سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم .. تالاققا گۇۋاھچى كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ گۇۋاھچىسى بولمىغان تالاق چۈشەمدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
تالاقتا يەنى ئەر تالاق قىلغاندا گۇۋاھچى كەلتۈرۈشى شەرتتۇر. چۈنكى تالاق گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن چېگىلگەن مۇستەھكەم نىكاھ ئەھدىىسىنى بۇزىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇمۇ ھەم گۇۋاھچىلار بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ھەر تالاقتا ئىككى گۇۋاھچى كەلتۈرۈشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرىۋالالايمىز:
﴿فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا ذَوَيْ عَدْلٍ مِّنكُمْ وَأَقِيمُوا الشَّهَادَةَ لِلَّهِ ذَلِكُمْ يُوعَظُ بِهِ مَن كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا٢﴾
«ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا ئۇلارنى مەئرۇف[1] بىلەن نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن مەئرۇف بويىچە ئايرىلىپ كېتىڭلار. سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئاللاھ ئۈچۈن توغرا گۇۋاھلىق بېرىڭلار. مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىم ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى قىلىپ بېرىدۇ» – (65 – سۈرە تالاق، 2 – ئايەت).
ئەر تالاق قىلغاندىن كېيىن ئايالنىڭ ئىددىتى تۇشۇشتىن بۇرۇن، يارىشىپ قىلىشنى نىيەت قىلسا ئايالىغا قايتسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزى بۇنى كۆرسىتىدۇ:
﴿… وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَلِكَ إِنْ أَرَادُوا إِصْلَاحًا …٢٢٨﴾
«… ئەگەر ئەرلىرى يارىشىپ قېلىشنى خالىسا، ئۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارغا قايتىشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر…» – (2 – سۈرە بەقەرە، 228 – ئايەت).
لېكىن ئەر يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئايالغا زىيان سېلىش نېيىتى بىلەن قايتسا جائىز بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تالاقتا ئەرنىڭ نېيىتنى بىلىش ئۈچۈن ئىككى گۇۋاھچىنى كەلتۈرۈش شەرت قىلىنغاندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِّتَعْتَدُوا وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ وَلَا تَتَّخِذُوا آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَا أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّنَ الْكِتَابِ وَالْحِكْمَةِ يَعِظُكُم بِهِ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ٢٣١﴾
«ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، يا ئۇلارنى مەئرۇف بىلەن نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى مەئرۇف بىلەن قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى، سىلەرگە نازىل قىلغان كىتاب ۋە ھېكمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلماقتىدۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» – (2 – سۈرە بەقەرە، 231 – ئايەت).
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «تالاق» سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىدە بايان قىلىنغاندەك ئالدى بىلەن ئىككى گۇۋاھچى، ئەرنىڭ ئايالىغا يارىشىپ قىلىش نىيىتى بىلەن قايتقانلىقىنى قارارلاشتۇرىدۇ. ئاندىن ئايالىغا قايتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن، تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئىككى گۇۋاھچىنىڭ شەرت قىلىنىشىدىن، گۇۋاھچىسىز تالاقنىڭ چۈشمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۈنكى بىر شەرتكە باغلانغان ھەر قانداق ئىش ئۇ شەرت ۋۇجۇدقا چىقماي تۇرۇپ ئەمەلىيلەشمەيدۇ. مەسىلەن: نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش شەرتتۇر. شۇڭلاشقا تاھارەتسىز ئوقۇلغان ناماز ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى گۇۋاھلىق كەلتۈرۈشكە باغلانغان ئىكەن، گۇۋاھچىسى بولمىغان تالاق، تالاق ھېسابلانمايدۇ.
تالاق ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
[1] مەئرۇف ياخشىلىقى شەرىئەت بىلەن ياكى ئەقىل بىلەن تونۇلغان ئىش – ھەرىكەت دېگەن بولىدۇ (راغىب ئىسفەھانى «عرف»، 531؛ ئەبۇلئابباس شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى يۇسۇف ئىبنى ئابدۇددائىم سەمىين ھەلەبىي، «عرف»، ئۇمدەتۇل ھۇففاز فىي تەفسىيرى ئەشرەفىل ئەلفاز، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد باسىل ئۇيۇنۇس سۇد (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1417/ م 1996)، 3: 61). ئۇنداقتا مەئرۇف شەرىئەت بۇيرۇغان ھەر ئىش، شەرىئەتنىڭ ھېچبىر ئەمرىگە خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۆرپ – ئادەت دېگەن بولىدۇ.