تۇمار ئېسىش
قۇرئان – ھەدىستىكى ئىسلامدىن يىراقلىشىپ، بىدئەت، خۇراپات ۋە شېرىكلەرنىڭ ئىچىدە ئۈزۈۋاتقانلىقىنى «مۇسۇلمانلىق» دەپ چۈشىنىپ قالغان نادانلار، كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ ياكى بالايى ـ ئاپەتلەردىن ساقلايدۇ ۋە ياكى جىن ـ ئالۋاستىلارنىڭ زىيانكەشلىكى، كۆز تېگىش ۋە ھەسەت قاتارلىق يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن بويۇنلىرىغا تۇمار، كۆز مونچىقى ۋە شۇلارغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى ئېسىۋالىدۇ، بالىلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويىدۇ.
بۇلارنىڭ بۇ باتىل ئېتىقادىدىن پايدىلىنىۋاتقان ئىنسانىي شەيتانلار، بۇ ھەقتە ھېكايە – چۆچەكلەرنى توقۇپ ئۇ ئىشلارنىڭ تىجارىتىنى قىلىپ جان بېقىپ كەلمەكتە. نەتىجىدە ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلاشقان ئۇ ئىنسانلار بۇ شەيتانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ھەم دۇنيالىق، ھەم ئاخىرەتلىك زىيانلارغا ئۇچرىماقتا.
بۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمىگە كەلسەك،
بۇ، شېرىك ئىش بولۇپ، تەۋھىدكە خىلاپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يَمۡسَسۡكَ بِخَيۡرٖ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ١٧﴾
«ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[1].
﴿وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يُرِدۡكَ بِخَيۡرٖ فَلَا رَآدَّ لِفَضۡلِهِۦۚ يُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ ١٠٧﴾
«ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ پەزلىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئاللاھ ياخشىلىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[2].
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، پايدا – زىيان ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بىزگە پايدا يەتكۈزۈش، بىزنى زىياندىن ساقلاش پەقەتلا ئاللاھ قىلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ئىشىغا ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يېنىغا كەلگەن بىر توپ كىشىنىڭ توققۇزىدىن بەيئەت قوبۇل قىلىپ، بىرىدىن بەيئەت قوبۇل قىلمىدى. ئۇلار: يارەسۇلەللاھ! توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدىڭىز، بۇنى تەرك ئەتتىڭىز؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: «چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا تۇمار بار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى تۇمارنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە: «كىم تۇمار ئاسىدىكەن شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېدى[3].
ئۇقبە ئىبنى ئامىرنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە «كىمكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى تاماملىمىسۇن!» دېدى[4].
ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ قولىدا ھالقا كۆرۈپ ئاچچىقلاپ ئۇنىڭدىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: «ئاجىزلىقتىن ساقلايدىغان نەرسە» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «بۇ نەرسىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئاجىزلاشتۇرۇشتىن باشقا پايدىسى يوق، ئۇنى چۆرىۋەتكىن! چۈنكى سەن ئۇنى ئاسقان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسەڭ، مەڭگۈ نىجاتلىق تاپالمايسەن»[5].
[1] 6 – سۈرە ئەنئام، 17 – ئايەت.
[2] 10 – سۈرە يۇنۇس، 107 – ئايەت.
[3] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل . مۇسنەد، 28: 637.
[4] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل . مۇسنەد، 28: 623.
[5] ئىبنى ماجە، «تىب»، 39.