قۇرئان يولى
جامائەت رەسۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر 1

جامائەت رەسۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر

5§. جامائەت

جامائەت بولۇپ ناماز ئۆتەش ئاللاھنىڭ ئەمرى، رەسۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر. بىر كىشىنىڭ نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئۆتىشى ئۇنىڭ تەقۋادارلىقىنىڭ ئالامىتى، نەپسى خاھىشىغا بويۇن ئەگمىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

شۇنىڭدەك، نامازنى جامائەت بىلەن ئۆتەش بەدەننىڭ راھىتىنى روھنىڭ ئارامىغا قۇربان قىلغانلىقنىڭ نامايەندىسى، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇغانلىققا ۋەدە قىلىنغان ساۋابقا ئىشەنگەنلىكنىڭ ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.  

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلماننىڭ جامائەتكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، جامائەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى مۇھىم، نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئۆتىشى كېرەك.

1.     جامائەتنىڭ زۆرۈرلىكى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»قا ئەمر قىلغان[1]. ئىقامە – ئۆرە تۇرماق مەنىسىدىكى ئۆتۈمسىز مەسدەر بولغان «قىيام»دىن تۈرلەنگەن ئۆتۈملۈك مەسدەر بولۇپ، مەنىسى ئۆرە تۇرغۇزماق دېگەن بولىدۇ. نامازنى ئۆرە تۇرغۇزماق، نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، شەرتلىرىگە ۋە شەكىللىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا، تەلەپكە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام سەپلەرنى تۈزلەشنى نامازنى ئىقامە قىلغانلىقنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىغان. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:

ئەنەس ئبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى سەپلەرنى تۈز قىلىش ‹نامازنى ئىقامە قىلىش›تىن ھېسابلىنىدۇ»[2].

 جامائەتنىڭ نامازدا قاتار، رەتلىك ۋە تۈز تۇرۇشىنىڭ «نامازنى ئىقامە قىلىش»تىن ھېسابلىنىشى نامازنى جامائەت بىلەن ئۆتەشنىڭ ئاللاھنىڭ بىر ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى يالغۇز ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى سەپنى تۈز قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ. بەش ۋاخ نامىزىنى جامائەتكە قېتىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەپلەرنى تۈز قىلىشقا چۈشۈرگەن بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرگەن ھالەتتە ئوقۇغان كىشى ئاللاھنىڭ «نامازنى ئىقامە قىل» دېگەن ئەمرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلاردىن بىرىنى ئىجرا قىلغان بولىدۇ.

2.     جامائەتنىڭ ئەھمىيىتى

ئىبنى  ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابى يالغۇز ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابىدىن 27 ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ»[3].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«بىر كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ياكى بازىرىدىكى (دۇكىنى، ئىش يېرى) ئوقۇغان نامىزىدىن 25 ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ. سەۋەبى شۇكى، ئۇ كىشى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، ئاندىن مەسچىتكە پەقەت ناماز ئۆتەش ئۈچۈنلا كەلسە، مەسچىتكە كەلگۈچە ئۇنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرىجىسى بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ ۋە بىر خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ. ئۇ ناماز ئوقۇپ بولۇپ تاھارىتى سۇنماستىن مەسچىتتە ئولتۇرسىلا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا رەھمەت ياغدۇرغىن، مەرھەمەت قىلغىن› دەيدۇ. بىرىڭلار نامازنى كۈتۈپ تۇرغان مۇددەتتە ناماز ئىچىدە ھېسابلىنىدۇ»[4].

«مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن بىلەن بامداتتۇر. ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، بۇ نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئۆتەشكە ئۆمىلەپ بولسىمۇ كەلگەن بولاتتى. جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئوتۇنغا بۇيرۇسام، ئوتۇن ئېلىپ كېلىنسە، ئاندىن ناماز ئۆتەشكە بۇيرۇسام، ئەزان ئېيتىلسا، ئاندىن بىر كىشىنى بۇيرۇسام ئىمام بولسا، ئاندىن ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى قالدۇرۇپ، نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭكىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىسام دەيمەن»[5].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىر ئەما كىشى كېلىپ: يارەسۇلەللاھ! مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئادەم يوق دەپ رەسۇلۇللاھتىن نامازنى ئۆيىدە ئۆتەشكە رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى. ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، رەسۇلۇللاھ چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلامسەن؟» دېدى. ئۇ كىشى: ھەئە دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق بولسا نامازغا كەلگىن» دېدى[6].

ئەبۇ دەردائـ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مەيلى ئاۋات جاي بولسۇن ياكى ئاھالىسى شالاڭ جاي بولسۇن، ئۈچ نەپەر مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلار جامائەت بولماي ناماز ئوقۇيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جامائەت بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار، چۈنكى پادىدىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەپ كېتىدۇ»[7].

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، گويا كېچىنىڭ يېرىمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەندەك بولىدۇ. كىمكى بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، گويا كېچىچە ناماز ئوقۇغاندەك بولىدۇ»[8].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 61 – 64.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 43 -، 83 – ۋە 110 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 77 – ۋە 103 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 72 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 29 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 87 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 78 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 78 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 56 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 45 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 31 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 13 – ئايەت؛  73 – سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت.

[2]  بۇخارى، «ئەزان»، 74.

[3] بۇخارى، «ئەزان»، 30؛  مۇسلىم، «سالات»، 249.

[4] بۇخارى، «ئەزان»، 30، «جۇمە»، 2؛مۇسلىم، «سالات»، 247؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 49؛ تىرمىزى،  «سالات»، 47؛ ئىبنى ماجە، «مەساجىد»، 16.

[5] بۇخارى، «ئەزان»، 29، «خۇسۇمات»، 5، «ئەھكام»، 52؛ مۇسلىم، «مەساجىد»، 252؛ مۇۋەتتا، «سالاتۇل جۇمۇئە»، 3؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 47؛ تىرمىزى، «سالات»، 48؛ نەسەئى، «ئىمامەت»، 49.

[6] مۇسلىم، «مەساجىد»، 255؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 47؛ نەسەئى،  «ئىمامەت»، 50.

[7]  ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 47.

[8] مۇسلىم، «مەساجىد»، 260؛ مۇۋەتتا، «سالاتۇلجەمائە»، 7؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 48؛ تىرمىزى،  «سالات»، 51.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر