جاۋاب:
جازانىخورنىڭ تامىقىغا ھارام ئارىلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئەگەر تاماقنىڭ ئۆزى شەرىئەتتە يەپ – ئىچىش ھارام قىلىنغان (چوشقا گۆشى ۋە ھاراققا ئوخشاش…) نەرسىلەر بولمىسا ياكى ئۇنداق نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالمىغانلا بولسا باشقىلار بۇ تاماقتىن يېسە بولىدۇ. چۈنكى ئەسلىدە ھالال نەرسىلەر، ھارام يول ئارقىلىق قولغا كەلگەن بولسا، بۇنىڭ جاۋاپكارلىقى ئۇنى قولغان كەلتۈرگەن كىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇنداق كىشىنىڭ تەۋبە قىلىشى لازىم.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە مۇنداق بىر ھادىسە بايان قىلىنىدۇ:
بەرىرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) غا سەدىقە قىلىنغان گۆشتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ گۆشنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا: «ئۇ بەرىرە ئۈچۈن سەدىقە، بىز ئۈچۈن ھەدىيەدۇر» دېگەن ئىدى. (بۇخارى، زەكات 62، ھىبە 5؛ مۇسلىم زەكات 170؛ ئەبۇداۋۇد، زەكات 30).
ھالبۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەدىقە يىيىش ھارام قىلىنغان. بۇنى ھەر بىر مۇسۇلمان بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق دېيىشى سەدىقىنىڭ، ئۇنى ئالغان كىشىنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەنلا سەدىقىلىكتىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دىنىمىزدا مۇنداق بىر قائىدە بار: «ھېچبىر كىشى باشقا ھېچبىر كىشىنىڭ گۇناھىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ» – (ئەنئام سۈرىسىنىڭ 164 – ئايەت، ئىسرا سۈرىسى 15 – ئايەت، فاتىر سۈرىسى 18 – ئايەت، زۇمەر سۈرىسى 7 – ئايەت، نەجم سۈرىسى 38 – ئايەت قاتارلىق ئايەتلەرگە قاراڭ).
بۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر جازانىخور مېھمانلىرىنىڭ ئالدىغا جازانە ئارىلىشىپ قالغان يېمەك – ئىچمەك قويغان بولسا، مېھمانلار جازانىخورنىڭ گۇناھىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ.