قۇرئان يولى
بەقەرە 113 - ئايەتنىڭ تەپسىرى 1

بەقەرە 113 – ئايەتنىڭ تەپسىرى

 بەقەرە سۈرىسىنىڭ 113 – ئايەتنىڭ تەپسىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ لَيۡسَتِ ٱلنَّصَٰرَىٰ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَقَالَتِ ٱلنَّصَٰرَىٰ لَيۡسَتِ ٱلۡيَهُودُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَهُمۡ يَتۡلُونَ ٱلۡكِتَٰبَۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ مِثۡلَ قَوۡلِهِمۡۚ فَٱللَّهُ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ 

« يەھۇدىيلار: «ناسارالار ھېچ نەرسىگە ئاساسلانمايدۇ» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلار ھېچ نەرسىگە ئاساسلانمايدۇ» دېدى. ھالبۇكى، ھەر ئىككى تەرەپ كىتابنى ئوقۇيدۇ. بىلمەيدىغانلارمۇ بىر – بىرىلىرى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلدى. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار كېلىشەلمىگەن نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ»-(2-سۈرە بەقەرە، 113-ئايەت)

يەھۇدىيلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەيدۇ، تەۋراتتا بېشارەت بېرىلگەن «مەسىھ»نىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە كېلىدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە ئۇلار ھەققىدە: «خرىستىئانلار ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ» دەيدۇ. خرىستىئانلار يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە ئۇلار ھەققىدە: «يەھۇدىيلار ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ» دەيدۇ. بۇ تالاش – تارتىشلاردىن ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت ۋە مۇتەئەسسىپلىك پەيدا بولغان بولۇپ، ئىش بىر – بىرىنىڭ دىنىغا تەنە قىلىش ۋە بىر – بىرىنى «ھەقتىن ھېچ نەرسىگە ئاساسلانمايدۇ» دەپ ئەيىبلەش سەۋىيىسىگە يەتكەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى قولىدىكى ئىلاھىي كىتابنى ئوقۇيدۇ، ئوقۇغان كىتابلىرى ئۇلارنى بۇنداق دېيىشتىن توسىدۇ، چۈنكى ئىلاھىي كىتابلار بىر – بىرىنى تەستىقلايدۇ.

دەرۋەقە يەھۇدىيلار تەۋراتنى ئوقۇيدۇ، لېكىن تەۋراتتا بېشارەت بېرىلگەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەسلىك بىلەن ئۆز كىتابى بولغان تەۋراتقا خىلاپلىق قىلىدۇ. خىرىستىئانلار ئىنجىلنى ئوقۇيدۇ، لېكىن ئىنجىل تەستىقلايدىغان تەۋراتنى دەلىل ھېسابلىمايدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇ دىنغا تولۇق ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغان.

«بىلمەيدىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئوخشىشىنى دېدى»، يەنى ئەھلى كىتاب ئۆزىگە مۇخالىپ بولغانلار ھەققىدە «توغرا دىندىن ھېچ نەرسە ئۈستىدە ئەمەس» دېگەندەك، ئەھلى كىتابتىن باشقا پىرقىلەرمۇ بىر – بىرى ھەققىدە «ھېچ نەرسىگە ئاساسلانمايدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزلەرنى قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار بىلەن بۇلارنىڭ يەنى يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار بىلەن باشقا پىرقىلارنىڭ قەلبلىرى ئەگرىلىك ۋە گۇمراھلىقتا ئوخشىشىپ كەتتى.

بۇ ئايەت ئىلاھىي كىتاب ئوقۇغان يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىشى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىدە بىرەر شۈبھە بولغانلىقتىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئوقۇغان كىتابقا ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىغانلىقتىن بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان، باشقىلار بىلمەستىن ئىنكار قىلغان. نەتىجە ئوخشاشلا ئىنكار بولسىمۇ ئەھلى كىتاب ئۆزىنى ئىلىمسىزلەر بىلەن تەڭ تۇتۇپ ئىلمىگە لايىق ئىش قىلمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى كىتاب بارلىق ئىنسانلارنىڭ قاتارىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشكە بۇيرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز كىتابلىرى بولغان تەۋرات ۋە ئىنجىلغا، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئاخىرقى كىتاب قۇرئانغا ئەمەل قىلىشقا ئالاھىدە بۇيرۇلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الرَّسُولُ بِالْحَقِّ مِن رَّبِّكُمْ فَآمِنُوا خَيْرًا لَّكُمْ وَإِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا١٧٠﴾

«ئى ئىنسانلار! بۇ رەسۇل سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەقنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا ئىمان ئېيتىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[1].

﴿قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَسْتُمْ عَلَى شَيْءٍ حَتَّى تُقِيمُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ ٦٨﴾

«ئېيتقىنكى، ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، ھېچ نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر‏»[2].

بۇ ئىككى ئايەت كۆرسىتىدۇكى، ئەسلىدە ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىئانلار)نىڭ ۋە باشقا كافىرلارنىڭ ھېچبىرى ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرلا چىقىش يولى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئاخىرقى ئىلاھىي كىتاب بولغان قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشتۇر، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر، قۇرئان كەرىم ئىلگىرى نازىل قىلىنغان پۈتۈن ئىلاھىي كىتابلارنى مەنسۇخ قىلىدىغان ئاخىرقى كىتابتۇر[3].

[1] 4 – سۈرە نىسا، 170 – ئايەت.

[2] 5 – سۈرە مائىدە، 68 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 48 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 17 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت؛ 33 -سۈرە ئەھزاب، 40 – ئايەت؛ 34 – سەبەئـ، 28 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر