جاۋاب:
بولغان ئىشنى دېسىڭىز غەيۋەت، بولمىغان ئىشنى دېسىڭىز بوھتان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ھېچبىرىڭلار ياقتۇرمايسىلەر، ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» (ھۇجۇرات سۈرىسى 12- ئايەت).
بۇ ئايەتنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەر شەرھىلەپ بېرىدۇ:
1 ـ ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، قانداق مۇسۇلمان ئەڭ ئەۋزەل بولىدۇ؟»، دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزمىگەن كىشى»، دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2 ـ سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاغزىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلاشقا كېپىللىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىللىك قىلىمەن»، دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
3 ـ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: «غەيۋەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، دېۋىدى. ئۇلار: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭ ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى تىلغا ئېلىشىڭ»، دېۋىدى، ئۇلار: «مېنىڭ دېگەنلىرىم قېرىندىشىمدا راستىنلا تېپىلسىچۇ؟»، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بار نەرسىنى دېسەڭ غەيۋەت قىلغان بولىسەن. ئەگەر ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى دېسەڭ بوھتان قىلغان بولىسەن»، دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
4 ـ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتتى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى دوراپ بېرىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن ئۈچۈن شۇنداق پايدىلار بولسىمۇ، بىر كىشىنىڭ قىلىقىنى دوراشنى ياقتۇرمايمەن»، دېدى. (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).