قۇرئان يولى
بەدر ئۇرۇشى ۋە تەقدىر 1

بەدر ئۇرۇشى ۋە تەقدىر

بەدر ئۇرۇشى ۋە تەقدىر

ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى/ ئۆلچىمىنى بەلگىلىگەن ئاللاھ، ئەلۋەتتە ياخشىنىڭمۇ يامانلىقنىڭمۇ تەقدىرىنى / ئۆلچىمىنى بەلگىلىگەندۇر. بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن كىشى مۇسۇلمان بولالمايدۇ.

تەقدىر، بىر نەرسىنىڭ قىممىتىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە چىگرالىرىنى كۆرسىتىدىغان ئۆلچەمدۇر[1]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ھەر نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن ياراتتۇق»-(‏54-سۈرە قەمەر، 49- ئايەت).

﴿تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ.الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ﴾

«پادىشاھلىق قولىدا بولغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۇ قايسىڭلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ ئەزىزدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»-(67-سۈرە مۇلك، 1- 2- ئايەتلەر).

ئاللاھ، سىستېمىنى سىناق ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىلىم ئىمتىھانى ئەمەس، جىھاد ۋە سەۋر سىنىقى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئارقىلىق دىنىدا ھەقىقىي سەۋر قىلغۇچى مۇجاھىدلارنى ئايرىيدىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

﴿وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّى نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ئىچىڭلاردىن جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنى بىلگەنگە، خەۋەرلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانغا قەدەر سىنايمىز»-(‏47-سۈرە مۇھەممەد، 31- ئايەت).

﴿أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُواْ الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَعْلَمِ اللّهُ الَّذِينَ جَاهَدُواْ مِنكُمْ وَيَعْلَمَ الصَّابِرِينَ﴾

«ياكى سىلەر ئاللاھ ئىچىڭلاردىن جىھاد قىلغانلارنى ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنى تېخى بىلمىگەن[2] تۇرۇپ جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 142- ئايەت).

جىھاد، دۈشمەننىڭ، شەيتاننىڭ ۋە ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ بېسىمىغا بارلىق كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇشتۇر[3]. سەۋر بولسا، ھەرقانداق شەرت ئاستىدا قارارىنى ئۆزگەرتمەي چىڭ تۇرۇشتۇر[4]. قارارىنى ئۆزگەرتمەي يولىنى داۋام قىلىش، جىھادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا قۇرئاندا سەۋرچان بولۇشقا كۆپرەك ئۈندەيدۇ[5]. بۇ ئىمتىھاندا غەلبە توغرىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلار نىڭ بولىدۇ. مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلار بولسا، مەغلۇپ بولىدۇ.

ئىنسان ۋە جىن شەيتانلىرى، توغرا يولنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، زېھىنلەرنى قالايمىغان قىلىپ، ئىنسانلارنى ئۇ يولدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ھەممە ئادەم قىلالايدىغان ئىش ئەمەس. بۇ ئىشنى ئوقۇغان، ئىلىملىك كىشىلەر قىلالايدۇ، شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىم بىزگە ئايەتلەرنى بۇرمىلاپ قالايمىغان قىلغان كىشىلەرنىڭ، ئەڭ كۆپ نەبىي ۋە كىتاب ئەۋەتىلگەن خەلق بەنى ئىسرائىل ئىچىدىن چىققانلىقىنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاقتىدا مەدىنەدە ئايەتلەرنى بۇرمىلايدىغان يەھۇدىي مۇناپىقلار بار ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بىزگە مۇنداق تۇنىتىدۇ:

﴿أَفَتَطْمَعُونَ أَن يُؤْمِنُواْ لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِّنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلاَمَ اللّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُ مِن بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ. وَإِذَا لَقُواْ الَّذِينَ آمَنُواْ قَالُواْ آمَنَّا وَإِذَا خَلاَ بَعْضُهُمْ إِلَىَ بَعْضٍ قَالُواْ أَتُحَدِّثُونَهُم بِمَا فَتَحَ اللّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَآجُّوكُم بِهِ عِندَ رَبِّكُمْ أَفَلاَ تَعْقِلُونَ﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەر يەنىلا ئۇلار بىزگە ئىشىنەر دەپ ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پىرقە بار ئىدىكى، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلايتتى ۋە ئەقىللىرى بىلەن چۈشىنەتتى، ئاندىن كېيىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ بۇرمىلايتتى. ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، بىر-بىرلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا: «ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ھەقىقەتنى نېمە دەپ ئۇلارغا سۆزلەيسىلەر؟ ئۇلار بۇنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسەتسۇن دەپمۇ؟ ئەقلىڭلار ئىشلىمەمدۇ؟» دېيىشىدۇ»-(2-سۈرە بەقەرە، 76- ئايەت).

پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاقتىدا يەھۇدىيلار باشلىغان بۇرمىلاشلار بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا. ئۇلارنىڭ بۇرمىلىشىىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەنئەنىۋى قۇرۇلما تۆۋەندىكىدەك ئېتىقادنى شەكىللەندۈرگەندۇر:

«ھەر قانداق ئىشنىڭ مەلۇم ئۇسۇلدا يۈز بېرىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنى ئەزەلدە ئىرادە قىلغانلى تەقدىر، ئۇ ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكى بولسا، قازا دېيىلىدۇ. ئاللاھ ئەزەلدە ئىرادە قىلغان بىر ئىشنىڭ بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئىلمى (بىلىشى) بەندىنىڭ تاللىشىغا باغلىق بولۇپ، ئاللاھنىڭ بىر نەرسىنى ئەزەلدىن بىلىشى، بەندىنىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ».[6]

ئۇزۇن يىللار مەدرىسە ۋە مەكتەپلەردە بىرخىل كۆز قاراشقا باغلىنىپ تەربىيەلەنگەن كىشىلەر، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا ھەممىنى بىلىدىغان ئالىم سۈپىتى بىلەن چىقىرىلغان بولسىمۇ ئۆزىگە ئۆگىتىلگەندىن باشقا يېڭىلىق ئېلىپ كېلەلمىگەن. نېمىنى ئۆگەنسە شۇنى بازارغا سالغان ۋە تەرەققى قىلىشقا يۈزلەنمىگەن.  كلاسسىك دىنى چۈشەنچە تەرەپدارلىرىنىڭ پاسسىپ ئىدىيىسىنى نامايەن قىلىدىغان بىردىنبىر مەسىلە، تەقدىر مەسىلىسىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەقىل ئىشلىتىش چەكلەنگەن، شۇڭلاشقا ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:

«قەدەر (تەقدىر) – ئىچكى يۈزىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان، مۇتلەق ۋە ئېنىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىلاھىي مەخپىيەتلىكتۇر.[7] تەقدىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش، ئادەمنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى مەجبۇرلىغانلىق ۋە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قوغلىشىش دېمەكتۇر[8]».

ھالبۇكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَيَجْعَلُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لاَ يَعْقِلُونَ﴾

«ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ[9]»-(‏10-سۈرە يۇنۇس، 100- ئايەت).

بۇ ماقالىدە، قۇرئاندىكى ئەقىدە ئاساسلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ئەنئەنىۋى تەقدىر چۈشەنچىسىنىڭ خاتالىقى، بەدىر ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ، بەدىر ئۇرۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇل-كېسىل ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىگە دىققەت قىلىنسا ئوينالغان ئويۇننىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكى ناھايتتى ئېنىق بىلىنىشى مۇمكىن.

ئا- قۇرئاندا ئەقىدە ئاساسلىرى

تەقدىرنى ئېتىقاد ئاساسلىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەنلەر ئىماننىڭ شەرتلىرىنى ئالتىغا كۆتۈردى، ئەمما ئىماننىڭ شەرتى قۇرئاندا بەش. بىز ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتتىن ئۆگىنىمىز:

﴿لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ …﴾

«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدۇر…»-(2-سۈرە بەقەرە، 177- ئايەت).

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ آمِنُواْ بِاللّهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَى رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِيَ أَنزَلَ مِن قَبْلُ وَمَن يَكْفُرْ بِاللّهِ وَمَلاَئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلاَلاً بَعِيدًا﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئاللاھ ئەلچىسىگە نازىل قىلغان كىتابقا ۋە ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىشىنىڭلار. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە كافىر بولىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ»-(4-سۈرە نىسا، 136- ئايەت).

بۇ ئايەتلەردە ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ئىماننىڭ شەرتى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما تەقدىرگە ئىمان تىلغا ئېلىنمايدۇ. تەقدىرگە ئىشىنىش دېگەن سۆز، قۇرئاندا يوقتۇر.

تەقدىرگە ئىمان ھەققىدىكى دەلىل، مەشھۇر «جەبرائىل ھەدىسى»دۇر. رىۋايەتتە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزدىن: «ئىمان دېگەن نېمە؟ دەپ سورايدۇ، ئۇ: «ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە ، كىتابلىرىغا ، ئەلچىلىرىگە ، ئاخىرەت كۈنى ۋە تەقدىرگە، ئۇنىڭ ياخشى ۋە يامىنىغا ئىشىنىشىڭدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ»[10]. بۇ ھەدىسنى ئەڭ ئەتراپلىق بايان قىلغان «سەھىھ مۇسلىم»نىڭ تەقدىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى تۆۋەندىكىچە:

«تەقدىرگە يەنى ئۇنىڭ ياخشىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنىغىمۇ، يامانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنىغىمۇ ئىشىنىشىڭدۇر».

ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرى / ئۆلچىمىنى بەلگىلىگەن ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭمۇ تەقدىرى / ئۆلچىمىنى بەلگىلىدى. بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم مۇسۇلمان بولالمايدۇ. ئاللاھ يەنە ياخشى ياكى يامان ئىش قىلغانلارغا بېرىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئۆلچىمىنىمۇ بەلگىلىدى ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿لِّلَّذِينَ أَحْسَنُواْ الْحُسْنَى وَزِيَادَةٌ وَلاَ يَرْهَقُ وُجُوهَهُمْ قَتَرٌ وَلاَ ذِلَّةٌ أُوْلَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ. وَالَّذِينَ كَسَبُواْ السَّيِّئَاتِ جَزَاء سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا …﴾

«ياخشى ئىش قىلغانلارغا ئەڭ ياخشىسى ۋە زىيادىسى بار. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.‏ يامان ئىشلارنى قىلغانلار بولسا، پەقەت قىلغان يامانلىقىنىڭلا جازاسىنى تارتىدۇ…»-(10-سۈرە يۇنۇس، 27- ئايەت).

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جەبرائىل ھەدىسى، ياخشىلىقنىڭمۇ، يامانلىقنىڭمۇ بىر تەقدىرىنىڭ يەنى ئۆلچىمىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن باشقا بىر مەنە ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇنىڭ قەدەرچىلەرگە دەلىل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەدىس كىتابلىرىدا جەبرائىل ھەدىسىنىڭ «تەقدىرگە ئىشىنىش» ئىپادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ۋارىيانتلىرىمۇ مەۋجۇت.

ئەمدى بىز ئىسلام تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان بەدرى ئۇرۇشىنى، ئاللاھ بەلگىلىگەن تەقدىرگە يەنى ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلماسلىقنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولغانلىقىغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىمىز.

داۋامى بار….

[1]  ئەھمەد ئىبن فارىس زەكەرىييا، «قدر»، مەقايىسۇل لۇغەت، بەيرۇت: تارىخسىز.

[2]  تەپسىرلەردە ئاللاھنىڭ بىلىشى ئاللاھنىڭ ئايرىشى، ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىشى دەپ ئىزاھلىنىدۇ.‏

[3] راغىب ئىسفاھانى، «جھد»، مۇفرەدات، تەھقىقلىغۇچى:سەفۋان ئەدنان داۋۇد، دىمەشق ۋە بېيرۇت: 1412/1992.  

[4] مۇفرەدات، «سەۋر» ماددىسى.

[5] بەقەرە، 2/153، 155، 249؛ ئال ئىمران، 3/17، 146؛ ئەنفال، 8/46، 66؛ ئەنبىيا، 21/85، ساففات، 34/102.

[6]  ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن ، بۈيۈك ئىسلام ئىلمى ھالى، 30-31-بەتلەر، 67-71- پارگرافنىڭ خۇلاسىسى،  ئىستانبۇل: 1986.

[7] دىيانەت ئىلمى ھالى 1: 135. قازا ۋە قەدەرگە ئىمان، (قەدەر بۆلۈمىنى يازغۇچى ئەھمەت سائىم كېلاۋۇز) ئىلمىي مەسلىھەتچى ۋە تەھرىر ھەيئىتى، ھايرېتتىن كارامان ، ئەلى بارداك ئوغلۇ، نەشر ھوقۇقى كومىتېتى، ھۈسەيىن ئالگۈل، ئەلى بارداك ئوغلۇ ، ئىبراھىم كافى دۆنمەز، مەھمەت ئېركال ، ئۆمەر فارۇق ھارمان ، ئەھمەت سەيىم كېلاۋۇز، سۇلايمان ئۇلۇداغ، ئېرفان يۈجەل. ئىستانبۇل: 1998.

[8]  دىيانەت ئىلمى ھالى، 1: 133.

[9] ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن، ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن ۋە ھەقنى قوبۇل قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دىلى يورۇيدۇ، كۆزى ئېچىلىدۇ، پاك ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان كىشى زالىم، كافىر، فاسىق، كاززاپ، ئازغۇن، تۇزكور، ھەددىدىن ئاشقۇچى قاتارلىقلاردىن بىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلمىگەنلىكى، ھەقىقەتكە ئىنتىلمىگەنلىكى ۋە ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تەبىئىي ھالدا ئۇ يامان سۈپەتلەرنىڭ بىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىر پاسكىنىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ پاسكىنىلىقى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ، ئۈستى-ئۈستىگە دۆۋىلىنىدۇ ۋە قاتمۇقات بولۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ بۇ پاسكىنىلىقنىڭ ئاستىدا قېلىپ تۈگىشىدۇ. ئۇ باشتىلا ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئىمان ئېيتقان بولسا ئىدى، ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەرگە ئوخشاش پاك فىترىتىنى ساقلاپ قالغان، شۇنداقلا پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشكەن بولاتتى.

[10]  مۇسلىم، «ئىمان»، 1؛ ئەبۇ داۋۇد، «سۈننەت»، 15؛ ئىبن ماجە، «مۇقەددىمە»، 9.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر