ئەگەر  ھاجەت قىلىدىغان يەرنىڭ ئەتراپى ئېتىكلىك بولسا، قىبلىگە ئالدى ياكى ئارقىسى بولۇپ قالسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق. چۈنكى ئىبنى  ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەفسەنىڭ ئۆگزىسىدىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا ئالدىنى قىلىپ، قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ، تەرەت سۇندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى[8] ۋە «تەرەت سۇندۇرغۇچى بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىدا بىر نەرسە بولسا، ئالدىنى ياكى ئارقىسىنى قىبلىگە قىلىپ تەرەت سۇندۇرۇشنىڭ زىيىنى يوق» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[9].

  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇۋىغا سىيىشتىن توسقان[10].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «لەنەتكە قېلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدىغان ئۈچ ئىشتىن يەنى سۇ مەنبەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا، يوللارغا ۋە سايىلارغا تەرەت سۇندۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن[11].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنچىغا ۋە سۇغا سيىشتىن توسقان[12].
  • ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سىيگەنلىكىمنى كۆرۈپ، «ئى ئۆمەر! ئۆرە تۇرۇپ سىيمىگىن!» دېگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئۆرە تۇرۇپ سىيمىدىم[13].
  • ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە كىم «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ سىيگەن» دېسە، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام داۋاملىق ئولتۇرۇپ  سىيەتتى[14].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەردىن بىر كىشى ھاجەتخانىغا بارسا، ئۈچ دانە تاش بىلەن تەرەت يوللىرىنى تازىلىسۇن. چۈنكى ئۈچ دانە تاش ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ[15].
  • ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەرەت سۇندۇرغىلى چىقسا، مەن ۋە بىزدىن بىر بالا ئىستىنجا قىلىشى ئۈچۈن بىر قاچىدا سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقاتتۇق[16].

مەقسەت تەرەت يوللىرىنى پاكىزلاش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشنى سۇ بىلەن ئادا قىلىش ياخشى. لېكىن تاش، چالما ۋە تازىلىق قەغىزى قاتارلىق ئۆزى پاكىز، نىجاسەتنى چىقىرالايدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ ئادا قىلىشقا بولىدۇ.

  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بىرىڭلار تەرەت سۇندۇرسا ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن ۋە قاچىنىڭ ئىچىگە تىنمىسۇن» دېگەن[17].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىپ بولۇپ، قولىنى يەرگە سۈرتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[18].

بۇ يەردە قولنىڭ  تېخىمۇ پاكىز بولۇشى مەقسەت قىلىنغان. ھازىرقى زاماندا بۇ مەقسەتنى سوپۇن بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خالادىن چىققاندا «رەببىم! مېنى كەچۈرگىن» دەيتتى[19]

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1 : 24 – 27.

[1]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 10؛  تىرمىزى، «لىباس»، 16؛ نەسەئى، «زىينەت»، 54.

[2]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 1؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 16؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 16.

[3]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 1.

[4]  تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئى ئاللاھ! مەن ئەركەك ۋە چىشى جىنلاردىن قېچىپ ساڭا سېغىنىمەن. ياكى ئى ئاللاھ، مەن پاسكىنىچىلىقتىن ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن قېچىپ ساڭا سېغىنىمەن» (بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 9، «دەئەۋات»، 15؛ مۇسلىم، «ھەيز»، 122؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 4؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 3؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 18).

[5]  ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 8؛ تىرمىزى،  «تاھارەت»، 67، «ئىستىئزان»، 27؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 32 – 33؛ ئىبنى ماجە،  «تاھارەت»، 27.

[6]  مەدىنىدە قىبلىگە ئالدىنى ياكى ئارقىسىنى قىلماسلىق ئۈچۈن  شەرق ياكى غەربكە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. باشقا جايلاردا ياشايدىغان ئىنسانلار شەرق ياكى غەربنى ئۆلچەم قىلماي، قىبلىگە ئالدى ياكى ئارقىسىنىڭ بولۇپ قالماسلىقىنى ئاساس قىلىشى لازىم.

[7]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 11، «سالات»، 29؛ مۇسلىم، «تاھارەت»،  59؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 4؛ تىرمىزى،  «تاھارەت»، 6؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 19، 20 ، 21.

[8]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 12، 14، «خۇمۇس»، 4؛ مۇسلىم، «تاھارەت»،  62؛ مۇۋاتتا، «قىبلە»، 3؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 5؛ تىرمىزى،  «تاھارەت»، 7؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 22.

[9]  ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 4.

[10]  ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 16؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد،  5: 82.

[11]  مۇسلىم، «تاھارەت»، 68؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 14.

[12]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 239؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 94، 96؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 15، 36؛ تىرمىزى،  «تاھارەت»، 17، 51؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 31، 45، 146؛ ئىبنى ماجە،  «تاھارەت»، 12، 25؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد، 4 : 110 – 111؛ نۇرۇددىن ئەلى ئىبنى ئەبى بەكرى ھەيسەمىي، مەجمەئۇززەۋائىد ۋە مەنبەئۇل فەۋەائىد، (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، 1988)،  1 : 204.

[13]  تىرمىزى،  «تاھارەت»، 8.

[14]  تىرمىزى،  «تاھارەت»، 8؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 25.

[15]  ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 21؛ نەسەئى، « تاھارەت»، 40.

[16]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 15 – 16 – 17، 56، «سالات»، 93؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 70؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 23؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 41.

[17]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 19.

[18]  نەسەئى،  «تاھارەت»، 43؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 29.

[19] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 17؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 5؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 10.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر