جاۋاب:
تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: دىنىمىزدا تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇشقا بولمايدۇ دېگەن مەزمۇندا بىر ھۆكۈمنىڭ يوق ئىكەنلىكىدۇر.
قۇرئان كەرىمدە، قۇرئان ئوقاماقچى بولغان ۋاقتىمىزدا «ئەئۇزۇ بىلللاھ….» دېيشىمىز بۇيرۇلغان (نەھل سۈرىسىنىڭ 98 – ئايىتىگە قاراڭ)، ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ، تاھارىتىمىز بولمىسا، تاھارەت ئېلىشىمىز بويرۇلغان. (مائىدە سۈرىسىنىڭ 6 – ئايىتىگە قاراڭ).