ئەسسەلام ئەلەيكۇم
قېرىندىشىم! سىز مۇنداق ئىككى مەسىلە توغرىسىدا سوئال سوراپسىز:
1 ـ بانكىدا ئىشلەش،
2 ـ شەھەرلەردە قەرز ئېلىپ ئۆي ئېلىش.
بىرىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى شۇكى، تورمۇشىنى قامداش ئۈچۈن باشقا ئامال تاپالمىغانلارنىڭ كۈنىمىزدىكى بانكىلاردا ئىشىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەگەر سىزمۇ شۇنداقلاردىن بىرى بولسىڭىز ئىشلىسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمانغا ئۇيغۇن بىر ئىش تېپىپ ئىشىڭىزنى ئالماشتۇرۇۋالغىنىڭىز ياخشى.
ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ؛
1 ـ ئەگەر ئېلىنىدىغان قەرز ئۆسۈمسىز بولسا، مۇسۇلمانلار بۇنداق قەرزنى ئېلىپ، ئېھتىياجىغا ئىشلىپ ۋاقتى كەلگەندە تۆلىسە، بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق. بۇنداق قەرزنى مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قىلسىمۇ ياكى مۇسۇلمانلار غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن ئالسىمۇ بولىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 282 ـ ۋە 283 ـ ئايەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا قەرز مۇئامىلىسى قىلىشىغا يول قويۇش بىلەن بىرگە بۇ ئىشنىڭ يوللىرىنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، غەيرىي مۇسلىملەر بىلەن قەرز مۇئامىلىسى قىلغانلىقىنى ۋە قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، قەرزنىڭ ئۆسۈمسىز بولۇش شەرتى بىلەن، مۇسۇلمان بولسۇن غەيرىي مۇسۇلمان بولسۇن ھەر قانداق كىشى بىلەن قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا ئۆي ئالىدىغان قەرز ئۆسۈمسىزلا بولىدىكەن، كىمدىن ئالسىڭىز ئېلىپ ئۆي ئالسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى تۆلىسىز بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوق.
2 ـ ئەگەر ئېلىنىدىغان قەرز ئۆسۈملۈك بولسا، ئۇنى ئېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۆسۈمدىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن قاتتىق مەنئى قىلغان.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆسۈم يېگەنلەر، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ: «سودا – سېتىق خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى اللە سودا – سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى اللەغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار جەھەننەم ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل ھالەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. اللە ئۆسۈمنى يوقىتىپ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. اللە ھېچبىر گۇناھكار نان كورنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغان ۋە زاكاتنى بەرگەنلەر بارغۇ، ئۇلار رەببىنىڭ يېنىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ھەرگىزمۇ قورقمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ. ئى مۆمىنلەر! اللەدىن قورقۇڭلار، تېخى قولۇڭلارغا ئۆتمىگەن ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، اللە ۋە اللەنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇم قىلمايسىلەر ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق ئىچىدە بولسا، ئۇنىڭغا قولى ئۇزارغىچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋېتىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى سىلەر اللەنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازا/مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ». بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275 – ئايىتىدىن 281 – ئايىتىگىچە.
مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىس:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار»، دېگەندە: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇلار قايسى گۇناھلار؟»، دەپ سورىغان كىشىلەرگە: «ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەك، سېھرىگەرلىك قىلماق، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەك، جازانىخورلۇق قىلماق، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماق، غازاتتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بوھتان چاپلىماق»، دېگەن. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ ئۆسۈم ئالغۇچى ۋە ئۆسۈم بەرگۈچىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ گۇۋاھچىسى ھەم خاتىرىلىگۈچىسىگە لەنەت قىلدى» مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۆھتەرەم قېرىندىشىم! بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، اللە تەئالانىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئەگەر ئىنسان بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىدا ئۇ شەرتكە رىئايە قىلىپ ياشىسا، اللەنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتى جەننەتتە باشلىنىدۇ ۋە جەننەتتە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ئۇ شەرتگە رىئايە قىلماي ياشىسا، اللە تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولۇپ ئاخىرەتتىكى ھاياتى دوزاختا باشلىنىدۇ ۋە دوزاختا داۋاملىشىدۇ. بىز ئالدى بىلەن بۇنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم.
بۇرادەر! بىز بۇ دۇنياغا ئىمتىھان قىلىنىش ئۈچۈن كەلگەن. ئىمتىھاننىڭ شەرتلىرى بىز خالىغاندەك بولمايدۇ. بەزىدە دىنىمىز چەكلىگەن ئىشلاردىن بىرەرىنى قىلىشقا توغرا كېلىپ قالىدۇ، مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا «مېنىڭ دىنىم بۇ ئىشتىن چەكلىگەن، مېنىڭ مۇسۇلمانلىقىم بۇ ئىشقا يول قويمايدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۇ ئىشتىن ساقلىنالىساق، مۇسۇلمان دېگەن سۈپىتىمىزنى ساقلاپ قالغان بولىمىز، شۇنداقلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولىمىز. ئەكسى تەقدىردە بىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقىمىز بولماي قالىدۇ.
دېمەك، مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ ئۆزگەرمەس ئىسمىمىز بولماستىن بەلكىدە ئېتىقادىمىزنى ۋە سۆز – ھەرىكىتىمىزنى ئىسلامىيەتكە ئۇيغۇن قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بىر سۈپىتىمىزدۇر. بۇ سۈپەتنىڭ ئىختىيارىي ھالدا بىرەر خاتالىققا قەدەم سېلىشىمىز بىلەن قولىمىزدىن كىتىشى مۇھەققەقتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
بۇ يەردە سىزگە شۇنىمۇ ئەسلىتىپ قويۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم: ئىسلام دىنى چارىسىز قالغانلارغا چارە تېپىپ بىرىدىغان بىر يول ئەمەستۇر؛ بەلكى ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ھاياتىنى باشقۇرىدىغان بىر ھايات نىزامىدىن ئىبارەتتۇر.
بۇ نىزامغا قارىتا ياشىغانلار مۇسۇلمان يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنغۇچى، بۇ نىزامغا قارىتا ياشىمىغانلار بولسا غەيرىي مۇسۇلمان يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنمىغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ تەئالا ھەر ئىككى تەرەپكە تولۇق ئەركىنلىك بەرگەن. لىكىن ئىككىنچى يولنى تاللىغانلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساب بىرىشنى ئويلاپ قويۇشى لازىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇسۇلمان دەيدىغان كىشى ھارامغا يېقىن بېرىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ سەۋر قىلىشى كىرەك. مۇشۇنداق قىلسا ئاللاھ ئويلىمىغان يەردىن نېئمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللا تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بىرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بىرىدۇ» (تالاق سۈرىسى 2-3-ئايەتلىرى).
«كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ» (تالاق سۈرىسى 5-ئايەت).