قۇرئان يولى
توي ۋە مۇئمىنلەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى 1

توي ۋە مۇئمىنلەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى

توي

بىر جۈپ ئەر – ئايالنىڭ نىكاھلىنىپ ئائىلە قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى

مۇقەددىمە

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى جۈپ ياراتقان[①]، جۈملىدىن ئىنساننىمۇ جۈپ ياراتقان؛ دەسلەپتە بىر جۈپ ئەر – ئايال ئىنساننى يارىتىپ، ئاندىن ئۇ بىر جۈپ ئەر – ئايالدىن باشقا ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى كۆپەيتىپ يەر يۈزىگە تارقاتقان[②]. ئەر – ئاياللارنىڭ ئۆز ئىپپەتلىرىنى ساقلىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئۆز ھۆرمىتىگە لايىق رەۋىشتە داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نىكاھلىنىشنى يولغا قويغان، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق ۋە قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى باشقا جانلىقلار جەمئىيىتىدىن پەرقلىق قىلىپ شەكىللەندۈرگەن[③]. نىكاھ توغرىسىدا بارلىق مۇئمىنلارغا ۋەزىپە تاپشۇرغان. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتىكى ئايەتلەرنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلىنى سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسەتكەن ۋە ئۆگەتكەن.

1 – ئىسلامدا توي

نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت مۇنداق:

(أستعيذ بالله…)

﴿وَأَنكِحُواْ ٱلۡأَيَٰمَىٰ مِنكُمۡ وَٱلصَّٰلِحِينَ مِنۡ عِبَادِكُمۡ وَإِمَآئِكُمۡۚ إِن يَكُونُواْ فُقَرَآءَ يُغۡنِهِمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ  ٣٢﴾ [ النّور: 32]

ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

ئى مۇئمىنلار! ئىچىڭلاردىكى بويتاقلارنى (تېخى توي قىلمىغان قىز – يىگىتلەرنى، يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر – ئاياللارنى)، قۇل ۋە چۆرىلىرىڭلاردىن ئەر – خوتۇنلۇق ھاياتنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلىقىنى بايقىغىنىڭلارنى نىكاھلاندۇرۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئىشلىرىغا باشتىن – ئاخىر قول تىقىپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار، چۈنكى جەمئىيەتتە پاھىشىنىڭ يېيىلىشىنىڭ ۋە كىشىلەرگە بەتنام چاپلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى بويتاقلىقتۇر. شۇڭلاشقا ئەتراپىڭلاردىكى بويتاقلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە جەمئىيەتتە سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەر بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئەگەر توي قىلماقچى بولغانلار پېقىر بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا توسالغۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى كەڭدۇر، ئاللاھ موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى بىلىدۇ[④].

«نىكاھلاندۇرۇڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى

بىر جۈپ قىز – يىگىتنىڭ نىكاھلىنىشى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت بىناسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرىنى قۇرۇش توختامىنى ئېلان قىلىشى دېگەنلىك بولۇپ بۇ، ئىككى تەرەپ ئەڭ باشتا تونۇشۇش، مەسلىھەتلىشىش، كېرەكلىك ئىشلارنى قارارلاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئەل – جامائەت يىغىلغان بىر مۇراسىمدا ئېلان قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇ جەريان جەمئىيەتتە سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەر، يۇرت ئاقساقاللىرى، ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن پۈتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاللاھ تائالا بۇ ئىشلارنى پۈتۈن مۇئمىنلارغا ۋەزىپە قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەتراپىدىكى بويتاقلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشى كېرەك؛ ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ باشتىكى تونۇشۇش باسقۇچىدىن باشلاپ تاكى توي مۇراسىمىگىچىلىك بولغان جەريانىغا بىۋاسىتە قول تىقىشى، يول كۆرسىتىشى ۋە قاتنىشىشى لازىم. بۇ ئايەتتە، بويتاقلارغا «نىكاھلىنىڭلار» دېيىلمەستىن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇئمىنلارغا «ئۇلارنى نىكاھلاندۇرۇڭلار» دېيىلىشى ئەنە شۇ مەنىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا توينى ئەل – جامائەت يىغىلغان بىر سورۇندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قىلىش لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تويلارنىڭ شەكلىمۇ تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

1) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ، بىر ئايالنى ئەنسارلاردىن بىر كىشىگە ياتلىق قىلغان ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ (ئەلەيھىسسالام): «ئى ئائىشە! ئويۇنۇڭلار يوقمۇ؟ چۈنكى ئەنسارلار ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى[⑤].

2) مۇھەممەد ئىبىن ھاتىب ئەلجۇمەھى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ (ئەلەيھىسسالام): «نىكاھتا ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق داپ ۋە ئاۋازدۇر» دېگەن[⑥].

بۇ ھەدسىتىكى ئاۋاز ناخشا، غەزەل، شېئىر-قوشاق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

3) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە ئەنسارلاردىن بىر يېقىنىنىڭ قىزىنى ياتلىق قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ كېلىپ: «قىزنى يوللىدىڭلارمۇ؟» دېدى، ئۇلار: ھەئە دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە نەغمە قىلىدىغان كىشىمۇ ئەۋەتتىڭلارمۇ؟» دېدى، ئائىشە: «ياق» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەنسارلار، غەزەل ئېيتىش ئادىتى بولغان قەۋمدۇر. كاشكى ئۇلارغا: ‹تويۇڭلارغا بىز كەلدۇق، تويۇڭلارغا بىز كەلدۇق – بولسۇن بۇ توي بىزلەرگە ھەمدە سىزلەرگە قۇتلۇق› دەيدىغان بىرىنى ئەۋەتكەن بولساڭلار» دېدى[⑦].

4) مۇئەۋۋىزنىڭ قىزى رۇبەييىئـ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ تويۇم بولغان كۈنى ئەتىگەن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى، ئۇ ئەسنادا بىرقانچە قىزچاق داپ چېلىپ «بەدر»دە ئۆلتۈرۈلگەن ئاتىلىرى ھەققىدە مەرسىيە ئوقۇۋاتاتتى، تاكى بىر قىز: «ئارىمىزدا نەبىي بار، بىلىدۇ: ئەتە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ› دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق دېمىگىن، دەۋاتقىنىڭنى دېگىن» دېدى[⑧].

5) ئەمر ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر توي ئەسناسىدا قۇرەزە ئىبنى كەئب ۋە ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىي (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي)نىڭ يېنىغا كىردىم، بىرقانچە قىز ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، چىداپ تۇرالماي: «سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى ساھابىسى ۋە «بەدر ئەھلى»دىن تۇرۇقلۇق يېنىڭلاردا مۇشۇنداق ئىش قىلىنسا بولامدۇ؟» دەپ تاشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا: «خالىساڭ ئولتۇرۇپ بىز بىلەن ئاڭلىغىن، خالىساڭ كەتكىن، بىزگە تويدا ئويناشقا رۇخسەت بېرىلدى» دېدى[⑨].

2 – ئۇيغۇرلاردا توي

ئۇيغۇرلاردا توي – تۇرمۇش قۇرغانلار شەرىپىگە مېھمان چاقىرىپ، زىياپەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تەبرىكلەش مۇراسىمى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ[⑩] ۋە تۆۋەندىكى باسقۇچلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1 – تونۇشۇش

 ئىككى تەرەپ تونۇشۇپ توي قىلىش قارارىغا كەلگەن ۋە ئائىلىلەر ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن، يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئەلچى خالىس يول مېڭىپ، قىز تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن «چاي» ئاپىرىش ۋاقتىنى بېكىتىپ قايتىدۇ.

2 – چاي ئاپىرىش

 بۇ «كىچىك چاي»، «چوڭ چاي» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. «كىچىك چاي» – «ماقۇل چېيى»، «تەزىم چېيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

1) كىچىك چاي

يىگىتنىڭ ئانىسى، قىزغا ۋە قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئاتاپ بىر قۇردىن كىيىملىك رەخت ۋە باشقا نەرسىلەردىن بىر داستىخان تەييارلاپ، بىرقانچە ئايال ۋە ئوتتۇرىدا ماڭغان ئەلچىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىرى قىزنى يىگىتكە تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، قىز تەرەپ ئۆز رازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ: «رەھمەت، بارىكاللا» دېيىشىدۇ، ئاندىن قايتا ئولتۇرۇشۇپ ئىككى تەرەپ «چوڭ چاي»نىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ.

2) چوڭ چاي

ئىككى تەرەپتىن ئەر – ئايال بولۇپ ئەللىك – ئاتمىش كىشى قاتنىشىدۇ، يىگىت تەرەپ قىز ئۈچۈن، قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئۈچۈن كىيىملىك رەختلەر، بىرەر تىرىك مال، مەلۇم مىقداردا گۈرۈچ، ماي، نان، قەنت – گېزەك، چاي، تۇز ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ، سورۇندا قىز تەرەپنىڭ ئالدىدا ئېچىپ كۆرسىتىدۇ.

دىيارىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىدا «كىچىك چاي» – «بارىكاللا قىلىش»، «چاي ئىچۈرۈش» ۋە «گۈل قويۇش» دېگەندەك ئىسىملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ، «چوڭ چاي» بولسا، «سۆز سالدۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ جايلاردا بۇ ئىشلارنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

«بارىكاللا»غا مەسچىتنىڭ ئىمامى، بەزى يۇرت ئاقساقاللىرى،  ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان بەزى ئەر – ئاياللار قاتنىشىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئوغۇل تەرەپتىن بىرەيلەن: «بىزنىڭ پالانى ئوغلىمىز چوڭ بولۇپتۇ، ئۆزلىرىنىڭ پالانى قىزلىرى بويىغا يېتىپتۇ، شۇڭا بىزنىڭ ئوغۇلنى سىلە بالا قىلىۋالسىلا، سىلىنىڭ قىزنى بىز بالا قىلىۋالساق دېگەن ئۈمىدتە كەلدۇق يانلىرىغا…» دەپ قىز تەرەپتىن قىزنى تەلەپ قىلىدۇ، قىز تەرەپ قوبۇل قىلىدۇ، ئوغۇل تەرەپ «بارىكاللا» دەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ.

 «سۆز سالدۇرۇش»قا تېخىمۇ كۆپ كىشى قاتنىشىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ «كىچىك توي» ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇراسىمدىمۇ تاماق بېرىلىدۇ، قىز تەرەپنىڭ ئالدىدا تويلۇقنىڭ بىر مىقدارى قويۇلىدۇ، قىزىنڭ ئاتا – ئانىسىغا بىرەر قۇردىن رەخت، كىيىم – كېچەك ۋە باشقا ھەدىيىلەر قويۇلىدۇ.

3 – نىكاھ

توي كۈنى ئەتىگەن قىزنىڭ ئۆيىدە نىكاھ ئوقۇلىدۇ، نىكاھتا يىگىتنىڭ يېنىدا يىگىت قولداشلىرى، قىزنىڭ يېنىدا قىز قولداشلىرى بولىدۇ، قىزنىڭ ئائىلىسى ۋە بەزى قولۇم – قوشنىلارمۇ ھازىر بولىدۇ. نىكاھنى مەسجىدنىڭ ئىمامى ياكى شۇ يەردىكى بىرەر ئەھلى ئىلىم ئوقۇيدۇ.

4 – توي مۇراسىمى

بەزى جايلاردا ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ مېھمانلىرىنى ئۆزى ئۇزىتىپ كەچتە يىگىت ئۆزىنىڭ قولداشلىرى ۋە بىرقانچە يېقىنى بىلەن كېلىپ قىزنى كۆچۈرۈپ كېتىدۇ. بۇ تەقدىردە ھەر  تەرەپنىڭ چاقىرغان يېرىگە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، يېقىن – يورۇقلىرى، ھەتتا باشقا جايلاردىكى يېقىنلىرى دەۋەت  بىلەن كېلىدۇ، ئەتىگەن كەچكىچە مېھمان ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ ۋە كەلگەنلەر كۈتۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھەدىيلىرىنى بېرىپ تارقىلىدۇ. بەزى رايۇنلاردا ئوغۇل تەرەپ مېھمانلىرىنى ئېلىپ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، ئۇلار قىز تەرەپتىن ئالدىن تەييارلانغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ بۇ سورۇندا ئىككى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى جەم بولىدۇ، ئاندىن داستىخان سېلىنىدۇ ۋە توي ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس تاماق تارقىتىلىدۇ.

5 – قىز كۆچۈرۈش

توي مۇراسىمى قايسى شەكىلدە ئۆتكۈزۈلسە ئۆتكۈزۈلسۇن ئاخىرىدا يىگىت ئۆزىنىڭ قولداشلىرى بىلەن قىزنى ئېلىپ قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ، قىز پۈركەنگەن ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ ئاتا – ئانىسى بىلەن خوشلىشىدۇ، ئاتا – ئانىسى قىبلە تەرەپكە قاراپ قىزى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ ۋە ئۇزىتىپ قويىدۇ.

بەزى يەرلەردە قىزنىڭ ئاكىلىرى قىزنى چوڭ بىر جاينازنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزلىرى جاينامازنىڭ چۆرىسىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىدۇ.

5 – تويدا سەنئەت پائالىيىتى

1) توي بولغان ئۆيلەرنىڭ ياكى زاللارنىڭ ئۆگزىلىرىدە ناغرا – سۇناي چېلىنىدۇ،  ئۆزىنى تۇتالمىغان شوخ بالىلار ۋە بەزى «قېرى يىگىت»لەر ئويناپ تاشلايدۇ، بۇنى ھېچكىم ئەيىبلىمەيدۇ.

2) توي كۈنى قىز ۋە يىگىتنىڭ ھەربىرى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە دوست – يارەنلىرى بىلەن ناخشا ئېيتىش، شېئىر – قوشاق، غەزەل… ئوقۇش دېگەندەك ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىدۇ.

 مانا بۇلار ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەندىن كېيىن شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ تويدىكى شەكلىدۇر[11].

توينىڭ بۇ شەكلى ھېچبىر ئايەتكە ياكى ھېچبىر ھەدىسكە خىلاپ كەلمىگەنلىكى، ئەكسىچە بۇنى تەكىتلەيدىغان ئايەت-ھەدىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ زامانلاردىكى ئۆلىمالارنىڭ ھېچبىرى بۇ ھەقتە سەلبىي پىكىر بايان قىلمىغان ئىكەن.

3 – شەكلى ئۆزگەرتىلگەن توي

دىيارىمىزدا يېقىنقى يىللاردا (2000 – يىللاردىن كېيىن) قارىماققا ئىسلامنىڭ ئومۇملىشىشى، تەقۋالىقنىڭ يېيىلىشى ۋە ئىماننىڭ كۈچىيىشىدەك كۆرۈنىدىغان كۆپ ئىشلار پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى بىر – بىرلەپ يوق قىلىندى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق توي مۇراسىمى ئادىتىمۇ ئۆزگەرتىلدى، بولۇپمۇ دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا شۇنداق بولدى. مەسىلەن: تويغا كەلگەن مېھمانلار سالام – سەھەتتىن كېيىن كۆرسىتىلگەن جايلاردا ئولتۇرۇپ ئۆزئارا تىنچ – ئامانلىق سورىشىۋاتقان ئەسنادا «تەبلىغ» باشلىنىدۇ ۋە بىرەر سائەت داۋاملىشىدۇ. بۇ ئىش بارا – بارا جەمئىيەتتە «تويدا تەبلىغ قىلىش» «مودا»سىنى پەيدا قىلدى. ئاۋام خەلق باشقىلارنىڭ «دىندىن چىقىپ كەتتى، ئىماندىن ئاجراپ كەتتى…» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ بۇ مودىغا مەجبۇرەن ماسلاشتى.

2010 – يىللاردىن كېيىن دىيارىمىزدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلغا كەلدى ۋە ئىستانبۇلنىڭ پەرقلىق مەھەللىلىرىگە ئورۇنلاشتى، ئاندىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تويلىرىنىڭ شەكلىمۇ ئۆزگەردى. مەسىلەن: مېھمانلار توي زالىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر قارىم تەكلىپ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ناھايىتى ئۈنلۈك ئاۋازدا (مىسىر ئىستىلاھى بىلەن) يېرىم سائەت ئەتراپىدا قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئاندىن تەبلىغ باشلىنىدۇ، بىر كىشى تەكلىپ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر سائەت ئەتراپىدا تەبلىغ قىلىدۇ، ھەتتا بەزى تويلاردا ئىككى – ئۈچ كىشى نۆۋەتلىشىپ تەبلىغ قىلىدۇ، ئاخىرىدا بىرەيلەن دۇئا قىلىدۇ، تەبلىغلەر دۇئا بىلەن قوشۇپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.

ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، دىيارىمىزدا ۋە چەتئەللەردىكى بىلىم يۇرتلىرىدا 30، 40 يىل ئوقۇپ يېتىشكەن ئىلىم ئەربابلىرى بۇ ئىشنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ئېيتسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت – ھەدىسلەر ئەسلىتىلىپ «توينى تويدەك ئۆتكۈزۈش لازىم»لىقى ئەسكەرتكەن كىشى: «دېگەنلىرى توغرا، لېكىن بىز بۇ ئادەملەرگە ئۇ توغرا گەپلەرنى دېسەك بۇلارنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن جاۋابنى ئالىدۇ.

خۇلاسە

  1. توينى ئىسلام يولغا قويغان ۋە رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە ئۆرپ – ئادەتكە رىئايە قىلغان ھالدا ئۆتكۈزۈش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى قەبىلە ۋە مىللەتلەرگە ئايرىغان، بىر قەبىلە ۋە بىر مىللەتنى باشقا قەبىلە ۋە مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان تىل، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆز پېتى ساقلاش لازىم.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن ذَكَرٖ وَأُنثَىٰ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ شُعُوبٗا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓاْۚ إِنَّ أَكۡرَمَكُمۡ عِندَ ٱللَّهِ أَتۡقَىٰكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٞ  ١٣﴾ [ الحُـجُـرات:13]

«ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، سىلەرنى ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر»[12].

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى مىللەت ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىشى، ھەر مىللەتنىڭ تىلىنى ۋە رەڭگىنى پەرقلىق يارىتىش، ھەر قەبىلە ۋە ھەر مىللەتنىڭ مەنسۇپلىرىغا ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ياشاش شەكلى ئىلھام قىلىش بىلەن بولغان. شۇنىڭ بىلەن قەبىلە ۋە مىللەتلەر پەرقلىق ھالەتلەردە شەكىللەنگەن. شۇڭلاشقا ھەر مۇسۇلمان ئۆز مىللىتىنى باشقا مىللەتلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ ئىسلام تەلىماتلىرىغا خىلاپ كەلمەيدىغانلىرىنى ساقلىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇشى لازىم.

  1. تويدا ھازىر بولغان بولمىغان پۈتۈن ئەل – يۇرتقا نىكاھنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ناغرا – سۇناي ۋە داقا – دۇمباق چېلىشقا بولىدۇ، ھەتتا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بۇ نىكاھنى ئەل – يۇرتقا ئېلان قىلىش شەكلىدۇر.
  2. تويدا، دىنىي تەۋەررۈكلەرگە تەنە قىلمايدىغان، مىللىي ئادەتلەرنى كەمسىتمەيدىغان ۋە شەرئىي قائىدىلەرگە زىت كەلمەيدىغان ناخشا، قوشاق، شېئىر، غەزەل،…لەرنى ئېيتىشقا، ئۇلارغا تەڭكەش قىلىپ مۇزىكا چېلىشقا، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىققا چاقىرمايدىغان، ھاياسىزلىققا ئۈندىمەيدىغان، شەھۋانىيەتنى ئىپادىلىمەيدىغان، ئەر – ئاياللار ئارىلىشىپ ئوينىمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ فىترىتىگە زىت كەلمەيدىغان ئويۇنلارنى ئويناشقا ۋە كۆرۈشكە بولىدۇ.
  3. تويدا، ھەر ئىشتا ئىسراپتىن ساقلىنىش، دىنىمىزدا چەكلەنگەن يېمەك-ئىچمەكلەردىن يىراق تۇرۇش، كافىرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ئادەتلەردىن ساقلىنىش… قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
  4. تويدا تەبلىغ قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس، چۈنكى «دىن» – ئىلاھىي پىرىنسىپلار يىغىندىسى بولۇپ ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىنى باشقۇرىدۇ، ئۇ پرىنسىپلارنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتكۈزىدۇ، ئۆگىتىدۇ ۋە ئىجرا قىلىشتا ئۈلگە بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە توي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغان مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نازارىتى ئاستىدا توي قىلغان، مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى، لېكىن تويدا تەبلىغ قىلىش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتى ئىچىدە يوق. شۇڭلاشقا ئەسرى سائادەتتە، ئۇمەۋىيلەر، ئابباسىيلار، سەلجۇقىيلار، ئوسمانىيلار ۋە ئىسلامنى ئۆزىنىڭ دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلغان قاراخانىيلار دەۋرلىرىدە تويدا تەبلىغ قىلىنىدىغان ئادەت يوق ئىدى. تويدا «نىكاھ خۇتبىسى» ئوقۇلىدۇ ۋە نىكاھ قىلىنىدۇ، خالاس.

توينىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدا شەكىللىنىپ بولغان ۋە ئىسلام تارىخى بويىچە ئەينەن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن مۇراسىمىنى ئۆزگەرتىشكە «بىز مۇشۇنداق ئادەم يىغىلغان جايدا تەبلىغ قىلىۋالمىساق، بىز تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن باشقا يەردە بۇنداق كۆپ ئادەمنى تاپالمايمىز ئەمەسمۇ…» دېگەندەك سۆزلەر باھانە بولالمايدۇ، چۈنكى دىندارلىقنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرستىپ بەرگەن شەكلى قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا قويغان توي شەكلىنى ھېچكىمنىڭ ئۆزگەرتىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئايەت – ھەدىس ۋە ئەمەلىي سۈننەت ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى: توي، چاربازار، سودا دۇكانلىرى، كوچا – كوي ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى تەبلىغ قىلىنىدىغان جايلار ئەمەس، چۈنكى ئۇ جايلار ئىنسانلارغا ئەركىن پائالىيەت قىلىش رۇخسىتى بېرىلگەن ساھەلەردۇر. لېكىن بىرەر يامان ئىشنى كۆرگەن مۇسۇلمان شۇ ئىشنىڭ يامانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنىڭدىن ياندۇرۇشى كېرەك، بۇ پەقەت شۇ ئىش بىلەنلا چەكلىك بولىدۇ. تەبلىغ مەسجىد – جامەلەردە، نامازگاھلاردا ۋە ئالاھىدە تۈزۈلگەن دىنىي سورۇنلاردا قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىمۇ ھەر كۈنى تەبلىغ قىلىپ ياكى ئېھتىياجدىن ئارتۇق تەبلىغ قىلىپ جامائەتكە مالاللىق يەتكۈزمەسلىك شەرت.

شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى:

دىنمىز ئىسلامنىڭ بىرەر ئەمرىگە خىلاپ كەلمەيدىغان ئۆرپ – ئادەتكە قارشى چىقىش تەقۋالىق ئەمەس، ئەكسىچە ئىلىمسىزلىكتۇر. تەقۋالىق – ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىشتۇر. ئۆزى چاغلاپ ھالال – ھارام بەلگىلەش، ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئادىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتمىگەن شەكىلدە دىندارلىق قىلىش بىدئەتچىلىكتۇر.

دىنىمىزنىڭ تەۋەررۈكلىرىدىن بولغان ئەزاننى ياكى قىرائەتنى تېلېفونغا قاچىلاپ ئۇنى تېلېفۇن ئۇرغان كىشىنىڭ سۆزلىشىش تەلىپىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈن قوڭغىراق ئاۋازى قىلىپ ئىشلىتىش، دىنىمىزنىڭ بىر ئەمرى بولغان، خۇسۇسەن بىلىدىغانلارنىڭ ۋەزىپىسى بولغان تەبلىغنى تويدا قىز – يىگىتنىڭ ۋە ئىككى ئائىلىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىجرا قىلىش ئوخشاش ئىشتۇر. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ئۆلىما ۋە زىيالىيلارنىڭ، توي – تۆكۈن شەكلىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت – ھەدىسلەرگە ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىگە ئاساسلانغان ھالدا بېكىتىپ چىقىشى ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاش ھەر مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ، بولۇپمۇ ئىلىم ئەربابلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

يازغۇچى : ئەنەس ئالىم

[①] قاراڭ: 51 – سۈرە زارىيارت، 49 – ئايەت.

[②] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت؛  49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 45 – ئايەت؛ 75 – سۈرە قىيامەت، 39 – ئايەت؛ 78 – سۈرە نەبەئـ، 8 – ئايەت.

[③] قاراڭ: 25 – سۈرە فۇرقان، 54 – ئايەت.

[④] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 32 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.

[⑤]  بۇخارى، «نىكاھ»، 63.

[⑥] تىرمىزى، «نىكاھ»، 6؛ نەسەئى، «نىكاھ»، 72؛ ئىبنى ماجە، «نىكاھ» 20؛ ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل،  مۇسنەد 24/189.

[⑦] ئىبنى ماجە، «نىكاھ»، 21؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 23: 379، 380، 27/267.

[⑧] بۇخارى، «مەغازى»، 9، «نىكاھ»، 49؛ ئەبۇ داۋۇد، «سۇنەن»، ئەدەب، 59؛ تىرمىزى، «نىكاھ»، 6؛ ئىبنى ماجە، «نىكاھ»، 21.

[⑨]  نەسەئى، «نىكاھ»، 80.

[⑩] ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى / توي

[11] قاراڭ: ئابدۇ كەرىم راخمان، رەۋەيدۇللاھ ھەمدۇللاھ، شېرىپ خۇشتار، ئۇيغۇ ئۆرپ – ئادەتلىرى، 128 – 131.

[12] قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر