جاۋاب:
مۇسۇلمانلار دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن. باجدىن مەنپەئەتلىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭدىن ناھەق يوللار بىلەن مەنپەئەتلىنىشكە بولمايدۇ. لېكىن بىر ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر مۇسۇلمانغا ئىش ئورنى يىغىلغان باجدىن مائاش بەرسە، بۇ مائاش ئۇ مۇسۇلمان ئۈچۈن ھالال بولىدۇ. چۈنكى بۇ مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالغان بولىدۇ. مائاش بېرىلگەن پۇلنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىدىن بۇ مۇسۇلمان جاۋاپكار ئەمەس.