قۇرئان يولى

بارائەت كېچىسى تۈنەمدۇق

ﺋﻪﺳﺴﻪﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ
ﻣﯚﮬﺘﻪﺭﻩﻡ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ! ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﻪﺑﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ (يەنى ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 8- ئېيىدا) ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮬ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗقىلى ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯگىلى ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﺋﺎﻣﯩﻦ!
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ئادەتتە ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14- ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ، 15- ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﯞﻩ 15- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﻪ «ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ «ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ–ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ-ماﺷﺎﻳﯩﺨﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔﺭﻭﮬﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﺍﺗﺴﺎﻕ ﺋﯘ ﺭﻭﮬﻼﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﻼﺭﺩﺍﻗﯘﻳﻤﺎﻕ، ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ ﯞﻩ ﭼﻪﻟﭙﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ.
ئاندىن ئۇ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ «ﻗﺎﺭﯨﻴﻼﺭ» ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ… ﻻﺭ «ﻗﺎﺭﺍﺧﯘﻧﯘﻡ» ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﺩﯗﺋﺎﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﺧﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺩﯨﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺑﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ– ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﯗﺋﺎ–ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ.
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯩﺰ ئادەتلەرگە ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ – ھەدىسنىڭ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ.
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ – ﭼﻪﻟﭙﻪﻙﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ، قەبىر بېشىغا ﺧﺎﺩﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ، قەبىر ئۈستىگە سۇ سېپىش ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.
ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯜﻧﻪﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻴﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺑﺎﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ «ﺋﯩﻤﺎﻡﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻴﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ- (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ، ﺳﯩﻴﺎﻡ 39).
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪﺩﯨﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺑﺎﺭ- (ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ، ﺋﯩﻘﺎﻣﻪﺕ 191). ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮬﻪﺩﯨﺴﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭗﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، بۇ توغرىدا ﺩﻩﻟﯩﻞﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺧﯘﻻﺳﻪ
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ: ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯖﻼ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﺒﺎﺋ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ-ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﺎﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﻧﺎﺯﯨﻞﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺩﻩﭖﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺩﻩﭖﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰﺋﯩﺨﻼﺳﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯧﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯﺩﻩﭖ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ، ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺘﯘﺭ. بۇ كۈن ۋە كېچىلەردە ﺑﺎﺷﻘﺎﻛﯜﻥ ﯞﻩ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.
ئاللاھ ئىمانىمىزنى شېرىكتىن، ئبادىتىمىزنى بىدئەتتىن ساقلىسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر