ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بۇرادەر! ئەسلىدە بۇ سوئالىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتەتتىم، لېكىن سەمىمىيىتىڭىزگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن تەستىقلىدىم ۋە قىسقىچە جاۋاب بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. شۇنداقتىمۇ جاۋبىم بىرئاز قاتتىقراق بولىدۇ، خاپا بولمىغايسىز.
جاۋاب:
مەن تەسبىھ نامىزى ئوقۇشنى بىدئەت دېگەن بولسام، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە نېمىشقا بىدئەت دېگەنلىكىمنىمۇ بايان قىلغان ئىدىم. سىزنىڭ بۇقەدەر «بىئارام» بولۇپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئەگەر ئۇ بىدئەت نامازنى ئوقۇغىڭىز كەلسە، ئوقۇۋەرسىڭىز سىزنى ھېچكىم تۇتۇۋالمايتتى!
مەقسەتكە كەلسەك، مېنىڭ: «تەسبىھ نامىزىنى بىدئەت!» دېگەن سۆزۈم، يۇقىرىدا سىز يوللىغان زەئىپ (ئاجىز، دەلىل بولالىغۇدەك كۈچتە بولمىغان)، بەلكىدە ئويدۇرما (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چاپلانغان بوھتان) ھەدىسنى بىلمىگەنلىكىمدىن ياكى كۆرمىگەنلىكىمدىن ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئەمەس!
ئۇ «ھەدىس» بىرىنچىدىن سەنەد (ھەدىس رىۋايەت قىلىشتىكى ئاساس) ئېتىبارى بىلەن زەئىپتۇر، ھەتتا ئويدۇرمىدۇر، ئىككىنچىدىن مەزمۇن جەھەتتە قۇرئان كەرىمگە ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپتۇر.
بۇلارنىڭ بىرىنچىسىنى بىلىش ئۈچۈن ھەدىس ئىلمى ئۇسۇلى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارسىڭىز ياكى ھەدىس ئىلمى مۇتەخەسسىلىرىنىڭ ئۇ «ھەدىس» ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنچىسىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمگە ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە قارىسىڭىز بولىدۇ. قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ ھەدىسلەردە ئىنساننىڭ ھاياتى بويىچە ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇپ قويۇش بىلەن «ھەل» بولمايدىغانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنىڭدەك، بىر كىشى ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇپ قويسا، «گۇناھى باياۋاندىكى قۇمنىڭ سانىچىلىك بولسىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ» غانلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ كۆرىسىز!
ئەگەر مەلۇم شەكىلدە تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇپ قويۇش بىلەن پۈتكۈل گۇناھلار مەغپىرەت بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولىدىغان بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتكۈل ئەمر – پەرمانلىرىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى قالىدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭچۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە «سۇبھانەللاھى ۋەلھەمدۇلىللاھى ۋەلا ئىلاھەئىللەللاھو ۋەللاھۇ ئەكبەر» قاتارلىق تەسبىھ، ھەمد، تەھلىل ۋە تەكبىرلەر، ئايەتنىڭ ئىشارىتى ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ دالالىتى بىلەن نامازنىڭ تېشىدا ئوقۇلىدۇ. تەسبىھ نامىزى دەپ ئاتىلىدىغان نامازدا بۇلارنىڭ نامازنىڭ ئىچىدە ئوقۇلۇشىمۇ ئۇنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە يەتمەمدۇ؟
يەنە بىر گەپ ناماز دېگەن ئاللاھ تەئالاغا تەزىم قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. «نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇش» تىكى«خۇشۇئ» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. تۆت رەكئەتلىك تەسبىھ نامىزىنىڭ مەلۇم يەرلىرىدە مەلۇم مىقداردا ئوقۇپ، ھەر رەكئەتتە 75 قېتىمدىن جەمى 300 قېتىم تەسبىھ ئوقۇغان بىر كىشى تەسبىھ سانامدۇ؟ ياكى ئاللاھغا تەزىم قىلامدۇ؟ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلامدۇ؟
ئەگەر ئېلىشىپ كېتىپ تەسبىھنى 301 قېتىم دەپ سالسا قانداق بولىدۇ؟ 299 قېتىم دەپ سالسىچۇ؟ ساننى ئېنىق تۇتۇش ئۈچۈن ھېساب ماشىنىسىدەك بىر نەرسە تۇتۇپ ئوقۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى يېنىدا باشقا بىر كىشى تۇرۇپ تسبىھلەرنى ساناپ بېرەمدۇ؟
قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن ناماز ئۆلچىمىگە خىلاپ كېلىدىغان «تەسبىھ نامىزى» دىن ئىبارەت بىدئەتنىڭ «ئادۋۇكات» لىرىنىڭ بۇ سوئاللارغا بىر ـ بىرلەپ جاۋاب بېرىشلىرى كېرەك!
ھېچكىمنىڭ يالغا ـ ياۋىداق ھېكايىلەر بىلەن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئالداش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر!!!
ئەسكەرتىش: تەسبىھ نامىزى، يەھۇدىي ھاخاملىرىنىڭ ياكى خرىستىئان پوپلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى بىخۇدلاشتۇرۇپ قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ ھەدىستىكى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ (مۇسۇلمان) لارغا «ھەدىيە» قىلغان مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.