3§. باشقا گۇناھلار
ئاللاھ كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىنساننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن[1]، ئىنساننى بولسا سىناش ئۈچۈن ياراتقان[2]، شۇڭا ئۇنىڭ ئىچىدە ياماننى ئارزۇ قىلىدىغان نەپس[3] بىلەن ياخشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەقىلنى[4] بار قىلغان، يېنىدا ياخشىنى ئىلھام قىلىدىغان بىر ھەمراھ (پەرىشتە)، ياماننى ۋەسۋەسە قىلىدىغان بىر ھەمراھ (شەيتان) قويغان[5]، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى بىلەن ياماننى ئوخشاش مۇساپىدە قويغان ۋە ھەر ئىككىسىنى تونۇتقان[6]، ئاندىن ئۇنىڭغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاشتا تولۇق ئىختىيار بەرگەن[7].
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغان ئىنسان ئىمان ئېيتىدۇ، خالىغان ئىنسان كافىر بولىدۇ. خالىغان ئىنسان نەپسى بىلەن شەيتانغا ئەگىشىپ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ، خالىغان ئىنسان ئەقىل بىلەن پەرىشتىگە ئەگىشىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ[8]. نەتىجىدە ئىنسانلار كافىر، مۇسۇلمان، مۇشرىك، مۇئمىن، گۇناھكار، ئىتائەتكار، ئاسىي، تەقۋادار دەپ بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ[9].
ئاللاھ تائالا كۇفۇر، شېرىك، گۇناھ ۋە ئاسىيلىق قاتارلىق يامان ئىشلارنى قىلغان بەندىلىرىنى تەۋبە قىلىشقا چاقىرغان ۋە تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلۡ يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ أَسۡرَفُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ لَا تَقۡنَطُواْ مِن رَّحۡمَةِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَغۡفِرُ ٱلذُّنُوبَ جَمِيعًاۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ ٥٣﴾
«ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: ئى ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[10].
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە پەرقلىق ئۇسلۇبلار بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ نۇرغۇنلىغان ئىشلاردىن مەنئى قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ۋە كىچىكلىرىنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانغانلاردىن كىچىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ[11]. شۇنىڭدەك، چوڭ گۇناھلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا تەۋبە قىلىشىنىڭ لازىملىقىمۇ بىلدۈرۈلىدۇ[12]. ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىشتىن مەنئى قىلىشى ئۇنى ھارام قىلىش، ئۇنىڭدىن چەكلەش، ئۇنىڭغا جازا بەلگىلەش، قىلغۇچىغا لەنەت ۋە غەزەپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا بىر ئىشتىن بۇ ئۇسۇللارنىڭ بىرى بىلەن مەنئى قىلغان بولسا، ئۇ ئىش چوڭ گۇناھ، ئۇ ئىشقا ئېلىپ بارىدىغان يول، يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەب ۋە يەتكۈزىدىغان ۋاسىتىلار كىچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇلاردىنمۇ مەنئى قىلىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا زىنادىن مەنئى قىلىش بىلەن بىرگە ئەر – ئاياللارنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئاياللارنى باشقىلارغا مەخپىي زىننەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ مېڭىشتىن مەنئى قىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ چوڭ گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان يوللاردىنمۇ مەنئى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن چوڭ گۇناھنىڭ ئۆزىدىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن بۇنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[13]. تۆۋەندە مىسال ئۈچۈن گۇناھلاردىن بىرقىسمى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ:
1. ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَا تَقۡتُلُواْ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ … ٣٣﴾
«ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار»[14].
2. نامازنى تەرك ئېتىش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَخَلَفَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ خَلۡفٌ أَضَاعُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّبَعُواْ ٱلشَّهَوَٰتِۖ فَسَوۡفَ يَلۡقَوۡنَ غَيًّا ٥٩ إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ وَلَا يُظۡلَمُونَ شَيۡئًا ٦٠﴾
«ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان نەسىل كەلدى. ئۇ نەسىل نامازنى زايە قىلدى ۋە ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى يېقىندا تارتىدۇ. لېكىن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار ئۇنداق ئەمەس. بۇلار ھېچبىر زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن جەننەتكە كىرىدۇ»[15].
3. زاكاتنى بەرمەسلىك
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿… وَوَيۡلٞ لِّلۡمُشۡرِكِينَ ٦ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ ٧﴾
«مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار زاكاتنى بەرمەيدىغان ۋە ئاخىرەتكە كافىر بولغان كىشىلەردۇر»[16].
4. ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿… وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗا … ٣٦﴾
«ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار»[17].
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلمىغان كىشى ئۇلارنى قاقشاتقان بولىدۇ.
5. تۇغقانلارغا سىيلە – رەھىم قىلماسلىق
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿… وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِي تَسَآءَلُونَ بِهِۦ وَٱلۡأَرۡحَامَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَيۡكُمۡ رَقِيبٗا ١﴾
«ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر بىر – بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا ئۇنىڭ نامى بىلەن سورايسىلەر. تۇغقانلىرىڭلارغا سىيلە – رەھىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»[18].
6. زىنا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَا تَقۡرَبُواْ ٱلزِّنَىٰٓۖ إِنَّهُۥ كَانَ فَٰحِشَةٗ وَسَآءَ سَبِيلٗا ٣٢﴾
«زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ ناھايىتى قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر»[19].
7. جازانىخورلۇق
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿… وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلۡبَيۡعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰاْۚ … ٢٧٥﴾
«ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلدى»[20].
8. يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋىلىش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلۡيَتَٰمَىٰ ظُلۡمًا إِنَّمَا يَأۡكُلُونَ فِي بُطُونِهِمۡ نَارٗاۖ وَسَيَصۡلَوۡنَ سَعِيرٗا ١٠﴾
«يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار قورساقلىرىغا چوقۇم ئوت يەيدۇ ۋە يېقىندا دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ»[21].
9. ئاللاھقا بوھتان چاپلاش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ تَرَى ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَى ٱللَّهِ وُجُوهُهُم مُّسۡوَدَّةٌۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡمُتَكَبِّرِينَ ٦٠﴾
«ئاللاھقا بوھتان چاپلىغانلارنى، قىيامەت كۈنى يۈزلىرى قارىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن. چوڭچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر، شۇنداق ئەمەسمۇ!»[22].
10. زۇلۇم قىلىش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱللَّهَ غَٰفِلًا عَمَّا يَعۡمَلُ ٱلظَّٰلِمُونَۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمۡ لِيَوۡمٖ تَشۡخَصُ فِيهِ ٱلۡأَبۡصَٰرُ ٤٢ مُهۡطِعِينَ مُقۡنِعِي رُءُوسِهِمۡ لَا يَرۡتَدُّ إِلَيۡهِمۡ طَرۡفُهُمۡۖ وَأَفۡئِدَتُهُمۡ هَوَآءٞ ٤٣﴾
«ئى مۇھەممەد! زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھەرگىزمۇ ئاللاھنى خەۋەرسىز دەپ ئويلىمىغىن! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى كۆزلەر چەكچىيىپ كېتىدىغان كۈنگە كىچىكتۈرىدۇ. ئۇ كۈنى ئۇلار باشلىرى تىك، كۆزلىرى ئوچۇق، قەلبلىرى بوش ھالدا يۈگۈرۈشىدۇ»[23].
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 388 – 393.
داۋامى بار ….
[1] «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى» (2 – سۈرە بەقەرە، 29 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 – ۋە 33 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 – ۋە 14 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 36 – ، 37 – ۋە 65 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 20 – ۋە 29 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە فاتىر، 13 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 12 – ۋە 13 – ئايەتلەر).
[2] «ئاللاھ قايسىڭلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر» (قاراڭ: 67 – سۈرە مۇلك، 2 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 2 – سۈرە بەقەرە، 155 – ئايەت، 3 – سۈرە ئال ئىمران، 186 – ئايەت، 5 – سۈرە مائىدە، 48 – ۋە 94 – ئايەتلەر؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 165 – ئايەت، 11 – سۈرە ھۇد، 7 – ئايەت، 18 – سۈرە كەھف، 7 – ئايەت، 21 – سۈرە ئەنبىيا، 35 – ئايەت).
[3] قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 53 – ئايەت.
[4] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 100 – ئايەت، 8 – سۈرە ئەنفال، 22 – ئايەت، 10 – سۈرە يۇنۇس، 100 – ئايەت.
[5] قاراڭ: 50 – سۈرە قاف، 21 ~ 27 – ئايەتلەر.
[6] «شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر قىلغۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ» (قاراڭ: 76 – سۈرە ئىنسان، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەت: 90 – سۈرە بەلەد، 10 – ئايەت).
[7] «خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن» (قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت).
[8] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 256 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 3 – ۋە 4 – ئايەتلەر.
[9] قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە ئۇلارنىڭ ھەر بىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: 15 – سۈرە ھىجىر، 2 – ئايەت، 9 – سۈرە تەۋبە، 28 – ئايەت، 2 – سۈرە بەقەرە، 285 – ئايەت، 32 – سۈرە سەجدە، 12 – ئايەت، 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 7 – ئايەت.
[10] 39 – سۈرە زۇمەر، 53 – ئايەت.
[11] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 49 – ئايەت، 42 – سۈرە شۇرا، 25 – ۋە 37 – ئايەتلەر؛ 53 – سۈرە نەجم، 32 – ئايەت؛ 54 – سۈرە قەمەر، 53 – ئايەت.
[12] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 135 – ئايەت، 4 – سۈرە نىسا، 17 – ۋە 18 – ئايەتلەر.
[13] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 31 – ئايەت، 11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەت.
[14] 17 – سۈرە ئىسرا، 33 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 4 – سۈرە نىسا، 93 – ئايەت، 5 – سۈرە مائىدە، 32 – ئايەت، 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت، 25 – سۈرە فۇرقان، 68 – ئايەت.
[15] 19 – سۈرە مەريەم، 59 – ۋە 60 – ئايەتلەر. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 9 – سۈرە تەۋبە، 5 – ئايەت، 74 – سۈرە مۇددەسسىر، 42 – ئايەت.
[16] 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 6 – ۋە 7 – ئايەتلەر. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 180 – ئايەت، 9 – سۈرە تەۋبە، 34 – ۋە 35 – ۋە 75 ~ 77 – ئايەتلەر.
[17] 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 2 – سۈرە بەقەرە، 83 – ئايەت، 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت، 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ئايەت، 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 8 – ئايەت، 31 – سۈرە لۇقمان، 14 – ئايەت، 46 – سۈرە ئەھقاف، 15 ~ 18 – ئايەتلەر.
[18] 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 2 – سۈرە بەقەرە، 26 – ۋە 27 – ئايەتلەر، 13 – سۈرە رەئد، 20 – ۋە 21 – ئايەتلەر، 47 – سۈرە مۇھەممەد، 22 – ۋە 23 – ئايەتلەر.
[19] 17 – سۈرە ئىسرا، 32 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 25 – سۈرە فۇرقان، 68 – ۋە 69 – ئايەتلەر، 24 – سۈرە نۇر، 2 – ئايەت.
[20] 2 – سۈرە بەقەرە 275 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 2 – سۈرە بەقەرە، 275 ~ 279 – ئايەتلەر، 3 – سۈرە ئال ئىمران، 130 – ئايەت، 4 – سۈرە نىسا، 161 – ئايەت، 30 – سۈرە رۇم، 39 – ئايەت.
[21] 4 – سۈرە نىسا، 10 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 6 – سۈرە ئەنئام، 152 – ئايەت، 17 – سۈرە ئىسرا، 34 – ئايەت.
[22] 39 – سۈرە زۇمەر، 60 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 94 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 21 – ، 93 – ۋە 114 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 37 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 17 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 18 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 116 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 15 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 61 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 68 – ئايەت.
[23] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 42 – ۋە 43 – ئايەتلەر. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 26 – سۈرە شۇئەرا، 227 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 42 – ئايەت.