«تاھارەت» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە بولۇپ، لۇغەت مەنىسى پاكلانماق، تازىلانماق دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىستىلاھىي (ئاتالغۇ) مەنىسى بولسا ماددىي كىرنى (نىجاسەتنى، خۇبسنى) ياكى مەنىۋى كىرنى (ھەدەسنى) يوقىتىش دېگەن بولىدۇ[1]. بىرىنچىسى ناماز ئۆتەشتىن ئىلگىرى بەدەننى، كىيىمنى ۋە ئورۇننى ماددىي نىجاسەتتىن تازىلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىككىنچىسى ھاجەتخانىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن نامازغا تۇرۇشتىن ئىلگىرى كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن، جۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ۋە ھەيز ياكى نىفاس توختىغاندىن كېيىن نامازغا تۇرۇشتىن ئىلگىرى چوڭ تاھارەت (غۇسۇل تاھارەت) ئېلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىككى تاھارەت سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغان تەقدىردە تەيەممۇم قىلىش بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ.
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىسلام دىنى باشقا بارلىق دىن ۋە پۈتكۈل نىزاملارنىڭ ئىچىدە پاكىزلىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان يېگانە دىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىن ئۆز مەنسۇبلىرىنى ئىچىنى، تېشىنى، كىيىمىنى ۋە مۇھىتىنى پاكلاشقا ۋە پاك تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى دىلىنى باتىل ئېتىقاد، يامان نىيەت ۋە ھەسەت قاتارلىق مەنىۋى كىرلەردىن، تىلىنى يالغان سۆز، يامان سۆز ۋە يالغان قەسەم قاتارلىق مەنىۋى كىرلەردىن، پۇت – قول ئەزالىرىنى يامان ئىش، ھارام ئىش، ناتوغرا ئىش ۋە ناھەق ئىش قاتارلىق مەنىۋى كىرلەردىن، بەدىنىنى، كىيىم – كېچىكىنى ۋە مۇھىتىنى نىجاسەت، مەينەتچىلىك، پاسكىنىچىلىق قاتارلىق ماددىي كىرلەردىن پاكلاشقا ۋە پاك تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ[2]. ھەتتا بۇ دىندا بەزى ئىبادەتلەر پاكىزلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿خُذۡ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡ صَدَقَةٗ تُطَهِّرُهُمۡ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيۡهِمۡۖ إِنَّ صَلَوٰتَكَ سَكَنٞ لَّهُمۡۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ ١٠٣﴾
«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن. چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[3].
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر نەرسىنىڭ بىر زاكىتى (پاكلىغۇچىسى) بار. بەدەننىڭ زاكىتى بولسا، روزا تۇتۇشتۇر»[4].
قىسقىسى بۇ دىندا ھايات پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. مەسىلەن:
- شېرىك بىلەن بۇلغانغان ئىماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ[5]. رىيا بىلەن كىرلەنگەن ئىبادەت ۋە ناتوغرا يوللاردىن تاپقان پۇل – مال بىلەن قىلىنغان سەدىقە قوبۇل قىلىنمايدۇ[6].
- بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەر بىرىنى ئادا قىلىدىغان چاغدا ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىنى ۋە تېشىنى پاكلىشى پەرز قىلىنغان[7]. ھەج بىلەن روزىدا تىلنىڭ ۋە دىلنىڭ پاكلىقى شەرت قىلىنغان[8].
- غۇسۇل قىلىش چوڭ تاھارەتسىزلىك شەرتىگىلا باغلىق قىلىنماستىن، بەلكىدە ھەربىر مۇسۇلمان ھەپتىدە ئەڭ ئاز بىر قېتىم يۇيۇنۇشقا تەشۋىق قىلىنغان. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەردىن جۈمە نامىزىغا كېلىدىغان كىشى يۇيۇنسۇن»[9]، «جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق كىشىگە زۆرۈردۇر»[10].
- تاھارەت بولسۇن، غۇسۇل بولسۇن مۇكەممەل بولۇشى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش تەشۋىق قىلىنغان[11].
مۇسۇلمانلارغا تاھارەت سۇنمىغۇچە بىرقانچە ۋاقىتنىڭ نامىزىنى بىرلا تاھارەت بىلەن ئۆتەشكە رۇخسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەر بىر ناماز ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم تاھارەت ئېلىشقا تەشۋىق قىلىنغان[12].
مۇسۇلمانلار قول بىلەن ئېغىزغا ئوخشاش تەن سالامەتلىك نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەزالارنى تاھارەت ئالغاندىلا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىمۇ، تاھارەت ئېلىشتىن ئىلگىرىمۇ يۇيۇشقا بۇيرۇلغان[13].
- مۇسۇلمانلار قول بىلەن ئېغىزنى تاماقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن يۇيۇشتىن باشقا، سۈتكە ئوخشاش ياغلىق نەرسىلەرنى يەپ – ئىچكەندىن كېيىنمۇ يۇيۇشقا بۇيرۇلغان[14]. بولۇپمۇ يېتىشتىن بۇرۇن قوللارنىڭ پاكىز بولۇشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن[15]. تاھارەت بىلەن يېتىشمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان[16].
- مۇسۇلمانلار ئېغىز تازىلىقى ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىشكە تەشۋىق قىلىنغان[17]. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ تەشۋىقنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن قىلغان. چۈنكى ئۇ مىسۋاكنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئىشلىتىپلا قالماستىن، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ پات – پات ئىشلىتىپ تۇراتتى[18]. ھەتتا ھەر قېتىم نامازغا چىقىشتا، ھەر قېتىم ئۆيگە كىرگەندە، كېچە ئۇيقۇدىن ئويغانغان چاغلىرىدا بىرىنچى قېتىم قىلىدىغان ئىشى چىشلىرىنى مىسۋاكلاش ئىدى[19].
- مۇسۇلمانلار تەرەت سۇندۇرغاندىن كېيىن بەدەنگە ۋە كىيىم -كېچەككە نىجاسەت يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاھارەت يوللىرىنى سۇ بىلەن[20]، سۇ يوق يەردە باشقا تازىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن تازىلاشقا بۇيرۇلغان[21].
- بۇ دىندا بەدەن، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرالغۇ جايلارنىڭ پاكىز بولۇشىدىن باشقا ناماز ئوقۇلىدىغان يەرلەرگە ئوخشاش ئاممىۋى ئىبادەت ۋە پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭمۇ ھەر خىل نىجاسەتتىن پاكىزلىنىشى تەلەپ قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يوللارغا، ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە ئوخشاش سۇ ئاقىدىغان يەرلەرگە، تۇرغۇن سۇغا، كۆل ۋە قۇدۇق باشلىرىغا، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە، كىشىلەر سايىدايدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىلىرىغا تەرەت سۇندۇرۇشنى مەنئى قىلغان، شۇنداقلا قاتتىق لەنەتلىگەن[22].
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1 : 13 – 17.
[1] سالىم ئۆگۈت، «تاھارەت»، دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2010)، 39: 382.
[2] ئاللاھ تائالانىڭ 74 – سۈرە مۇددەسسىرنىڭ 4 – ئايىتىدىكى ﴿وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ – كىيىملىرىڭنى پاك تۇت﴾ دېگەن بۇيرۇقى كىيىملەرنىڭ ھەر دائىم پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. نامازنىڭ سىرتىدا پاكىز بولۇشى شەرت قىلىنغان كىيىمنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىبادىتى بولغان نامازدا پاكىز بولۇشىنىڭ نامازنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى بولۇشى ئېنىق. ئاللاھ تائالانىڭ 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 222 – ئايىتىدىكى ۋە 9 – سۈرە تەۋبەنىڭ 108 – ئايىتىدىكى «ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرى يۇقىرىدىكى پاكىزلىقلارنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە: رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ سىلەرگە لەنەت ئوقۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئۈچ ئىشتىن ساقلىنىڭلار: ئىنسانلار (كۆل، قۇدۇق، ئېرىق ۋە ئۆستەڭ قاتارلىقلارغا ئوخشاش) سۇ ئالىدىغان جايلارغا تەرەت سۇندۇرۇشتىن، يولغا تاھارەت سۇندۇرۇشتىن ۋە سايىغا تاھارەت سۇندۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار» (ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 26؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 21). «ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ سۈرەتلىرىڭلارغا ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ. لېكىن سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ» (مۇسلىم، «بىرر ۋە سىلە ۋەلئەداب»، 33؛ ئىبنى ماجە، «زۇھد»، 9؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 16: 285).
[3] 9 – سۈرە تەۋبە، 103 – ئايەت.
[4] ئىبنى ماجە، «سىيام»، 44.
[5] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 88 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 13 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 65 – ئايەت.
[6] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 264 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 142 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 54 – ئايەت؛ 107 – سۈرە مائۇن، 4 ~ 7 – ئايەتلەر. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا (ئاللاھ تائالا پەقەت ھالالنىلا قوبۇل قىلىدۇ) ئاللاھ تائالا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىسىنى خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ» (بۇخارى، «تەۋھىد»، 23؛ مۇسلىم، «زاكات»، 64؛ تىرمىزى، «زاكات»، 28؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 28).
[7] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 45 – ئايەت. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەت» (ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 31 ؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 3)، «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق. كىم نېمىنى نىيەت قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. شۇڭلاشقا ھىجرەتنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن قىلغانلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولىدۇ. ھىجرەتنى بىرەر دۇنيالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ياكى بىرەر خوتۇننى ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلار، شۇ دۇنيالىق ئۈچۈن ياكى شۇ خوتۇن ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولىدۇ» (بۇخارى، «بەدئۇلۋەھيى»، 1؛ بۇخارى، «ئىتق»، 6؛ بۇخارى، «مەناقىبۇلئەنسار»، 45؛ بۇخارى، «نىكاھ»، 5، ئەيمان، 23؛ مۇسلىم، «ئىمارە» 155؛ ئەبۇداۋۇد، «تالاق»، 11؛ تىرمىزى، «فەزائىلۇل جىھاد»، 16؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 60). «تاھارەتسىز ئوقۇلغان ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ» (بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 2؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 2؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 1).
[8] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 183 ~ 187 – ۋە 197 – ئايەتلە. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ھەجگە بېرىپ، ھەج قىلىش جەريانىدا ھەجدە ناشايان سۆزلەرنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلماي ھەجنى تاماملاپ قايتسا، خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھلاردىن پاك بولۇپ قايتىدۇ» (بۇخارى، «ھەج»، 4؛ مۇسلىم، «ھەج»، 438؛ تىرمىزى، «ھەج»، 2؛ نەسەئى، «مەناسىكۇل ھەج»، 4؛ ئىبنى ماجە، «مەناسىك»، 3). «كىمكى روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك – ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ تائالا موھتاج ئەمەس» (بۇخارى، «سەۋم»، 8؛ بۇخارى، «ئەدەب»، 51؛ ئەبۇ داۋۇد، «سەۋم»، 25؛ تىرمىزى، «سەۋم»، 16).
[9] بۇخارى، «جۇمۇئە»، 4؛ مۇسلىم، «جۇمۇئە»، 3؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 129؛ تىرمىزى، « جۇمۇئە»، 3؛ مۇۋاتتا، «جۇمۇئە»، 5 .
[10] بۇخارى، «جۇمۇئە»، 2، 3، 12، «ئەزان»، 161، «شاھادات»، 18؛ مۇسلىم، «جۇمۇئە»، 5؛ مۇۋاتتا، «جۇمۇئە»، 4؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 129؛ نەسەئى، «جۇمۇئە»، 6، 8.
[11] بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 24؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 50؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 37؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 75.
[12] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 32.
[13] بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 26؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 87؛ مۇۋاتتا، «تاھارەت»، 9؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت» 49؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 19؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 1.
[14] بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 51، 52، «ئەشرىبە»، 12؛ مۇسلىم، «ھەيز»، 95؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەتئىمە»، 12؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 66، «ئەتئىمە»، 39؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 124؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 68.
[15] ئەبۇ داۋۇد، «ئەتئىمە»، 54؛ تىرمىزى، «ئەتئىمە»، 48؛ ئىبنى ماجە، «ئەتئىمە»، 22.
[16] تىرمىزى، «ساۋابۇل قۇرئان»، 22، «دەئەۋات»، 9، 21، «جۇمۇئە»، 78.
[17] بۇخارى، «سەۋم»، 27؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 4؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 7؛ دارىمى، «ۋۇدۇئـ»، 19.
[18] تىرمىزى، «سەۋم»، 29؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 24: 447.
[19] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 25، 30؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد، 40 : 172.
[20] بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 17؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 70؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 40.
[21] بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 15، 20؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 21، 22، 23؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 12، 13، 15؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 40؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 16، 28.
[22] مۇسلىم، «تاھارەت»، 68؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 14.