قۇرئان يولى

نۇسكىن شىركىتىنىڭ ماللىرىنى سېتىپ پۇل تاپسام بولامدۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
بىز ئامىرىكىنىڭ دىيارىمىزغا يېڭىدىن كىرگەن (2010 يىلى ئەتىيازدا تۈركىيەگە كىردى) بىر بىۋاستە سېتىش شىركىتى(nuskin)  بىلەن ھەمكارلىشىپ بازار ئىچىۋاتىمىز، تىجارەت ئۇسۇلىمىز مۇنداق:
بىرىنجىدىن، بۇ شىركەتنىڭ ماللىرىنى سېتىپ چىقىرىمىز.ھەركىم ئۆزى قىلغان سودىنىڭ 20پىرسەنتى بويىچە مائاش ئالىدۇ.
ئىككىنجىدىن، بىز شىركەتكە ئۆزىمىزگە ئوخشاش بازار ئاچقۇچى خادىم تونۇشتۇرىمىز ۋە تەربىيلەيمىز بۇنىڭغا قارىتا شىركەت ئىش ھەققىنى يەنە مۇنداق ھىساپلايدۇ:
مەسىلەن، مېنىڭ ئاستىمدا يەنە بىرەيلەن بار، ئۇنى بۇشىركەتكە مەن تونۇشتۇرغان ۋە بۇ سودىنى مەن ئۈگەتكەن ۋە داۋاملق ھەقسىز تەربىيلەيمەن، ياردەم قىلىمەن. (بۇ تىجارەتتە ھەر بىر كىشى ئوقۇتقۇچى ھىساپلىنىدۇ، يەنى ئۆزى سودا قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارغا ھەقسىز بۇ سودىنى ئۈگىتىدۇ،ھەرزامان ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدۇ.)ئۇمۇ قىلغان سودىسىنىڭ 20 پىرسەنتى بويىچە مائاش ئالىدۇ. ئەمما بۇكىشى مەن ئۈچۈن مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىپ بېرىدۇ ۋە بۇ مىڭ يۈەننىڭ مائاشىنى ئۇ ئالمايدۇ بەلكى مەن ئالىمەن. ئۇمۇ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى كىشىدىن شۇنداق ئالىدۇ،مەنمۇ ئوخشاش تەرىقىدە ئۈستۈمدىكى مۇئەللىمگە مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىپ بېرىمەن . دىمەك ھەر قەۋەتتىكى كىشى ئۈستىدىكى مۇئەللىمگە مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىپ بېرىدۇ. ھەر ئايدا شۇنداق بولىدۇ.ئەگەر مەن ئون ئادەمنى تەربىيلەپ بۇ يولغا سالغان بولسام ،ھەر ئايدا ھەربىرىدىن مىڭ يۈەندىن جەمئىي ئون مىڭ يۈەنلىك سودا ماڭا ھىساپ بولىدۇ دېگەن گەپ.مېنىڭمۇ مىڭ يۈەنلىك سودام ھەر ئايدا داۋاملىق ئۈستۈمدىكى مۇئەللىمگە بولىۋىرىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر بىر مۇئەللىم شۇنىڭغا لايىق ئەجىر قىلىدۇ.كىمكى قانچە كۆپ سودا قىلىشتىن قەتئىينەزەر ئۈستىدىكى مۇئەللىمگە قايسى ئايدا شۇ مىڭ يۈەنلىك سودىنى قىلىپ بەرمىسە، شىركەت بۇ كىشىنىڭ شۇ ئايلىق مائاشىنى بەرمەيدۇ.يەنى ھەر بىر ئادەم ئۆز مۇئەللىمى ئۈچۈن چوقۇم مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىشى شەرت.ئۇندىن باشقا ئۆزى ئۈچۈن ھەر ئايدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ئون مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىدۇ.بۇ شىركەتنىڭ بىكىتىلگەن ئىقتىسادى تۈزۈمى،ھەركىم شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىش توختامى ئىمزالاپ ئاندىن ئىشلەيدۇ.دىمەك بۇ تۈزۈمنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ھەركىشى ئۆزىنىڭ سودا گۇرۇپىسىنى ھاسىل قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.شىركەت ھەركىشىگە مۇشۇنداق بىر سودا پۇرسىتىنى بەرگەن.
مەقسەتكە كەلسەم،ئەنە شۇ ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مۇئەللىمگە شۇ مىڭ يۈەنلىك سودىنى قىلىپ بىرىشى شەرىئەتتە دۇرۇس بولامدۇ-يوق؟دىگەن بىر چىگىش
قەلبىمدە بار،بۇ ناھەق يەۋالغانلىق ھىساپلىنامدۇ؟ جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.
ھۆرمەت بىلەن: يۈسۈف
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! تىجارەت، مال ھېسابلىنىدىغان بىر نەرسىنى ياكى مەلۇم بىر خىزمەتنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازىلىشىپ تۈزۈشكەن بىر توختامى بىلەن ئېلىش ۋە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن:
سىز بىر قويىڭىزنى ساتىمەن، دېسىڭىز بىر كىشى خېرىدار بولىدۇ. سىز بۇ قوي مانچە پۇل، دەيسىز، قارشى تەرەپ تەكلىپىنى سۇنىدۇ. ئۇ يانغا تارتىپ، بۇيانغا تارتىپ ئاخىرى ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىز قويىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىسىز، ئۇ قوينىڭ بەدىلىنى سىزگە تاپشۇرىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىز مەن مۇنداق ئىشنى قىلالايمەن، كۈنلۈك ئىش ھەققىم ياكى بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققىم مانچىلىك بولسا ئىشلەپ بېرىمەن، دەيسىز. بىرى سىزگە دېگىنىڭىز بويىچە ياكى سىز بىلەن بىرئاز بازارا تالىشىپ سىز رازى بولغان مىقداردا سىزگە بەدەل تۆلەپ سىزدىن ئۇ خىزمەتنى سېتىۋالىدۇ. ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇئامىلىلەر بۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مانا بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئېتى تىجارەتتۇر، شۇنداقلا ھالالدۇر.
ئەمما يۇقىرىدا سىز تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان ئىش تىجارەت ئەمەستۇر. ئەكسىچە ئۇ كاپىتالىستلارنىڭ ئىنسانلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا تۈزۈپ چىققان بىر سىستېمىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىنسانلارغا مال ياكى خىزمەت سېتىش ئەمەس، بۇ سىستېما ئارقىلىق گۇرۇپپىلار قۇرۇش ۋە بۇ گۇرۇپپالار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.
يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سىستېمىدا ئىنسانلار ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا زەنجىرسىمان بىر شەكىلدە بىر-بىرىنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىشى، ھەر بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ ئەمگىكىدىن پايدا قولغا كەلتۈرۈشى مەۋجۇتتۇر. بۇ يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن پايدا ھارامدۇر. چۈنكى ئۇ بەدەلسىز قولغا كەلگەن نەرسىدۇر. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ، بۇ سىستېمىسىنى ئىنسانلارغا ئېلىم-سېتىم شەكلىدە كۆرستىپ، ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئېلىشتۇرۇپ، ھەقسىز رەۋىشتە پۇل تېپىشىغا شارائىت يارىتىشى بىر ئالدامچىلىقتۇر. ئالدامچىلىق قانچىلىك گۇناھ بولسا، ئالدامچىغا ياردەملىشىشمۇ شۇنچىلىك گۇناھتۇر! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»- (مۇسلىم، ئىمان 164؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 74؛ ئەبۇداۋۇد، بۇيۇئ 52؛ ئىبنى ماجە، تىجارەت 36).
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدە «تىجارەتنى ھالال» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان سودا-سېتىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تىجارەت يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك مال ياكى خىزمەت ئېلىم-سېتىمىدىن ئىبارەتتۇر، خالاس.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۇرمەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر»- نىسا سۈرىسى 29- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر