«سەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن كەھف ۋە رەقىم ئەھلىنى ئەجەبلىنەرلىك دەپ ئويلىدىڭمۇ؟
ئۆز ۋاقتىدا بىرقانچە يىگىت غارغا سىغىنىپ: «رەببىمىز! بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن بىر رەھمەت ئاتا قىل، بىزگە بىر قۇتۇلۇش يولى تەييارلا!» دېگەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكۈزدۇق، ئۇلار يىللارچە مۇشۇنداق قالدى.
ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسى ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۇخلىغانلىقىنى توغرا ھېسابلىيالايدۇ، بەلگىلەش ئۈچۈن.
ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەنى بىز ساڭا توغرا شەكىلدە ئېيتىپ بېرىمىز: ئۇلار رەببىگە ئىمان ئېيتقان بىر قانچە يىگىت ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى ئارتتۇرغان ئىدۇق.
ئۇلار ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ تۆۋەندىكى سۆزنى قىلغاندا بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدۇق: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. بىز ئۇنى قويۇپ ھېچبىر ئىلاھقا دۇئا قىلمايمىز. بولمىسا قالايمىقان گەپ قىلغان بولىمىز.
بىزنىڭ شۇ قەۋمىمىز بارغۇ، ئۇلار ئاللاھدىن غەيرىينى ئىلاھلار قىلىۋېلىشتى. قەۋمىمىز ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق بىر دەلىل كەلتۈرمەيدۇ؟ ئاللاھغا يالغان چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟».
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى مۇنداق دېدى: «مادامىكى سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا غارغا سىغىنىڭلار؛ رەببىڭلار سىلەرگە رەھمىتىنى يايسۇن، ئىشىڭلارنى ئاسان ۋە پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن».
قارىساڭ كۈن، چىققان چېغىدا ئۇلارنىڭ غارىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشەتتى، پاتقان چېغىدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەستىن سول تەرەپگە ئۆتۈپ كېتەتتى. ئۇلار بولسا، غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر بوشلۇقتا ئىدى. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ كىمگە ھىدايەت بەرسە، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرىۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان بىر دوست تاپالمايسەن.
ئۇلارنى كۆرسەڭ ئويغاق دەپ ئويلايتتىڭ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدا ئىدى. بىز ئۇلارنى گاھ ئوڭ يېنىغا، گاھ سول يېنىغا ئۆرۈپ تۇراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىتى بولسا، غارنىڭ بۇسۇغىسىغا ئالدى پۇتلىرىنى سوزغان ھالەتتە ئىدى. ئۇلارنى بۇ ھالەتتە كۆرگەن بولساڭ، دەرھال ئارقاڭغا قاراپ قاچاتتىڭ ۋە ئىچىڭگە قورقۇنچ تولۇپ كېتەتتى.
ئۇلارنى ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئاشۇنداق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دېدى. ھەمراھلىرى: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېدى. ئاقىسىدىن ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ. ھازىر سىلەر بىرىڭلارنى شۇ كۈمۈش پۇلۇڭلار بىلەن شەھەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ، قاراب بېقىپ قايسى تاماق پاكىز ۋە ياخشى بولسا ئۇنىڭدىن سىلەرگە بىرئاز ئوزۇق ئېلىپ كەلسۇن، ناھايىتى ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچكىمگە تۇيدۇرمىسۇن.
چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋالسا يا تاش ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا قايتۇرىدۇ. بۇ تەقدىردە ھەرگىزمۇ مۇرادىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر».
بىز ئۇلارنى قانداق ئۇخلىتىپ ئويغاتقان بولساق، شەھەر خەلقىنى ئۇلاردىن ئۇ شەكىلدە خەۋەردار قىلدۇق. بىز بۇنى، شەھەر خەلقىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھېچ شەك يوق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ قىلدۇق. ئۇ ئەسنادا شەھەر خەلقى ئۆز ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئىشى توغرىسىدا تالاش- تارتىش قىلىشاتتى: بەزىلىرى: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر بىنا سېلىڭلار. ئۇلارنى رەببى ئوبدان بىلىدۇ» دەيتتى. ئۇلارنىڭ ئىشىغا غالىپ كەلگەنلەر بولسا: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەلۋەتتە بىر مەسچىت سالىمىز» دەيتتى.
ئىنسانلارنىڭ بەزىسى: «ئۇلار ئۈچ كىشى ئىدى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. بەزىلىرى: «ئۇلار بەش كىشى ئىدى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار بۇنى قارىىسغا سۆزلەيدۇ. بەزىلىرى بولسا: «ئۇلار يەتتە كىشى ئىدى، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ». ئۇلارنى بىلىدىغانلار بەك ئازدۇر. شۇڭا سەن ئۇلار توغرىسىدا چوڭقۇر بىر مۇنازىرىگە كىرمە ۋە ئۇلار توغرىسىدا ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىما»- كەھف 18/9-22.