«ئى نەبىي! بىز، سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا فەيئ قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەن ئىگە بولغان دېدەكنى، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاناڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان قىزلىرىنى، ئۆزىنى نەبىيگە ھەدىيە قىلغان ۋە نەبىي نىكاھىغا ئېلىشنى ئىرادە قىلغان مۇئمىن ئايالنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭىلا ھالالدۇر. بىز مۇئمىنلارغا ئاياللىرى ۋە دېدەكلىرى توغرۇلۇق نېمىلەرنى پەرز قىلغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. بىز ساڭا بىر ھەرەج بولمىسۇن دەپ شۇنداق قىلدۇق. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/50.
بۇ ئايەتكە بېرىلگەن خاتا مەنا ۋە شەكىللەندۈرۈلگەن ئاڭ-پىكىرلەرمۇ دېدەكلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇش غايىسىگە توغرىلانغان. ئايەتتىكى ھۈكۈملەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرىمىزگە خاس بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەك ئاز قىسمىلا ئۇنىڭغا خاس قىلىپ كۆرسىتىلگەن. «قۇرئان يولى تۈركچە تەرجىمە ۋە تەپسىر» دە ئايەتكە بېرىلگەن مەنا مۇنداق:
«ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا سەن مېھىرلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەنلەردىن قول ئاستىڭدا بولغان ئاياللارنى، سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان ، ئاتاڭنىڭ قېرىندىشىنىڭ ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ قېرىندىشىنىڭ ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق. شۇنىڭدەك، باشقا مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭا خاس بولۇش شەرتى بىلەن، ئۆزىنى پەيغەمبەرگە مېھىرسىز بەخش ئەتكەن ۋە پەيغەمبەر نىكاھىغا ئېلىشنى خالىغان ئايالنىمۇ (ساڭا ھالال قىلدۇق). مۇئمىنلارغا جورىلىرى ۋە ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىز پەرز قىلغان نەرسىلەرنى بىلمەكتىمىز. بۇلار ساڭا ھېچقانداق ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەك مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر».
ئايەتنىڭ: «ئې نەبىي!» دەپ باشلانغان قىسمى:….«باشقا مۇئمىنلارغا ئەمەس، پەقەت ساڭىلا ھالال قىلدۇق» دېگەن ئىپادە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى ئۇ يەردىكى شەرتلەرنىڭ مۇئمىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىشى تۆت خوتۇن بىلەن چەكلىكتۇر. بۇ ئايەت پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن بۇنداق بىر چەكلىمىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ يېڭىدىن باشقا بىر خوتۇن بىلەن نىكاھلىنىشى مۇنۇ ئايەت بىلەن چەكلەنگەن:
{لَا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاء مِن بَعْدُ وَلَا أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ رَّقِيبًا}
«ئى مۇھەممەد! بۇندىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ- باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ- ساڭا ھالال بولمايدۇ. ئىگە بولغىنىڭ مۇستەسنا. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/52.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئمىنلارنىڭ نىكاھىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تويلۇقنى بەرگەن بولۇشى كېرەك ئەمەس. (قاراڭ: بەقەرە 2/236) ئۇلارنىڭ ئاتا تەرەپ تاغا-ھاممىلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، ئانا تەرەپ تاغا-ھاممىلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن ئۈچۈن بىرلىكتە ھىجرەت قىلغان بولۇش شەرتىمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتنىڭ داۋامى مۇنداق:
{قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِي أَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا}
«مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرى ۋە قول ئاستىدىكىلىرى توغرۇلۇق قايسى ھۆكۈملەرنى بەلگىلىگەنلىكىمىزنى ئەلۋەتتە بىلىمىز. بۇ ساڭا بىر ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر».
بۇ سەۋەبتىن ئايەتنىڭ كېچىك بىر قىسمىنى پەيغەمبىرىمىزگە خاس قىلىپ كۆرسەتكەن مۇنۇ تەرجىمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ:
«شۇنىڭدەك، باشقا مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭا خاس بولۇش شەرتى بىلەن، ئۆزىنى پەيغەمبەرگە مېھىرسىز بەخش ئەتكەن ۋە پەيغەمبەر نىكاھىغا ئېلىشنى خالىغان ئايالنىمۇ (ساڭا ھالال قىلدۇق)».
بىر مۇئمىن ئەر بىر ئايال بىلەن مېھىرسىز نىكاھلانسا، نىكاھى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن پەيغەمبىرىمىزگە بېرىلگەن رۇخسەت ئۇنىڭغا بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ خوتۇنىغا ھەر جەھەتتىن تەڭ كېلىدىغان بىر ئايالنىڭ تويلۇقىغا ئوخشاش تويلۇق (مېھىر مىسلى) بېرىشى كېرەك، ھەتتا بۇنداق كىشى ئايالىنى بىر يەردە بولماستىن تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا مەئرۇف مىقدارلاردا بەزى ماللارنى ئايالىغا بېرىش مەجبۇرىيىتىدە بولىدۇ (قاراڭ: بەقەرە 2/236). بۇمۇ بىر مۇھىم پەرقتۇر.
ئەسلى چوڭ خاتالىق چۆرىلەر توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئايەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمىگە مۇنۇ تەرجىمە بېرىلگەن:
«ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەنلەردىن قول ئاستىڭدا بولغان ئاياللارنى… ساڭا ھالال قىلدۇق».
بۇ يەردىكى خاتالىقنىڭ سەۋەبى ئايەتتىكى «فەيئ» دېگەن سۆزنىڭ غەنىيمەت دەپ تەرجىمە قىلىنىشىدۇر. فەيئ ئۇرۇش قىلماستىن ئېلىنغان نەرسە، غەنىيمەت ئۇرۇش قىلىش نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن نەرسە دېگەن بولىدۇ. فەيئ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
{مَّا أَفَاء اللَّهُ عَلَى رَسُولِهِ مِنْ أَهْلِ الْقُرَى فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ كَيْ لَا يَكُونَ دُولَةً بَيْنَ الْأَغْنِيَاء مِنكُمْ}.
«ئاللاھ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئېلىپ ئۆز ئەلچىسىگە فەيئ قىلغان ماللار ئاللاھ، رەسۇلۇللاھ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىنلىرى، يېتىملەر، مىسكىنلەر ۋە يولدا قالغانلار ئۈچۈندۇر. بۇ، ئۇ ماللارنىڭ بايلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر» ھەشىر 59/7.
غەنىيمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت بولسا مۇنداق:
{وَاعْلَمُواْ أَنَّمَا غَنِمْتُم مِّن شَيْءٍ فَأَنَّ لِلّهِ خُمُسَهُ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ إِن كُنتُمْ آمَنتُمْ بِاللّهِ وَمَا أَنزَلْنَا عَلَى عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ وَاللّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ}
«بىلىڭلاركى، ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولدا قالغانلارغا خاستۇر، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ھەق بىلەن باتىل ئايرىلغان كۈنى، يەنى ئىككى قوشۇن بەدرىدە توقۇنۇشقان كۈنى بىز بەندىمىزگە چۈشۈرگەن نەرسىلەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» ئەنفال8/41.
غەنىيمەتنىڭ 4/5 جەڭچىلەرگە بېرىلىدۇ. ئەمما فەيئ ئۇرۇش نەتىجىسىدە قولغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدا جەڭچىلەرنىڭ ھەققى يوق. بۇ سەۋەبتىن ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى مىسىر مۇقەۋقىسى پەيغەمبىرىمىزگە ھەدىيە قىلغان مارىيەنىڭ ئۇنىڭغا ھالال ئىكەنلىكى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئۇنىڭغىلا خاستۇر. باشقا مۇئمىنلارنىڭ بۇنداق بىر ھوقۇقى يوقتۇر.
ئەمەلىيەتتە ئەسىرلەر فەيئ ئەمەس، غەنىيمەتتۇر. ئۇرۇش نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەسىرلەرنى فەيئ دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئاندىن فەيئىگە غەنىيمەت مەنىسىنى بېرىپ مارىيەنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ھالاللىقىنى كۆرسىتىدىغان خۇسۇسىي بىر ھۆكۈمنى ئومۇمىي ھۆكۈم شەكلىگە كىرگۈزۈپ چۆرىلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشنى قۇرئاننىڭ ئىختىلاپسىز بىر ھۆكمىدەك كۆرسىتىش نېمىدېگەن چوڭ گۇناھتۇر!