قۇرئان يولى
بەدەل ھەج قىلىش ياكى قىلدۇرۇش دۇرۇسمۇ؟ 1

بەدەل ھەج قىلىش ياكى قىلدۇرۇش دۇرۇسمۇ؟

سوئال:

باشقىلارغا قىلغان ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولامدۇ؟ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ياكى ئېغىر كېسەل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەجگە بارالمىغانلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب:

بولمايدۇ؟ چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر بىر پەرز ئىبادەتنى كۈچى يېتىدىغان ھەر شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ ئادا قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ. چۈنكى ھەر ئىنسان ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتتىن ھېساب بېرىدۇ. ھېچكىم باشقىلارنىڭ قىلمىغىنىدىن ياكى قىلالمىغىنىدىن ھېساب بەرمەيدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ أَكَادُ أُخۡفِيهَا لِتُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۢ بِمَا تَسۡعَىٰ 

«شۈبھىسىزكى، قىيامەت قايىم بولىدۇ. ھەر كىم ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشسۇن دەپ ئۇنىڭ ۋاقتىنى مەخپىي تۇتىۋاتىمەن»-(20-سۈرە تاھا، 15- ئايەت).

وَأَن لَّيۡسَ لِلۡإِنسَٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ 

«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- (53 – سۈرە نەجم 39 – ئايەت).

ھەج ئىبادىتىمۇ تۆۋەندىكى ئايەتتە بىلدۈرۈلگەندەك كۈچى يەتكەن ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىگە پەرز قىلىنغان بىر پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

…وَلِلّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلاً …

«… بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر… »-(3-سۈرە ئال ئىمران، 97 – ئايەت).

يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى «بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشى» ئىپادىسى  ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەنلەرگە ھەج ئىبادىتىنىڭ پەرز قىلىنمىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ياكى ھەرەمگە بارالمايدىغان كىشى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەن كىشىدۇر، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا ھەجگە بارالمىغان كىشىلەر باشقا كۈچى يەتكەن ئىبادەتلەرنى جايىدا ئورۇنداپ، ئاللاھقا دۇئا قىلسا يېتەرلىك بولىدۇ. ئىبادەت – ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان، سېتىۋالىدىغان، سېتىپ بېرىلىدىغان، بەدەلىنى تۆلىگىلى بولىدىغان بىر نەرسە ئەمەس.  بەلكى ئىبادەت، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ھەقىقى ئىشەنگەنلىكىنى، ئىخلاس قىلغانلىقىنى ۋە سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىجرائاتتۇر. شۇڭلاشقا، قەستەن قىلمىغان ياكى تاقىتى يەتمەي قىلالمىغان ئىبادەتلىرىنى ھەر قانچە كۆپ پۇل بېرىپ باشقىلارغا قىلدۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئىبادەت ئۇنىڭ ئۈچۈن يېزىلمايدۇ. قىلغان كىشىگە يېزىلىدۇ. شۇنىڭدەك باشقىسىغا قىلدۇرۇلغان بەدەل ھەجمۇ شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494.

يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بىر كىشى قىلغان ئەمەلنىڭ يەنە بىر كىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى ئېنىق بىر شەكىلدە بىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتنى باشقا بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ ئادا قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھەج ئىبادىتى بەدەن بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر. ئۇنىڭ پۇل كېتىدىغان قىسمى ھەج ئىبادىتىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردۇر.

بۇ ھەقتە يەنە بىر گەپ، ئىككى نەرسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىنسان ھاسىل بولىدۇ؛ بىرى تەن، يەنە بىرى روھ. ئىنسان ئۆزى ئىستېمال قىلغان يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن تېنىنى (بەدەنىنى) غىزالاندۇرىدۇ؛ ئۆزى قىلغان ئەمەل – ئىبادەت بىلەن روھىنى غىزالاندۇرىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسى يەپ – ئىچكەن نەرسە بىلەن قورسىقى تويمىغاندەك، باشقىسى قىلغان ئىبادەت بىلەنمۇ روھى غىزالانمايدۇ.

بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەجنى باشقىسى ئۈچۈن قىلغان «نىمكار» نىڭ: «مەن بۇ ھەجنى پالانى ئۈچۈن قىلىمەن» دېگەن سۆزى ياكى شۇنداق نىيىتى: «مەن ماۋۇ تاماقنى  پالانى ئۈچۈن يەيمەن، شۇ پالانىنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ. ھەج ئىبادىتىگە نىمكار سالغۇچى كىشىنىڭ: «ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ دادام ئۈچۈن ھەج قىلىپ بەرسىلە» دېگەن سۆزى، «ماۋۇ پۇلغا دادام ئۈچۈن تاماق يەپ بەرسىلە، دادامنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنىڭ توغرا بولدىغانلىقىغا دەلىل قىلىنىۋاتقان ھەدىسلەر سەنەد ئېتىبارى بىلەن خەبىرى ۋاھىد يەنى ئىبادەتلەرگە دەلىل قىلىشقا سالاھىيىتى توشمايدىغان ھەدىسلەردۇر. مەنا ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە، يۇقىرىدىكى ھەدىسقا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا خىلاپتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر