چوڭ تاھارەتنىڭ (غۇسۇلنىڭ) شەكلى
غۇسۇل تاھارەت ئالماقچى بولغان ئادەم ئاۋۋال ئىككى قولىنى يۇيىدۇ. ئاندىن نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئالىدۇ. ئاندىن چاچلىرىنىڭ تېگىنى ئارىلاپ يۇيىدۇ. ئاخىردا پۈتۈن بەدىنىنى ئالا قويماي يۇيىدۇ. ئەگەر غۇسۇل قىلغان سۇ پۇتلىرىنىڭ ئەتراپىدا يىغىلىپ قالىدىغان ئىش بولسا پۇتلىرىنى ئەڭ ئاخىردا يۇيىدۇ. ئايال كىشى ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى غۇسۇل قىلغاندا چۇۋۇمىسىمۇ بولىدۇ. چېچىنىڭ تېگىگە سۇ ئۆتكۈزسە كۇپايە. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام جىنابەتتىن غۇسۇل قىلغاندا ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن كېيىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بارماقلىرىنى سۇغا تىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن چېچىنىڭ تېگىنى ئارىلايتتى. بېشىنىڭ تېرىسىگە سۇ يەتكەنلىكىگە قانائەت قىلغاندا ئۈستىگە ئۈچ قېتىم سۇ تۆكەتتى. ئاندىن بەدىنىنىڭ قالغان قىسىمىنى يۇياتتى. ئاندىن ئىككى پۇتىنى يۇياتتى»[1].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر تۈكنىڭ تېگىدە جۇنۇپلۇق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن چاچلارنى يۇيۇڭلار، تېرىنى پاكىزلاڭلار»[2].
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن جىنابەت ئۈچۈن قىلىنىدىغان غۇسۇل توغرىسىدا سوئال سورالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «غۇسلى قىلىدىغان كىشى ئەر بولسا، چېچىنى چۇۋۇپ سۇ چاچلىرىنىڭ تېگىگە يەتكەنگە قەدەر يۇسۇن. ئايال بولسا، چېچىنى چۇۋۇمىسمۇ بولىدۇ. بېشىغا ئۈچ ئوچۇم سۇ تۆكسۇن»[3].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن، بىر كىشى كىيىم – كېچىكىدە ھۆللۈك ئۇچراتسا، لېكىن ئېھتىلام بولغانلىقى ئېسىدە بولمىسا، غۇسۇل قىلىشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورالغان ئىدى، «ھەئە، غۇسۇل قىلىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئېھتىلام بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھۆللۈك ئۇچراتمىسىچۇ؟ دەپ سورالدى، «غۇسلى قىلىشى كېرەك ئەمەس» دېدى. ئۇممى سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى ئايال كىشى كۆرسىمۇ غۇسۇل قىلىشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، بۇنىڭغىمۇ «ھەئە، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئوخشاشلىرىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى[4].
ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئايالنىڭ غۇسلى قىلىشىمۇ جۇنۇپنىڭ غۇسلى قىلىشىغا ئوخشايدۇ. لېكىن ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئاياللار غۇسۇل قىلىش جەريانىدا پاكىز بىر لاتا بىلەن قاننىڭ ئىزلىرىنى سۈرتىدۇ ۋە خۇشپۇراق نەرسە ئىشلىتىدۇ[5].
قەيس ئىبنى ئاسىم مۇنداق دەيدۇ: مەن مۇسۇلمان بولماقچى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدىم. ئۇ مېنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن غۇسۇل قىلىشقا بۇيرىدى[6].
تىرمىزى بىلەن نەسەئى، ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولۇپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام، قىزى (زەينەپ) ۋاپات بولغاندا يېنىمىزغا كىرىپ، ئۇنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم ۋە ياكى زۆرۈر دەپ قارىساڭلار ئۇنىڭدىن كۆپرەك يۇيۇڭلار. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا كافۇر قويۇڭلار. يۇيۇش ئاخىرلاشقاندا ماڭا خەۋەر قىلىڭلار دېدى. بىز ئىشنى تۈگىتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدۇق. ئۇ بىزگە تاشقى كىيىمىنى بەردى. ئاندىن: «ئۇنى ئاۋۋال بۇنىڭ بىلەن كېپەنلەڭلار» دېدى[7]. بۇخارى بىلەن مۇسلىم يۇغۇچى ئاياللارنىڭ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىنىڭ چېچىنى ئۈچ ئۆرۈم قىلىپ ئۆرۈپ ئارقىسىغا قويغانلىقىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ.
دېمەككى، ئىسلامغا كىرگەن كىشىمۇ غۇسۇل قىلىدۇ، ئۆلۈپ قالغان مۇسۇلمانمۇ يۇيۇلىدۇ.
غۇسۇلدىن ئىلگىرى قىلىش ياخشى بولغان ئىشلار:
- نىيەت قىلىش. لېكىن نىيەتنى ئاغزىدا تەلەپپۇز قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. غۇسۇل بىلەن چوڭ تاھارەتسىزلىكنى يوقىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈش نىيەت ھېسابلىنىدۇ.
- ئىككى قولنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش.
- نىجاسەت يۇقۇپ قالغان يەرلىرىنى يۇيۇش.
- نورمال ئەھۋالدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش. غۇسلى قىلغان يەرگە سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى پۇتىنى كېيىن يۇيۇش.
- بېشىغا سۇ قۇيۇش ۋە ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ پۈتۈن بەدەننى مۇكەممەل ئۈچ قېتىم سىلاپ يۇيۇش.
- غۇسلى قىلىش جەريانىدا ئىككى قۇلاقنىڭ ئىچى، كىندىك، پۇتنىڭ بارماقلىرىنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش.
- ئايال كىشىنىڭ غۇسلى قىلىشى ئەر كىشىنىڭ غۇسلى قىلىشىغا ئوخشاش. لېكىن چېچى ئۆرۈلگەن بولسا، ئۆرۈلگەن چاچنى چۇۋۇش شەرت ئەمەس، پەقەت چاچنىڭ تېگىگە سۇ ئۆتسە كۇپايە قىلىدۇ.
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 31 – 33.
[1] بۇخارى، «غۇسل»، 1، 15، 19؛ مۇسلىم، «ھەيز»، 35؛ مۇۋاتتا، «تاھارەت»، 67؛ ئەبۇ داۋدۇد، «تاھارەت»، 98؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 76؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 152، 153، 155، 156، 157.
[2] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 98؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 78.
[3] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 100.
[4] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 95؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 82.
[5] بۇخارى، «ھەيز»، 13، 14، «ئىئتىسام»، 24؛ مۇسلىم، «ھەيز»، 60، 61؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 122؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 159.
[6] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 131؛ تىرمىزى، «سالات»، 429؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 127.
[7] بۇخارى، «جەنائىز»، 8، 17؛ مۇسلىم، «جەنائىز»، 36؛ مۇۋاتتا، «جەنائىز»، 2؛ ئەبۇ داۋۇد، «جەنائىز»، 33؛ تىرمىزى، «جەنائىز»، 15؛ نەسەئى، «جەنائىز»، 28، 30 – 36.