ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام قېرىندىشىم! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغانلارنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس، ھەتتا ئوقۇسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەت دېگەن ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلىش ئەمەس، بۇيرۇققا بويسۇنۇشتۇر. اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى بىزنى قاچان قەيەردە قانداق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، شۇ ئىشنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىشىمىز ئىبادەت بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىر نەرسىنىڭ اللەنىڭ ھۇزۇرىدا ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى ئۇ نەرسىنى ئىبادەت دەپ كۆرسەتكەن بولۇشى، پەقەتلا اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئادا قىلىنىشى شەرت.
بۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى، باشقا كۈنلەردە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان اللە جۈمە كۈنىمۇ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان. لېكىن جۈمە كۈنىدىكى بەش ۋاخ نامازنىڭ بىرى جۈمە نامىزى بولۇپ پېشىن نامىزىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە پېشىن نامىزىنىمۇ ئوقۇشقا توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا جۈمە كۈنى ئالتە ۋاخ ناماز پەرز قىلىنغان بولىدۇ.
جۈمەدىن كېيىن پېشىن نامىزىنىمۇ ئوقۇش پەرز دېگۈچىلەردىن سورايمىزكى: ناماز قانچە ۋاخ؟ ئەگەر پېشىننىمۇ ئوقۇساڭلار ئالتە ۋاخ بولۇپ قالمامدۇ؟ ئەگەر جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇش پەرز بولسا، نېمە ئۈچۈن جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئەۋزەلغۇ؟ ئىمام مېھرابتا، مۇئەززىن ئارقىسىدا، جامائەت تەييار ۋە ھەممىڭلار جامەنىڭ ئىچىدە، ئەگەر مۇددىيايىڭلار توغرا بولىدىغان بولسا، نېمىشقا پېشىن نامىزىنىمۇ جۈمەنى ئوقۇغاندەك جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ نېمىشقا كۈندە جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان پېشىن نامىزىنى جۈمە كۈنى ئايرىم- ئايرىم ئوقۇيسىلەر؟
مەن ئۇنداقلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باققان. ئاخىرى ھەممىسى توغرىنى قوبۇل قىلغان ۋە اللە غا شۈكۈر، ماڭا رەھمەت ئېيتىشقان. ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن سوئال– جاۋابلارنىڭ خۇلاسىسىنى سىزگە دەپ بېرەي:
– ئوقۇغىنىڭلار قانداق ناماز؟
– پېشىن!
– بۇنى نېمىشقا ئوقۇيسىلەر؟
– ناماز بەش ۋاخ ئەمەسمۇ؟
– بەش ۋاخلىقى بەش ۋاخ، لېكىن جۈمە نامىزى بىلەن بەش ۋاخ. – شۇنداقلىقى شۇنداق، لېكىن بىز بۇنى ئەگەر جۈمە نامىزى مەقبۇل بولماي قالسا، بۇ ناماز مەقبۇل بولار دەپ ئوقۇيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامازنى پېشىن دېمەي ئېھتىياتى پېشىن دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
– ئۇنداق بولسا، بۇنداق ئىشىنى يەنى ئېھتىياتى ناماز ئوقۇشنى باشقا نامازلاردىن كېيىنمۇ قىلامسىلەر؟ مەسىلەن: سىلەردە ئېھتىياتى نامازدىگەر، ئېھتىياتى نامازشام، ئېھتىياتى خۇپتەن… دەيدىغان نامازلار بارمۇ؟
– ياق. – نېمىشقا يوق؟ ئەگەر ئو نامازلارمۇ مەقبۇل بولمىسىچۇ؟
– قارىم! بىز راست گەپنى قىلساق، بۇ ئىشلاردا ئاتا- بوۋىلىرىمىزغا ئەگىشىمىز. يەنە كېلىپ تېخى ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ!
– ھە مۇنداق دەڭلار، مۆھتەرەم قېىرنداشلىرىم! سىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلاشقان ئاتا – بوۋاڭلارغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرگە ئەگەشسەڭلار بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ دەۋاتىسىلەر، پەرز قىلىنمىغان نامازنى پەرز دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئوقۇش ئەلۋەتتە گۇناھ، سىلەردىن بىر نەرسە سوراي:
ئىخلاس سۈرىسى ئەڭ پەزىلەتلىك سۈرىلەردىن بىرى شۇنداققۇ! بۇنىڭدا ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى يوق، ئىخلاس سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇش بىلەن تەڭ دېگەن مەزمۇندا ھەدىسلەر بار، ئىنساننىڭ سەجدىدىكى ھالىتى اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان ھالىتى دەپمۇ ھەدىسلەر بار، اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان چاغدا يەنى سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەلئەئلانىڭ ئورنىغا ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە بولغان ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇساڭلار بولمامدۇ؟
– ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇنداق قىلماپتىكەن…
– سىلەرنىڭ دەلىلىڭلار ئاتا- بوۋاڭلارنىڭ سۆز– ھەرىكىتىما؟
– ھە… ئە… شۇنداق بولاپ قېپتۇ.
– اللەدىن قورقمامسىلەر؟ سىلەر ئۈچۈن اللە تەئالانىڭ ئايەتلىرىنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقما؟
– ھە چۈشەندۇق، ئەگەر ئۆزلىرى بىلەن بۇ مۇنازىرىنى قىلىشمىغان بولساق، ھالىمىز نېمە بولار ئىدى! سىلىدىن اللە رازى بولسۇن قارىم. اللەنىڭ كىتابى پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرى قولىمىزدا تۇرۇقلۇق يولدىن ئادىشىپتىكەنمىزيا! قىيامەت كۈنى بىزدىن اللە ھېساب ئالىدىغان تۇرسا، بىز نېمىچۈن اللەنىڭ ئايتىگە بويسۇنمايمىز؟ نېمىچۈن اللەنىڭ ئەلچىسىگە ئەگەشمەيمىز؟ يەنە كېلىپ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقىنى نەدىن بىلەيلى! قۇرئان كەرىمگە ۋە ھەدىس شەرىفلەرگە زىت كەلگەنلىكىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكى ئېنىق! اللەغا شۈكرى! توغرا يولنى ئەمدى تاپتۇق.
– اللە ھەممىمىزنى توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن.
قېرىندىشىم!
جۈمەدىن كېيىنكى سۈننەت توغرىسىدا سىز دېگەن ئىككى ھەدىس بار. بۇ ھەدىسلەرنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ئوقۇغان» دېگەن شەكىلدىكىسى، ھەدىس ئىلمىنىڭ ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئەڭ سەھىھ (توغرا) دۇر. ھەمدە بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى جۇمۇئە (جۈمە) سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىڭلار…» بۇ ئايەتتىكى نامازدىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ. «تارقىلىڭلار» سۆزىنىڭ ئەرەبچىسىنىڭ بېشىدا «ف» ھەرپى بار، بۇ ھەرپنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى دەرھال دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەت، ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سالات» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام ۋە تارقىلىڭلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىنتەشىرۇ كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ «جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار…» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تېخىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن جۈمەدىن قايتىپ ئۆيدە، ياكى ئىش خانىدا ياكى ھەر قانداق بىر يەردە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ئىشنىڭ ئەڭ توغرىسى. جۈمە ئوقۇلغان يەردە تۆت رەكئەت ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن ھېچ سۈننەت ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۈننەت دېگەن ئىسمى بۇنى ئوقۇسىڭىز ساۋاب، ئوقۇمىسىڭىز گۇناھ ئەمەس دېگەن بولىدۇ.
بىزدە جاھىللىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئۈچۈن ھارام بىلەن كارىمىز يوق مەكرۇھقا ئېسىلىۋالىدىغان، پەرز بىلەن كارىمىز يوق سۈننەتكە ئېسىلىۋالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاش مەسچىتكە كىرگەنلەرنى قوغلىۋېتىغان ئىشلار بار. اللە ھەممىمىزگە ئەقىل ۋە ئىلىم ئاتا قىلسۇن.
قېرىندىشىم! ھازىرقى ئسلام ئالىملىرى قانداق ھۆكۇم چىقارسا چىقارسۇن بىزگە اللەنىڭ ۋە ئەلچىسىنىڭ ھۆكمى كۇپايە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز جۈمە سۈرىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنى ۋە ئۇ ھەدىسلەرنى ئۇبدان مۇلاھىزە قىلسىڭىز بۇ ھەقتە ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز. اللە سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە ئاتا- ئانىڭىزغا دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلسۇن.