جۈمەگە مېڭىش شەكلى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازغا يۈگۈرۈپ كەلمەي، تەمكىن ھالەتتە كېلىڭلار. يېتىشەلىگەنلىرىڭلارنى ئۆتەڭلار، يېتىشەلمىگىنىڭلارنى تولۇقلاڭلار»[1].
جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلگەندە ئۆتىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ[2] ۋە مۇنداق دەيدۇ:
بىز جۈمەگە بالدۇر تەييارلىناتتۇق، چۈشلۈك ئۇيقۇمىزنى جۈمەدىن كېيىن ئۇخلايتتۇق[3]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىنى ھاۋا سوغۇق چاغدا بالدۇر ئوقۇيتتى. ئىسسىق بولغان چاغلاردا ھاۋانىڭ سوغۇشىنى كۈتەتتى[4].
سەلەمە ئىبنى ئەل- ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلگەندە ئۆتەيتتۇق. ئاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ سايە ئىزدەيتتۇق[5].
سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى ئۆتەيتتۇق ۋە تام تۈۋىلىرىدىن ئىزدەپ بىر سايە تاپالمايتتۇق[6].
[1] – بۇخارى، جۇمۇئە 8.
[2] – بۇخارى، جۇمۇئە 16؛ ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1084؛ تىرمىزى، جۇمۇئە 503.
[3] – بۇخارى، جۇمۇئە 16.
[4] – بۇخارى، جۇمۇئە 17.
[5] – مۇسلىم، جۇمۇئە 32.
[6] – مۇسلىم، جۇمۇئە 32.