ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
«تەئدىلۇلئەركان» نىڭ مەنىسى: نامازنىڭ ئەركانلىرىنى (ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنى) تولۇق ئادا قىلىش، مۇكەممەل ئورۇنداش ۋە تەلەپكە لايىق ئېلىپ بېرىش دېگەن بولىدۇ. تەئدىلى ئەركانسىز ئوقۇلغان ناماز، ناماز ھېسابلانمايدۇ. نامازنىڭ ئەركانى تۆۋەندىكىدەك ئادا قىلىنسا، نامازدا تەئدىلى ئەركانغا رىئايە قىلىنغان بولىدۇ:
1 – نىيەت، يەنى ئوقۇماقچى بولغان نامازنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ نامازغا باشلاش ۋە نامازدىن سالام بەرگۈچە ئۆزىنىڭ نامازدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.
2 – تەكبىر تەھرىمە، يەنى نامازغا «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ شۇرۇ قىلىش (باشلاش).
3 – قىيام، يەنى نامازغا شۇرۇ قىلغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرۇش. بۇ ئۆرە تۇرۇش ئادەتتىكى ئۆرە تۇرۇشلارغا ئوخشىمايدۇ. بۇنى تەلەپكە لايىق ئورۇنداش.
4 – قىرائەت، يەنى فاتىھە سۈرىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىرەر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت ئوقۇش. بۇنى ئۆلچەملىك ئوقۇش لازىم.
5 – رۇكۇئ، يەنى نامازدا ئۆرە تۇرۇپ قىرائەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئېگىلىش. بۇ ئىش، ئىككى قولى بىلەن ئىككى تىزىنى تۇتۇپ تايىنىش، كاللىسىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ تۈز تۇتۇش، بىلىنى يېيىپ تۇز تۇتۇش، بۇ ئەسنادا ئېغىرلىقىنى ئىككى قولىغا سېلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ. رۇكۇئدا «سۇبھانە رەببىيەلئەزىيم (ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم پاكتۇر)» ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ.
6 – رۇكۇئدا ئارام ئېلىش، يەنى ۋۇجۇد يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئېگىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېگىلگەن ھالەتتە تىنچلىنىشى ۋە بۇ تىنچلىنىشنىڭ «سۇبھانە رەببىيەلئەزىيم» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ بولغۇچە يەنى رۇكۇدىن باش كۆتۈرگۈچە داۋام قىلىشى.
7 – رۇكۇئدىن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن تىك ۋە تۈز تۇرۇش.
8 – رۇكۇئدىن باش كۆتۈرگەندىن كېيىنكى تىك ۋە تۈز تۇرۇشتا ئارام ئېلىش، يەنى بۇ تۇرۇشتا «رەببەنا لەكەلھەمدۇ» نى ئوقۇپ بولغۇچە ۋۇجۇدنى تىنچلاندۇرۇش.
9 – سەجدە قىلىش، يەنى رۇكۇئدىن باش كۆتۈرۈپ تىك ۋە تۈز تۇرۇپ «رەببەنا لەكەلھەمدۇ» نى ئوقۇپ بولغۇچە ۋۇجۇدنى تىنچلاندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ يەرگە يېقىلىپ ئىككى تىز، ئىككى قول، پېشانە، بۇرۇن ۋە ئىككى پۇتنىڭ ئەتراپىنى يەرگە تەككۈزگەن ھالەتتە دۈم يېتىش ۋە «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا (ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىم پاكتۇر)» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇش.
10 – سەجدىدە ئارام ئېلىش، يەنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە سەجدىگە باش قويغاندىن كېيىن، ئۇ شەكىلدە تۇرۇپ «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ بولغۇچە ۋۇجۇدنى تىنىچلاندۇرۇش.
11 – بىرىنچى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈپ ئىككىنچى سەجدىگە بارغۇچە رۇس ۋە تۈز ئولتۇرۇش.
12- ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارام ئېلىش، يەنى ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشتا بىر تەسبىھ مىقدارى (يەنى بىر قېتىم «سۇبھانەللاھ» دېگەن مىقداردا) ئولتۇرۇپ ۋۇجۇدنى تىنىچلاندۇرۇش.
13 – ئىككىنچى سەجدىنىمۇ بىرىنچى سەجدىگە ئوخشاش تولۇق ۋە مۇكەممەل قىلىش، بۇ سەجدىدىمۇ ئارام ئېلىش.
14 – ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرۇش، يەنى ئىككى ئالقاننى (قوللارنىڭ ئۇچ تەرەپلىرى ئىككى تىزنىڭ ئۈستىگە، قالغان قىسمىنى) ئىككى يوتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۈز ئولتۇرۇش ۋە ئەتتەھىياتۇ ئوقۇش.
15 – ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا ئەتتەھىيياتۇدىن باشقا دۇرۇد ئوقۇش.
16 – دۇرۇدنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش.
تۆۋەندىكى ھەدىس تەئدىلى ئەركانسىز ئوقۇلغان نامازنىڭ ناماز ھېسابلانمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
رىفائە ئىبنى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەسچىتتە ئىدۇق. بەدەۋىگە ئوخشايدىغان بىر كىشى كەلدى ۋە يەڭگىلغىنا بىر ناماز ئوقۇپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ سالامىنى ئىلىك ئالدى ۋە: «قايتىپ ناماز ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ» دېدى
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ناماز ئوقۇدى ۋە كېلىپ قايتا سالام قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ سالىمىنى يەنە ئىلىك ئالدى ۋە: «قايتىپ ناماز ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ» دېدى
ئۇ كىشى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم بۇ ئىشنى تەكرارلىدى؛ ئۇ كىشى ھەر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ: «قايتىپ ناماز ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ» دېدى
شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئەندىشە قىلدى، نامىزىنى يەڭگىل ئوقۇغان ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇمىغان بولۇشى ئۇلارغا ئېغىر كەلدى.
ھېلىقى ئادەم ئاخىرقى قېتىمدا: «ماڭا كۆرسەتكىن ۋە ئۆگەتكىن. چۈنكى مەن ئىنسان، توغرا قىلىشىممۇ مۇمكىن، خاتا قىلىشىممۇ مۇمكىن» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماقۇل دېدى ۋە ئۇ كىشىگە مۇنداق تەلىم بەردى:
«ناماز قىلىدىغان چېغىڭدا ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئەزان – تەكبىر ئوقۇغىن (ياكى تاھارەتتىن كېيىن كەلىمە شاھادەت ئوقۇغىن ئاندىن نامىزىڭنى باشلىغىن).
ئاندىن ئەگەر قۇرئاندىن بىر نەرسە بىلسەڭ، ئۇنى ئوقۇغىن؛ ئەگەر بىلمىسەڭ، «ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگىن. ئاندىن رۇكۇ قىلغىن ۋە رۇكۇدا ئارام ئالغىن. ئاندىن رۇكۇدن بېشىڭنى كۆتۈرگىن ۋە تىك تۇرغىن. ئاندىن سەجدە قىلغىن ۋە سەجدىدە ئارام ئالغىن. ئاندىن سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرگىن ۋە تۈز ئولتۇرۇپ ئارام ئالغىن.
ئاندىن ئورنۇڭدىن تۇرغىن ۋە نامازنىڭ پۈتۈن رەكئەتلىرىنى بۇ شەكىلدە ئوقۇغىن. مۇشۇنداق قىلساڭ، نامىزىڭ تولۇق بولىدۇ. بۇلاردىن قانداقلا بىرىنى كەم قىلساڭ، نامىزىڭ كەم بولىدۇ» ـ بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە دارىمى ئۆزلىرىنىڭ سۈنەن ناملىق كىتابلىرىنىڭ كىتابۇسسالات بۆلۈمىدە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىس بۇخارى، مۇسلىملەردىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
مەن (ئەبۇلفاتىھ) بىر ئۇستازىمدىن: «كىشى ھۈنەرنى بىلگەنسېرى تىزلىشىدۇ، نامازنى بىلگەنسېرى ئاستىلىشىدۇ» دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلايتتىم. ئۇستازىم بۇ سۆزنى يۇقارقى ھەدىستىن ئالغان بولسا كېرەك.